بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 12 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 477 قىتىم كۆرۈلدى
153نەپەر بىماردىكى ماددىلىق ۋە ماددىسىز سەۋەپلىك مەزى بىزى ياللۇغنى داۋالاشتىن دوكلات
قىسقىچە مەزمۇنى:مەزى بېزى ياللۇغى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان،جىنسي ئاجىزلىق، سۈيدۈكنىڭ ئالدى-كەينىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كىلىش، سۈيدۈك تامچىلاپ كىلىش،قىتېم سانى كۆپ مىقدارى ئاز بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.كۆپىنچە مىزاجنىڭ ماددىلىق ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى،مەنىي ۋە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى تولۇق چىقىپ كىتەلمەي مەزى بېزى ئارقىمۇ ئارقا غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ،تەدرىجى ھالدا قان قىيىش پەيدا بولۇپ قاننىڭ تەبئىي ھارارىتى يۇقىرلاپ ۋە چىرىپ ئۇفۇنەت پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا مەنىي تىز كېتىش،بەل،ئىككى يوتا تىلىپ ئاغرىش،سۈيدۈكنىڭ ئالدى كەينىدە شىلىمشىقلىق سۇيۇقلۇق كېلىش،سۈيدۈك قىستاش،سۈيدۈك ئىچىشىپ ئاغرىتىپ كېلىش،سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش،جىنسي ئەزا بىلەن مەقئەت ئارىلىقى چىمىلداپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.تەرەققى قىلسا سۈيدۈك يىرىڭ،قان ئارىلاش كېلىدۇ.
ئاچقۇچلىق سۆزلەر:مەزى بىزى ياللۇغى،داۋالاش،دوكلات
شىپاخانمىز 2002-يىلى1-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە مەزى-بىزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان ،153 نەپەربىمارنىڭ كىسەللىكنى داۋالاپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتى.تۆۋەندە داۋالاشنىڭ جەريانى ۋەنەتجىسنى دوكلات قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتىرىغا قويمىز.
ماتىرىيال ۋە ئۇسۇل
ئادەتتىكى ماتىرىيال
153نەپەر ئىچىدە 20-30ياشقىچە بولغانلار 65 نەپەر بولۇپ45.7%نى ؛35ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلار 55نەپەر بولۇپ36%نى ئىگلەيدۇ،45ياشتىن ئاشقانلار 33نەپەر بولۇپ 18.3% نى تەشكىل قىلدۇ.بىمارلار ئىچىدە ماددىلىق سەۋەبتىن ئاغرىغانلار 71 نەپەر بولۇپ 46.4%نى؛ماددىسىز سەۋەبتىن ئاغرىغانلار 82 نەپەر بولۇپ 53.6% نى تەشكىل قىلدۇ.كىسەللىك تارىخى ئەڭ ئۇزۇنلىرىنىڭ 3يىل،ئەڭ قىسقىلىرىنىڭ 2ئاي.
داۋالاش ئۇسۇلى
كىسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىققا ئاساسەن ماددلىق سەۋەبتىن كىسەللەنگەن بىمارلاربىلەن ماددىسىز سەۋەبتىن كىسەللەنگەن بىمارلارغا قارتا پەرىقلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلدى.
ماددىلىق سەۋەبتىن بولغان مەزى-بىزنى ياللۇغنى داۋالاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن ھەربىر بىمارغا تۆۋەندىكى شەربەت 10كۈندىن15 كۈنگىچە ئىچكۈزۈلدى.
تەركىبى:بىخ بەديان،ئوغۇر تىكەن،ئۆشبە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 30گىرامدىن،بىنەفشا،بەديان،گاۋزىبان،پىر سىياۋشان،شوخلا،رۇم باديان، چۆبچىن، قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 20گىرامدىن،تەرخەمەك ئۇرقى30گىرام،كاكنەچ 35گىرام،قۇغۇن ئۇرۇغى 100گىرام،خەشخەش پوستى 15گىرام،شىكەر 250گىرام؛دورىلارنى 3لىتىر سۇغا 8سائەتچىلاپ،سۇنىڭيىرىمىقالغۇچە قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ،كۈندە 3قىتىم ھەرقىتىمدا 100-150مىللىتىرگچە ئىچكۈزۈلدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن تۆۋەندىكى شەربەت بىمارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ4كۈندىن 7كۈنگىچە ئىچكۈزۈلدى.تەركىبى:بىنەفشە،كافۇر،پىرسىياشان،گاۋزىبان،بىخ باديان،شاھتەرە،چۆبچىن، زەجۇبە،مامرانچىنى قاتارلىقلارھەربىر 15 گىرامدىن ،ئوغۇرتىكەن 21گىرام، يەرلىك شوىلا،تەرخەمەك ئۇرقى،كاكنەچ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 30گىرامدىن،قاپاق مىغىزى،ئەرەپ يىلمى،بەديان قاتارلىقلارنىڭ ھە بىرى 10گىرامدىن،شىكەر150گىرام؛دورىلارنى دورىلارنى 3لىتىر سۇغا 8−ائەتچىلاپ،سۇنىڭيىرىمىقالغۇچە قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ،كۈندە 3قىتىم ھەرقىتىمدا 100-150مىللىتىرگچە ئىچكۈزۈلدى.بۇ دورىلارغا بىرلەشتۈرۈپ قۇرسى كاكنەچ،قۇرسى بانادۇق قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەربىرىنى كۈندە2قىتىم ھەرقىتىمدا 7داندىن 9دانغىچە،ئەرقى شوخلا،ئەرقى چۆبچىن قاتارلىق دورىلار كۈندە3قىتىم،ھەرقىتىمدا 150مىللىتىردىن ئىچكۈزۈلدى.بىمارلاردىكى سۈيدۈكنىڭ كۆيىشىىپ كىلىشنى پەسەيىپ سۈيدۈك رەڭگەى ئاقارغاندىن كىيىن بۆرەكنى ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە `لوبۇبى كەبىر،جاۋاراش زەرئۇنى،مەجۇنى سۆئىلەب قاتارلىق دورىلار كۈندە 2قىتىم،ھەرقىتىمدا كۆرسەتمە بويچە ئىچكۈزۈلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا دوختۇرخانمىزدا تەييارلانغان «ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى»7كۈندىن 11كۈنگىچە سىرتىدىن دوۋسۇن ئۈستىگە تىڭىلىدۇ.سۈيدۈك تامچىلاپ كىلىش،سۈيدۈك يولى ئىچىشىش ئىغىر بولغان بىمالارغا دوختۇرخانمىزدا ياسالغان سۇفۇفى كاكنەچنى قاينىتىپ ھوردا داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.
ماددىسىز سەۋەبىدىن بولغان مەزى بىزى ياللىغۇنى داۋالاش ئۇسۇلى
ماددىسىز سەۋەبىدىن بولغان مەزى بىزى ياللىغۇغا قارىتا سەۋەبچى ئامىللارنى تۈگىتىش،ئەزالارنى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇۋۋەتلەش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر بىمارغا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى شەربەت 7كۈندىن15كۈنگىچە ئىچكۈزۈلدى.
تەركىبى؛پىرسىياۋشەن،ئۈستىقۇددۇس، ئودسەلىپ،گاۋزىبان قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 30گىرامدىن ، بىخ سۇس،بەدىيان،بىخ كەرەپشى،ئاق لەيلى ئۇرىقى،گۈل بىنەپشە ، قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 20گىرامدىن، قىزىلگۈل25گىرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم100گىرام، سەرپىستان 35گىرام، پىلە غوزسى25گىرام، شىكەر500گىرام.
دورىلارنى2لىتىر سۇغا 8سائەت چىلاپ، سۇنىڭ يىرىمى قالغۇچە قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ كۈندە 3قىتىم ھەرقىتىمدا 150مىللىلىتىر دىن ئىچكۈزىلدۇ. بىماردىكى سۈيدۈك ۋە مەزى بىزى سۈيۇقلىقى تېمىپ كېلىش ئەخۋالىغا قارىتا تۆۋەندىكى سۇپۇپ ئىچكۈزىلىدۇ.
تەركىبى؛ئانار گۈلى،قىزىل گۈل،خىرپە ئۇرقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى 15گىرامدىن ،سىرىق چىچەك ئۇرقى10گىرام،خورما ئۇرقى5گىرام، شاھى بەللۇت10گىرام، كۇندۇر9گىرام،بەزرۇلبەنجى 7گىرام، موزا9گىرام ،شىكەر100گىرام.
دورىلارنى سوقۇپ تاسقاپ سوپۇپ تەييارلاپ،كۈندە3قىتىم، ھەرقىتىدا15گىرامدىن 20گىرامغىچە ئىچكۈزىلىدۇ. داۋائى تەرەججىبىن ۋەشەربىتى تىيىن قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ.
شەربىتى تىيىننىڭ تەركىبى؛ئەنجۈر قىقى500گىرام،نوقۇت200گىرام، شاقاقۇل، سۆئىلەپ،دارچىن، خولىنجان،قەلەمپۇر،لىسانۇئەسافر قاتارلىقلار30گىرامدىن، زەپە3گىرام،شىكەر500گىرام.
نوقۇتنى چىلاپ.ئاقلاپ قۇرتۇپ سوقۇپ،ئەنجۈرنى چىلان شىرنىسىنى چىقرىپ،قىيام قىلىپ ،قالغان دورىلارنى سوقۇپ ،تاسقاپ،ئارلاشتۇرۇپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ كۈندە3قىتىم 15گىرامدىن ئىچكۈزىلدۇ.ئاخىردا بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ جاۋارىش كۇندۇر،ھەببى ئازاراقى،ھەببى سالاجىت قاتارلىق دورىلار كۆرسەتمە بويىچەئىچكۈزىلىدۇ.
داۋالاش نەتىجىسى؛
71نەپەرماددىلىق سەۋەبتىن بولغان مەزى بىزى ياللۇغى بىمارلىرىدىن تولۇق ساقايغانلار62نەپەر بولۇپ%87.3نى،ياخشىلانغانلار5نەپەر بولۇپ %7نى،ئۈنىمى كۆرۈلمىگەنلەر4نەپەر بولۇپ%5.7نى ئىگىلەپ داۋالاشنڭ ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى%94.3كە يەتتى.
82نەپەرماددىسىز سەۋەبتىن بولغان مەزى بىزى ياللىغى بىمارلىرىدىن تولۇق ساقايغانلار 70نەپەر بولۇپ %85.4نى ،ياخشىلانغانلار 7نەپەر بولۇپ%8.5نى،ئۈنۈم كۆرۈلمىگەنكەر5نەپەر بولۇپ%6.1نى،ئىگەنلەپ داۋالاشنىڭ ئومومىي ئۈنۈم بىرىش نىسبىىتى%93.3گە يەتتى.
مۇھاكىمە
ماددىلىق سەۋەبتىن بولغان مەزى بىزى ياللىۇغى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.كىسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىدىن قارغاندا ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنىڭ يۇقرى بولشى كېسەل پەيدا بولشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئاساسلىقى خىكىتكارنىڭ نۇرمالسىزلىشىپ مەزى بىزىغا تەسىر قىلشىدىن پەيدا بولدۇ.يەنى قان ۋە سەپرا خىلىتلىرىنىڭ لۈچلۈك ھارارەت تەسىرىدىن كۆيۈشىدىن شەكىللەنگەن غەيرى تەبى سەۋدا خىلىتى قىيامى جەخەتتىن كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولغاچقا مەزى بىزىگە تەسىر كۆرسىتىپ،يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ شەلۋەرىتىپ،ياللۇغنىڭ كىلىپ چىكىشىغا سەۋەپ بولدۇ.يەنەبەلغەم خىلتى مىقتار جەھەتتىن ئارتىپ كەتكەندە بەدەندە ھۆل سوغۇقكەيپىيات كۈچۈيۈپ ھۆللۈكنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتكەچكە ،ئارتۇق ھۆللۈك تەبى مىزاجىسوغۇق بولغان سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەزالىرى شىللىق پەردىسى ئارلىق بوشلۇقلىرىغا سىرغىپ كىرىپ،بۆرەك،سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى،دوۋساق،مىزى بىزى قاتارلىق ئەزالارداغەيرى تەبى بەلغەملىك ياللۇغلىنىش كىلىپ چېقىشقا سەېەپ بولدۇ.
ماددىسىز سەۋەبتىن بولغان مەزى بىزى ياللۇغى كۆپۈنچە 40ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرلىدۇ.بۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلاردا جىنسى مۇناسىۋەت كۆپ بولۇش،جىنسى ھىسيات قوزغاتقۇچى مۇھىت ۋە جەميەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچراش،جەلىق بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخى بولغاچقا تەكرار جىنسى غىدىقلىنىش نەتىجىستە مەزى بىزىگە قان تولۇپ مەزى بىزى كۆپلەپ سۇيۇقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.مەزى بىزى داۋاملىق كۈچىنىپ ئىشلەش سەۋەبىدىن مەزى بىزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندا جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلىنىپ ئاسانلا ياللۇغ پەيدا بولدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ياشانغانلاردا ھەرقايسى ئەزالار ئىقتىدارى چىكىنىدۇ.توقۇلمىلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردا مەزى بىزى چوڭىيىش ئەھۋالى كۆپ كۆرلىدۇ.
مەزى بىزى ياللىغۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە ئاساسەن،ماددىلىق ۋە ماددىسىز سەۋەبتىن بولغان مەزى بىزى ياللىغۇنىڭ پەرىقلىق داۋالاشنىڭ ئۈنىمى بىر قەدەر كۆرنەرلىك.بۇنىڭ ئىچىدە ماددىلىق سەۋەبتىن بولغان مەزى بىزى ياللىغۇنىڭ ساقىيىش ئۈنىمى بىر قەدەر يۇقرى.بۇ ھەقتە تىخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىت قىلىشنىڭ ئەھمىيتى چوڭ.
ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت