busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 579 قىتىم كۆرۈلدى
93نەپەر بىماردىكى سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك شارچە ياللۇغنى داۋالاشتىن كىلىنكىلىق دوكلات
 سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى ئوتكۇر بۆرەك ياللۇغىنىڭ تولۇق ياخشىلانماسلىقى ياكى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بۆرەك شارچىلىرى ۋە بۆرەك توقۇلمىلىرى ياللۇغلىنىپ ،كىلىنكىدا سۇيدۇك مىقدارى ئازىيىش ،سۇلۇق ئىششىش ،سۇيدۇكتە قان، ئاقسىل بايقىلىش ،قان بىسىمى يۇقۇرلاش ،سۇيدۇكتىن زەھەرەلىنىش ئىپادىلىرى كۆرۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىردىكى كىسەللىك بولۇپ ،ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ .دوختۇرخانىمىزدا 2006ـ يىلى 6- ئايغىچە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كىلىپ چىققان سوزۇلما خارەكتىرلىك بۆرەك شارچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 93 نەپەر بىمارنى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئارقىلىق داۋالاپ كۆرنەرلىك ئۇنۇمگە ئېرىشتۇق .تۆۋەندە بۇ بىمارلارنى داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىپ ئۆتىمىز.
      1.ماتىريال ۋە ئۇسۇل:
1.1.ئادەتتىكى ماتىريال:بىمارلار ئىچىدە كېسەللىكى گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كىلىپ چىقققان 93 نەپەر بىمار كىلىنكىلىق كۆزىتىش ئوبىكتى قىلىندى ،بۇلار ئىچىدە جىنسىي ئايرىمىسى جەھەتتىن ئەرلەر 52 نەپەر بولۇپ %56 نى ،ئاياللار 41 بولۇپ %44 نى ئىگەنلەيدۇ؛ ياش پەرقى جەھەتتىن چوڭى 49 ياش ،كىچىكى توقققۇز ياش ؛كىسەللىك تارىخى جەھەتتىن ئەڭ ئۇزىقىغا ئۇچ يىل ،قىسقىسىغا ئۇچ ئاي بولغان .
1.2. دىئاگۇنۇز قويۇش:دىئاگۇنۇز قويۇشتا بىماردىكى تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر ،بەدەن بەلگىسى، كېسەللىك تارىخى ۋە قوشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويۇلدى.
1.3.داۋالاش:ئالدى بىلەن بىمارغا كىسەللىكنىڭ خارەكتىرى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاشنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە چۇشەنچە بىرىلىىپ ، كېسەللىكتىن ساقىيىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى .
   دورا بىلەن داۋالاشتا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنى پۇشۇرۇش ، بەدەندىن تازلاش ،ياللۇغ قايتۇرۇش ،قىززىتما پەسەيتىش ،سۇيدۇك ھەيدەش ،قان بىسىمىنى تۆۋەنلىتىش ، يۇرەك، مىڭە، جىگەر، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلدى.يەنى گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۇيدۇك ھەيدىگۇچى دورىلاردىن تۇخۇمى كەرەپشە، كاكىنەچ، تۇخۇمى كاسىنە، تۇخۇمى پەربۇزە،تۇخۇمى تەررە قاتارلىق دورىلاردىن 15 گىرامدىن ئىلىپ قوشۇپ ، مەتبۇخ تەييارلىنىپ ، كۈندە ئىككى قېتىم 70 مىللىلىتىردىن ،تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى . ماددا پىشقاننىڭ ئالامىتى كورۇلگەندىن كېيىن يۇقارقى دورىلارغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ ، كۇندە ئىككى قىتىم 70مىللىلىتىردىن ئىستېمال  قىلدۇرۇلۇپ ، گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازلاندى . ياللۇغ قايتۇرۇش ،سۇيدۇك ھەيدەپ ، قان بىسىمىنى چۇشۇرۇش مەقسىتىدە ئىزخىر، ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى 20گىرامدىن، ئىلىپ 300مىللتىر سۇدا قاينىتىپ، كۈندە 2قتقم تاماقتىن كىيىن 150مىللتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى، بابۇنە گۈلى، سىرىق چىچەك، شۇمشا ئۇرۇقى 10گىرامدىن، ھۆل بەديان غولنىڭ سىقىلغان سۈيى ياكى ياكى باديان قاينىتىلمىسنى بىلەن قوشۇپ داكنى نەمدەپ ئىلمان ھالدا بەل قىسىمغا قويۇلدى.مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كاكنەچ، قۇرسى بانادۇق، كۈندە ئىككى قىتىم يەتتە داندىن، مۇنزىچ جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قىتىم 10گىرامدىن، ئەرقى چۆبچىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى باديان كۈندە 3قىتىم 100مىللىتىردىن تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.بۆرەك، جىگەر،مڭە خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە خىمىر مەرۋايىت كۈندە 3قىتىم 3داندىن، خىمىر سەندەل كۈندە 2قىتىم 5داندىن، خىمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە 3قىتىم 3داندىن بىرىلىدۇ. كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغان كىيىن، ھەزىمنى ياخشىلاش بۆرەك ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە قۇرسى ئامىلەنۇشدارى كۈندە 2قىتىم 7داندىن، قۇرسى زەر ئۇنى كۈندە ئىككى قىتىم 7داندىن، قۇرسى سۆئىلەپ كۈندە ئىككى قىتىم 5داندىن، لوبۇبى كەبىر كۈندە 2قىتىم 7داندىن ئىستىمال قىلنىدۇ.
نەتىجە:
بىمارلارنى يۇقىرىقى ئۇسۇللار بويچە داۋالغاندىن كىيىن كىسەللىكى ساقايغىنى 36نەپەر بولۇپ%39نى ئىگلەيدۇ، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولغىنى 29نەپەر بولۇپ 31%نى ئىگلەيدۇ. ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 22نەپەر بولۇپ% 24نى ئىگلەيدۇ. ئۈنۈمى بولمىغانلار 6نەپەر بولۇپ% 6 نى ئىگلەيدۇ. داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى% 94گە يەتتى.
3. مۇھاكىمە:
 كىلىنكىلىق كۈزتىشىمىزدىن قارغاندا، غەيرى تەبئىي گەجسمىان بەلغەم خىلتىدىن كىلىپ چىققان سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكى كۆپ .كىسەللىكى ئەھۋالى نىسبەتەن ئىغىر،داۋالاشنى قوبۇل قىلىشمۇ تەس بولىدۇ.شۇڭلاشقا، داۋالاشتا غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلتىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىلنى بىرىش بىلەن بىللە، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
 ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282