بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 12 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 870 قىتىم كۆرۈلدى
67 نەپەر بىماردىكى مەزى بىزى ياللۇغنى داۋالاشتىن دوكلات
قىسقىچە مەزمۇنى: مەقسەت ؛مەزى-بىزى ياللۇغنى مۇنزىچ –مۇسھىل بىلەن ۋاننا دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمنى كۆرسىتىش، ئۇسۇل: 67 نەپەر بىماردىكى مەزى بېزى ياللۇغىنى غەيرى تەبئى خىلىت ئايرىمسى بويىچە تۇرگە ئايرىپ مۇنزىچ، مۇسھىل بىلەن ۋاننا دورىللىرنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش؛ نەتىجە: 67 نەپەر بىمار ئىچىدە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلار 59 نەپەر (%88.05)، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر ئالتە نەپەر (%8.9)، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر ئىككى نەپەر(%4.45)، داۋالاشنىڭ ئومۇمى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى %96.95؛ يەكۈن:ئۇيغۇر تېبابىتنىڭ ئەنئەنۋى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەزى بېزى ياللۇغنىڭ كىلنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمنى يۇقرى كۆتۇرىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مەزى بېزى ياللۇغى، ۋاننا، داۋالاش
مەزى بېزى ياللۇغى ياش، ئوتتۇرا ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان، بىمارنىڭ سۈيدۇك قېتىم سانى كۆپ، مىقدارى ئاز بولۇش، سىيىپ بولغاندىن كىيىن سۇيدۇك تۈگمىگەندەك سىزىلىش، سۇيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىش، سۈيدۈك يولى ئاغرىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپالىندىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. شىپاخانمىز 2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 6- ئايغىچە ئەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان 67نەپەر بىمارنى مۇنزىچ، مۇسھىل بىلەن سىرىتتىن ۋاننا دورىلىرنى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ۋە خاراكتىرىگە ئاساسەن بەدەن ئىچى-سىرتىدىن ماسلاشتۇرۇپ ئىشىلتىش ئارقىلىق داۋالاپ كۆرۈنەرلەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. تۆۋەندە بۇ بىمارلارنى داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىسنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1.ماتىريال ۋە ئۇسۇل:
1.1.ئادەتدىكى ماتىريال: 67 نەپەر بىمار ئېچىدە ياش ئايرىمسى جەھەتتە 20-30ياشقىچە بولغانلار 57 نەپەر بولۇپ %85.07 نى، 30-40 ياشقىچە بولغانلار ئالتە نەپەر بولۇپ %8.9 نى، 40-60 ياشەىچە بولغانلار تۆت نەپەر بولۇپ %5.9 نى ئىگەللەيدۇ؛ خىلىت ئايرىمسى جەھەتتىن غەيرى تەبئىي قان خىلتىدىن كىلىپ چىققانلار 28 نەپەر بولۇپ %41.79نى، غەيرى تەبئىي سەپرا خىلتىدىن كېلىپ چىققانلار 21 نەپەر بولۇپ %31.34نى غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلتىدىن كېلىپ چىققانلار 13 نەپەر بولۇپ %19.4 نى، غەيرى تەبئىي بەلغەم ىىلتىدىن كېلىپ چىققانلار 5 نەپەر بولۇپ %7.46 نى ئىگىلەيىدۇ.
1.2. دىئاگىنوز قۇيۇش: دىئاگىنوز قۇيۇشتا بىمارنىڭ كىسەللىك تارىخى، تىپىك بولغان كىلنىكىلىق ئىپادىسى، بىماردىن مەزىزى سۇيۇقلىقى ئېلىپ لابۇراتورىيىلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسى ۋەB تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۇرۇش نەتىجىسى ئاساس قىلىندى.
1.3. داۋالاش ئۇسۇلى: داۋالاشتا بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭئوخشىماسلىقغا قاراپ قان خىلتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنشىدىن بولغان بولسا، يەنى قان خىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرشىدىن بولغان بولسا قان تازىلاش مەقسىتدە شەربىتى كاكىنەچ، شەربىتى ئۆشبە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چۆبچىن بىر كۇندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، مەجۈنى ئۈشبە، ئىترىفىلچۆبچىن، ئىترىفىل شاھتەررە، قۇرسى كاكىنەچ، قۇرسى بانادۇق قاتارلىق دورىلار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 تالدىن ئىچىشكا بېرىلدى. كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىلىگەندىن كېيىن، ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسىتدە قۇرسى سالاجىت، جاۋارىش زەر ئۇنى قاتارلىق دڭرىلار بىر كۇندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 5 تالدىن ئىچىشكە بېرىلدى.
داۋالاش ۋاقتى15-30 كۇنگىچە بولدى.
سەپرا خىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگرىشىدىن بولغان بولسا سەپراخىلتىنىڭ مۇنزىچ-مۇسھىلى بىرىلگەندىن كىيىن بۇنىڭغا قوشۇپ، يەنى ئەرقىچۆبچىن، ئەرقى بەديان كۈنگە3قىتىم،ھەرقىتىمدا 50مىللىتىردىن، قۇرسى كاكنەچ،قۇرسى بانادۇق كۈنگە2قتىم ھەرقىتىمدا 5تەلدىن ئىستىمال قىلشقا بىرىلدى.سۈيدۈك يولدىكى ئىچىشىش،ئاغرىش ئالامىتى يەڭگىللىگەن، مەزى-بىزى سۇيۇقلىقىن لابراتۇرىيىلىك تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۆجەيرىلىرى،قىزىلقان ھۆجەيرىلىرى يوقىغان بولسا ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە قۇرسى سالاجىت،لوبوبى كەبىر،جاۋارىش زەرئۇنى قاتارلىق دورىلارنى كۈندە 2قىتىم، ھەرقىتىمدا 7تالدىن ئىچىشكە بىرىلدى.داۋالاش ۋاقتى 30كۈندىن 40كۈنگچە بولىدۇ.
كىسەللىكى بەلغەم خىلتىدىن بولغان بولسا بەلغەمنىڭ خالىس مۇنزىچ،مۇسھىل بىرىلىپ، كىلىنكلىق ئالامىتى يوققىغان، قوشۇمچە تەكشۈرگەندە نورمال بولسا ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە لوبوبى كەبىر،جاۋارىش كۇندۇر،مەجۇنى سۆلەب،مادەتۇلھايات،ھەببى ئازراقى،ھەببى ئىمساك قاتارلىق دورىلار كۈندە 2قىتىم،ھەرقىتىمدا 5تالدىن ئىچىشكەبىرىلدى.
داۋالاش ۋاقتى 30-15كۈنگچە بولدى.
كىسەللىكى غەيرى تەبئى سەۋدا خىلتىدىن بولغان بىمارلارغا سەۋدا خىلتىنىڭ خاس مۇنزىچ، مۇسھىلى بىرىلىپ، ئارقىدىن شىپاخانمىزدا تەييارلىغان ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادىنى تۆۋەنكى قورساق قىسمى ھەم دوۋساق ساھىدىگە تىڭىلىدۇ، سۈيدۇۈك يولدا ئىچىىش ئىغىر بولغان بىمارلارغا قارتا شىپاخانمىز تەييارلىغان سۇفوفى كاكنەچنى قاينىتىپ 500مىللىتىر سۇيۇقلىق ئىلىپ، ۋاننا ماشىنىسغا 100مىللىتر قۇيۇپ، 15 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاننىغا ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بىمارغا قۇرسى كاكنەچ، قۇرسى بانادۇقبىر كۈندە 3قىتىم ، ھەر قىتىمدا 5تالدىن ئىچىشكە بىرىلدى. ئەرقى شوخلا كۈندە 3قىتىم،ھەرقىتىمدا 100مىللىتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى. كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋايى تەرەنجىبىن،لوبوبى كەبىر،جاۋارىش زەرئۇنى، ئەنجۈر شەربىتى، قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقتىداردا ئستىمال قىلدۇرۇلدى. داۋالاش ۋاقتى 45-60كۈنگىچە بولدى.
بىماردىكى تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەت تۈگگەندىن كىيىن ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە ئەنجۈر شەربىتى تەييارلاپ ئىچكۈزۈلدى.تەركىبى:ئەنجۈرقىقى 500گىرام،نوقۇت 200گىرام،سۆئىلەپ مىسرى،دارچىن، خۇلىنجان، قەلەمفۇر 30گىرامدىن،زەفە 3گىرام،لىسانۇل ئاسافىر 30گىرام، نوقۇتنى چىلاپ ئاقلاپ ئەنجۈرنىڭ شىرنىسىنى ئىلىپ قائىدە بويچە شەربەت تەييارلاپ كۈنگە 15مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ . ئۇندىن باشقا لوبوبى كەبىر، مەجۇنى سۆئىلەپ، جاۋارىش زەرئۇنى قاتارلىق دورىلار مۇۋاپىق مىقتىداردا بىرىلدى.
2. نەتىجە
67 نەپەر بىمارئىچىدە داۋاەلاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولغانلار 59 نەپەر بولۇپ% 88.05، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 6نەپەر بولۇپ% 8.9نى، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر 2نەپەر بولۇپ% 4.45 نى ئىگلەپ داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى 95.96%گە يەتتى.
3. مۇھاكىمە:
بەزىلەر مەزى-بزى ياللۇغنى داۋالاشتا ئۇيغۇر تىبابىتىنڭ ئەنئەنۋى داۋالاش ئۇسۇلدىن چەتنىگەن ھالدا تىز ئۈنۈم قازنىشنىڭ نىشانى قىلۋالىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلبىڭ كىلىنكىلىق ئۈنۈمى نىسبەتەب تىز كۆرۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما كىسەللىكىنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەپچىسنى يوقىتالمايدۇ، پەقەتلا مەزى-بىزىدىكى جاراسىملارنى ۋاقىتلىق يوقتىش بىلەنلا كۇفايىلىنىدۇ. شۇڭا داۋالاشنىڭ ھەربىر باسقۇچىدا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ كىسەللىك سەۋەپچىسنى بايقاشتىكى ئەنئەنۋى ئۇسۇلىنى، ئورگانىزىمغا بىر پۈتۈنلىك نوقتىنەزىرىدە قاراش ئالاھىدىلكىنى نىگىز قىلىش كىرەك، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقى، ئەزالار مىزاجى، قۇۋەتلەر نورمالسىزلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەزى-بىزى ۋە باشقا ئەزالاردىكى كىسەلىلىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاشنىڭ ئاچقۇچلىق تەرىپى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش كىرەك.
ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت