busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 12 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 723 قىتىم كۆرۈلدى
38 نەپەر بىماردىكى بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاش ئۈنۈمنى كۈزتىش
  قىسقىچە مەزمۇنى :
مەقسەت:بورەك ئورۇقلاشتن بولغان جىنىسى ئاجىزلىقىنىڭ خاس داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە؛ئۇسۇل: بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان 38نەپەر بىمارنى كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ، شۇ تۈرگە خاس بولغان مۇنزىچ، مۇسھىلغا ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش؛نەتىجە: 38 نەپەر بىمار ئىچىدە كىسەللىكى ساقايغانلار 17نەپەر(%44.7)، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولغانلار 11نەپەر(% 29.1)،ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 7نەپەر(%18.4)، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر 3نەپەر(%7.8 )، داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى%92.2 ؛يەكۈن:بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنى كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپلەرگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ، شۇ تۈرگە خاس بولغان مۇنزىچ،مۇسھىلغا ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، دورىنىڭ بەدەندە ئۈنۈم جەھەتتىن ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بۆرەك فونكىسىيسىنىڭ كۈچىيشىنى تىزلىتىپ، بىماردىكى جىنسى ئاجىزلىق ئىللەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىدۇ.
    ئاچقۇچلىق سۆزلەر: بۆرەك ئورۇقلاش ، جىنسى ئاجىزلىق، داۋالاش.
     بۆرەك ئورۇقلاش بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلىشى، جىنسى ئالاقىنى كۆپ قىلىش، ئىستىفراق خۇسۇسىيتىگە ئىگە دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، بۆرەكتىكى ھەرخىل سوزۇلما خاراكتىرلىك ياللۇغنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغ ئازىيىپ، بىماردا باش ئاغرىش، جىنسى ئىقتىدار تۆۋەنلەش، بەدەن ئورۇقلاش، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلنىدىغان كىسەللك. شىپاخانمىزدا 2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 1-ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان 38 نەپەر بىمارنى كىسەللىك ئىتبارى بويچە بىرىلگەن مۇنزىچ-مۇسھىلغا داۋائى تەرەنجىبىن بىلەن ھالۋائى بەيزىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرىش ئارقىلىق كۆرنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق. تۆۋەندە بۇكىسەللىكنى داۋالاش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسنى دوكلات قىلىپ ئۆتىمىز.
1. ماتىرىيال ۋە ئۇسۇل:
 1.1. ئادەتتىكى ماتىرىيال :بىمارلار ئىچىدە كېسەللىكى سەپرا خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئي ئۆزگىرىشىدىن بولغانلار 10نەپەر بولۇپ %26.5نى،سەۋداخىلىتىنىڭ غەيرى تەبئي ئۆزگىرىشىدىن بولغانلار توققۇز نەپەر بولۇپ %23.6نى،كۆپ جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بولغانلار 12نەپەر بولۇپ %13.5نى،كېسەللىكى سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى تەسىرىدىن بولغانلار 5نەپەر بولۇپ %13.1نى،كۆپ ئىچ سۈرۈش سەۋەبىدىن بولغانلار ئىككى نەپەر بولۇپ %5.3نى ئىگىلەيدۇ؛ياش ئايرىمىسى جەھەتتىن 15-25ياشقىچە بولغانلار 16نەپەر بولۇپ %42.1نى،25-35ياشقىچە بولغانلار 12نەپەر بولۇپ %31.5نى،35-50ياشقىچە بولغانلار 10نەپەر بولۇپ %26.5نى ئىگىلەيدۇ؛كېسەللىك تارىخى جەھەتتىن ئەڭ ئۇزۇنلىرىغا ئۈچ يىل،ئەڭ قىسقىلىرىغا ئالتە ئاي بولغان،
1.2. دىئاگنوز قويۇش:دىئاگنوز قويۇشتا بىماردا كۆرۈلگەن تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر (بەل ئاغرىش،جىنسي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش،كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش.باش ئاغرىش،)،بەدەن بەلگىسى (بەدەن ئورۇقلاش بۆرەك ئۇدۇلىنى تۇتقاندا سوغۇق بىلىنىش،تومۇرى ئىنچىكە ئاستا ياكى ئىنچىكە تېز سوقۇش)،كېسەللىك تارىخى (ئەمەلىي ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇققا يولۇقۇش،شۇ خىل تەبىئەتتىكى يېمەك ئىچمەكلەرنى كۆپ ھەم ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىش،جىنسي ئالاقىنى كۆپ قىلىش،ئىستىپراغ خۇسۇسىيتىگە ئىگە دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش،بۆرەكتىكى ھەرخىل سوزۇلما خاراكتىرلىك ياللۇغنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى )ھەمدە لابراتورىيلىك ۋە ب تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش (قان تەكشۈرگەندە قىزىلقان ھۈجەيلىرىنىڭ سانى ئازىيىش،بۆرەكنى تەكشۈگەندە نىسبەتەن كىچىكلەش ئىپادىسى كۆرۈلۈش )نەتىجىسىنى ئاساس قىلدۇق.
.1.3داۋالاش:بىمارلار بالنىسقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر تېبابەتچىىلىكىنىڭ مەزكۇر كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا بىمارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ كېسەللىكىدىن ساقىيشىغا بولغان ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى.زىيادە قۇرۇق ياكى ئىسسىق تەبئەتلىك،غىدىقلىغۇچى،ئاچچىق-چۈچۈك غىزالادىن پەرھىز قىلىپ،ئىسسىقلىق كالورىيسى مۇۋاپىق بولغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش تەكىتلەندى.يەنى پىندىق مېغىزى،پىستە مىغىزى،بادام مېغىزى،ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار خۇرۇچ قىلىنىپ پىشۇرۇلغان نان،ھالۋا،چالا پىشقان تۇخۇم،پىتىر نان،باجكا گۆشى،قوي دۈمبىسى يېغى،بۆرەك يېغى ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلدى.
دورا بىلەن داۋالاشتا،ئالدى بىلەن سەۋەبكە قارىتا تەڭشەش،پۇشۇرۇش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىپ،ئاساسىي داۋالىغۇچى ۋە كۈچەيتكۈچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاندى.يەنى كېسەللىكى غەيرى تەبئىي سەپرا خىلىتىدىن ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشىدىن پەيدا بولغان بىمارلارغا قارىتا غەيرى تەبئىي سەپرا خىلىتىنىڭ خالىس مۇنزىچ،مۇسھىلى بېرىلدى ھەمدە خەشخاش ئۇرۇقى،تاتلىق قاپاق مېغىزى،چىگىت مېغىزى 30گرام ئېلىنىپ،كالا سۈتى بىلەن بىرگە قاينىتىپ ئىچكۈزۈلدى.يەنە ئۆردەك يېغى،توخۇ يىغى، غاز يېغى قاتارلىق بەدەن سىرتىدىن بۆرەك ئۇدۇلنى مايلاشقا بېرىلدى. بۇ باسقۇچتقن كېيىن بېمارغا يەنمۇ ئىلگىلرىگەن ھالدا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش، بۆرەك خىزمىتنى كۈچەيتىش، رەئىس ئەزالىرنى قۇۋەتلەش مەخسىتدە داۋائېل تېرەنجىبىن، ھالۋائى بەيزە،لوبوبى كەبىر، لوبوبى ئەبرىشىم، داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشىلتىلدى.
كېسەللىكى غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلتىدىن، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن، ئىستىپراغ خۇسۇسىيتىگە ئىگە دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن پەيدا بولغان بىمارلارغا غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ خالىس مۇنزىچ، مۇسھىلى بېرىلدى ھەمدە سەقەنەۇر، قۇستە شېرىن، مەستىك رۇمى، ياڭاق مېغىزى، بۇقا چۈيسى   10gدىن، شاقاقۇل مىسرى، رۇم بادىيان، سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، قارا ھېلىلە، پىياز ئۇرۇقى، سۆلەپ مىسرىg15دىن، قارا كۇنجۇت، ئاق مۇچ، زەنجىۋىل، زەپەرg5دىن، قۇچقاچ مېڭسى، جوز بۇۋا، بەسباسە، قىزىل پىياز سۇيى g30دىن، ناۋات بىر ھەسسە، ھەسەل .ىككى ھەسسە ئېلىنىپ، قائىدە بويچە مەجۇن تەييارلانغاندىن كېيىن، كۇندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا g10دىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى. كېيىنكى باسقۇچتا ھالۋائىي بەيزە، داۋائىل تەرەنجىبىن، جاۋارىش زەر ئۇنى، مەجۇنى سۆلەپ، ماددەتۇل ھايات، ئەبرىشىم شەربىتى، داۋائلمىشكى مۆتىدىل قاتارلىق دورىلار بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشىلتىلدى.
1.4. داۋالاش ئۈنۈمگە باھابىرىش ئۆلچىمى: بۇ كىسەللىكىنى ساقايتىش، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولۇش، ئۈنۈمى كۆرۈلۈش، ئۈنۈمى كۆرۈلمەسلىك دەپ تۆت دىرىجىگە ئايرىلىدۇ.كىسەللىكىنى ساقايتىش: دىئاگنۇز قويۇشتا ئاساس قىلىنغان تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر ۋە بەدەن بەلگىسى پۈتۈنلەي يوقۇلۇش ،لابراتۇرىيلىك ۋە B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇن ئاپراتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال ئۆلچەمگە تولۇق يىتىش، ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولۇش: تىپك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر ۋە بەدەن بەلگىسى يوقۇلۇش، لابراتۇرىيلىك ۋە B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇن ئاپراتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال ئۆلچەمگەيىتىش، ئۈنۈمى كۆررۈلۈش: تىپىك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر ۋە بەدەن بەلگىسى ئاساسەن يوقۇلۇش، لابراتۇرىيلىك ۋە B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇن ئاپراتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساسەن نورمال ئۆلچەمگەيىتىش، ئۈنۈمى كۆرۈلمەسلىك: كىلىنكىلىق ئالامەتلەر، بەدەب بەلگىلىرى، لابراتۇرىيلىك ۋە B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇن ئاپراتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەسلىدىكىدىن ئۆزگىرىش بولماسلىق.
2. نەتىجە:
 38 نەپەر بىمارنى داۋالاش نەتىجىسنى يۇقىرى ئۆلچەم بويچە باھالاپ كۆيگنىمىزدە، كىسەللىكى ساقايغانلار 17نەپەر بولۇپ 44.7% نى ئىگلەيدۇ، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولغانلاار 11نەپەر بولۇپ 29.1% نى،ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلەر 7نەپەر بولۇپ 18.4% نى، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر 3نەپەر بولۇپ 7.8% نى ئىگلەپ، داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى 92.2%گە يەتتى.
3. مۇھاكىمە:
   1.3.بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىشلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، جەريانى بىرقەدەر مۇرەككەپ ھەم ئۇزاقراق، بىماردا پەيدا قىلغان كىلىنكلىك ئىپادىلىرىمۇ ئىنىق بولمىغاچقا، بىماردا كىسەللىكىلكتوغۇرسىدا بەزى گۇمانى قاراشلارنى تۇغدۇرۇپ قويدۇ. شۇڭلاشقا تىۋىپ مۇندا بىمارلارغا قارتادىئاگنۇزغا ئىشەندۈرۈشى، كىسەللىكى توغۇرسىدا مەلۇم چۈشەنچىلەرنى برىشى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلكىنىڭ مەزكۇر كىسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئالاھىدىلكىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا، بىمارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ كىسەللكىتىن ساقىيشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇغۇزۇش ئىنتايىن موھىم.
3 .2. بۇ كىسەل ياشلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ،چۈنكى ياشلارنىڭ مىزاجى ئىسىققا ماھىل بولۇپ، سەپرا خلتىنىڭ بەدەندىكى ىىشمەت سەرپىياتى كۆپرەك، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى نىسبەتەن تىز، سىرىتقى غىدىقلىنىشنى قۇبۇل قىلىشچانلىقمۇ كۈچلۈك، يەنى كىلىپمۇ قۇۋىتى شەھۋانىينىڭ قوزغىلىشچانلىقمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بۇ|خىل ئەھۋاللار ياشلاردا ئاسانلا جىنسى ھەۋەس قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ، تەدرىجى ھالدا جەمئيەتتىكى يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرى كۆرسىتىشى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزدە جىنسىيەت جەھەتىكى بەزى ناچار ئادەتلەر (جەلەق دىگەندەك)نىڭ شەكىلنىشىگە ئىلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە بەدىنىدىن ئىنرگىينىڭ كۆپلەپ سەرىپ بولىشى بىلەن ئەزالارغا ئوزۇقلىق يىتىشمەي، بەدەندىكى مايلارنىڭ پارچىلۋىنىشنى تىزلىتىۋىتىپ، بۆرەك ياغلىرىنىڭ ئىرىپ تۈگىشى بىلەن تەدرىجى ھالدا بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنى پەيدا قىلدۇ، شۇڭلاشقا ئەسلى سەۋەپچى ماددىنى ئىنىقلانغاندىن كىيىن، پۇشۇرۇش، تەنقىيە قىلىش، ئاندىن ھۆل ئىسىق تەبيەتتىكى مۇرەككەپ دورىلارنى ئاساسلىق قىلپ ئىشلىتىشنى ياشلاردىكى بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ پىرىنسىپى قىلىش كىرەك دەپ قارىدۇق.
3.3. بىز كىلىنكىدا سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشى ياكى ئۇزۇن مۇددەت سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ئىششىقى بىلەن ئاغرىغاندىمۇ، ئوخشاشلا بۇكىسەللىكىنىڭ كۆپ يۈزبىرىدىغابنلىقىنى بايقىدۇق. تەھلىل قىلشىمىزچە، يۇقىرىقى ھەرئىككى خل سەۋەب بۆرەككە ئوزۇقلىق يىتىشمەسلىكىنى، بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغۇچى مايلارنىڭ شەكىلنىشىنى توسقۇنلىققا ئۇچرتىشنى، يەنى، غەيرى تەبئىي سەۋداە خلتى قان-تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلىش بىلەن تەدرىجى ھالدا بۆرەك خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرشىنى، بۆرەك ئىشىققنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى تەدرىجى ھالدا بۆرەك ياغلىرىنىڭ ئىرىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئاساسى مىخانىزىم قىلغان. شۇڭا داۋالاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا مۇناسىپ مۇنزىچ،مۇسھىل بىرىلگەندىن كىيىن، رەئىس ئەزالارنى كۈچەيتىپ، قۇۋەتلەر خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ، بەدەننىڭ تەبئىيەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش، داۋالاشنىڭ ھالقىلىق تەرىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
  ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282