busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 11 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 492 قىتىم كۆرۈلدى
145 نەپەر خانازىر بىمارلارنى داۋالاشتىن دوكلات
ئاچقۇچلىق سۆزلەر:خانازىر،داۋالاش،دوكلات
   خاناىزىر( لىمفا سىلى)-جاراسىملارنىڭ خىلىتلارنى ئوفۇنەتلەندۈرىشى نەتىجىسىدە بەزلەردە يۈزبىرىدىغان ،بويۇن ئەتراپى،كۆكرەك ئۈستى،قولتۇق ئاستى،ئوقرەك ئويمانلىقىدا بەزلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىرخىل سىل خاراكتىرلىك كىسەل.باشلىنىشتا تىرىنى تومپايتىپ تۇرىدۇ،گاھىدا بىرتال،گاھىدا بىرنەچچە دانە مونەكچە ھالىتىدە پەيدابولىدۇ،تۇتۇپ تەكشۈر گەندە تىرە ئاستىدا مىدىىرلاپ تۇرىدۇ.بەزىلىرى كۆپلىگەن تۈگۈنچەك پەيدا بولىدۇ.كىسەل ئىغىر لىشىپ دائىىم زەرداپ،بەز ئاجرالمىلىرى ئاقىدىغان ئاقما يارا(ناسۇر)غا ئايلىنىپ ئۇزاققىچە ساقايمايدۇ.تۈگۈنچىلىرى كۆپ بولغانلىرى مارجانغا ئوخشاش ئاقما جاراھەتلەر ھاسىل قىلىپ،مارجانسىمان تاتۇق ۋە تىرە پۈتۈنلىكى بۇزۇلغان ئىغىر ئاسارەت قالدۇرىدۇ.خانازىر كىسەللىكىنى ۋاقتىدا توغرا تونۇپ دىئاگنۇز قويۇپ ،سىستىملىق ۋە تەرتىپلىك داۋالغاندا ئىغىز ئالماي،تىرە پۈتۈنلىكى بۇزۇلماي،ئاسارەت قالدۇر ماي ساقىيدۇ.
كىلنكىلىق ماتىرىيال
 145 نەپەر بىمار ئىچىدە 10ياشتىن 30ياشقىچە بولغانلار 60 نەپەر،30ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلار 48 نەپەر،45ياشتىن 55ياشقىچە بولغانلار 28 نەپەر،55ياشتىن ئاشقانلار 9نەپەر.بۇنىڭ ئىچىدە بۇكىسەل پەيدا بولغىلى ئۈچ يىل بولۇپ ئىغىر لىشىپ ئاقما ھالاتكە ئۆتكىنى 50نەپەر،ئىششىپ قىزىتمىلىق ھالەتكە كىرگەنلىرى 95 نەپەر بولۇپ ئەڭ قىسقىلىرىغا ئىككى ئاي بولغان.
2.داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلار
   بىمارلارنىڭ خىلىت تىپنى سىل جاراسىمى قوشۇلغان ئوفۇنەتلىك غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلتى دەپ تونۇدۇق.ئالدى بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن سەۋدا خىلتنى پىشۇرۇش ۋەسۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى شەربەت 9كۈندىن 15 كۈنگىچە ئىچىشكە بىرىلدى،قىزىتما بارلارغىمۇ مۇشۇ شەربەت بىرىلدى.
 تەركىبى:
ئۇستىقۇددۇس،بادرەنجى بۇيا،پوستى بىخ بەديان،شاھتەرا ھەربىرى 20گىرامدىن،ئىت ئۈزۈمى،رۇمباديدن ھەربىرى 10گىرامدىن،ئەمجۈر مونكى 45گىرام،ئۇششاق ئۈزۈم 33 گىرام،گۈلقەنىت ،ھەسەل 70گىرامدىن،دورىلارنى 1500مىلتىر سۇغا 8 سائەت چىلاپ قاينىتىپ 1000مىللىتىر شەربەت ئىلىپ كۈندە 3قتىم،ھەر قىتىمدا 150 مىللىتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى.ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۈرگە دورىسى بىلەن تەنقىيە قىلىندى.تەركىبى:ئايارەنجى پەيقارا20گىرام،غارىقۇن 12گىرام،شاھمەنزىل 10 گىرام،ئەنزۇرۇت 25 گىرام،تۇربۇت 40 گىرام،جاۋشىر6 گىرام،نۈشدۇر 12گىرام،سوقمونيا 6گىرام،دورىلارنى سوقۇپ تاسقاپ كۈدە سۈيدە 0.5گىراملىق كومۇلاچ ياساپ كۈندە 2قىتىم ھەرقىتىمدىن 5تىن 7دانغىچە يىيىشكە بىرىلدى.ئۆسمۆرلەرگە 3داندىن 5دانگىچە كۈندە بىرقىتىم ييىشكە بىرىلدى.بۇ جەرياندا يىمەك-ئىچمەككە ئاسان ھەزىم بولدىغان قۇۋەتلىك تائاملار بۇيرۇلدى.ئاچچىق-چۈچۈك،مىۋە-چىۋە،قورۇمىلار چەكلەندى.جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى چارچاشتىن ساقلاش تەۋسىيە قىلىندى،بىمارنىڭ مىزاجى تەڭشەلگەندىن كىيىن قاننى تازلىغۇچى،ئىشىقنى ياندۇرغۇچى،توسالغۇنى ئاچقۇچى،قىزىتمىنى ياندۇرغۇچى،ئۇيۇپ قالغان ماددىلارنى ئىرىتكۈچى،جاراسىملارنى تىزگىنلىگۈچى دورىلاردىن مەجۇنى ئۆشبە،ئىتتىرفىل چۆبچىن،ئتتىرفىل كەشنىزلەر مىقتىدارى بويچە يىيىشكە بىرىلدى.ئىغىز ئالدۇرماي ئىشىقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەلھەم تەييارلاپ بىرىلدى.ھۆل خىنىگۇل ۋە چۆبچىندىن 1000گىرام ئىلىپ ئۇششاق توغراپ 2000مىللىتىر سۇس ئوتتا يىرىمى قالغىچە قاينىتىپ ،سۈزۈپ،قالغان سۈينى يەنە بىر سۈزۈپ قاينىتىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ بەز ئۈستىگە چىپىلدى.خانازىرنى ئىغىز ئالدۇرماسلىق ئۈچۈن گۈل ئارمىندىن ھاجەت مىقتىداردا ئىلىپ،مەلھەم تەييارلاپ ئىششىق ئۈستىگە چىپىلدى.ئۇنىڭدىن كىيىن خام تۇخۇمنىڭ ئۇچىدىن كىچىك تۆشۆك ئىچىپ تۇخۇم ئىقىنى تۆكىۋىتىپ،ھەربىر تۇغۇمغا 6گىرامدىن ئۇششاق توغرالغان ئاق يەر يىلان قاسرىقىنى سىلىپ تۇخۇمنىڭ ئىغىزىنى خىمىر بىلەن چاپلاپ،قوقوس ئوتقا كۆمۈپ پۇشۇرغاندىن كىيىن بىمارغا كۈندە 2قىتىم ھەرقىتىمدا 1دانە يىگۈزۈلدى.بۇ چارە ئۇدا بىرقانچە كۈن داۋاملاشتۇرۇلدى.قۇرۇق ئاق يەر يىلىندىن ھاجەت مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ،تالغان تەييارلاپ،بىمارنىڭ يىشىغا قاراپ كۈندە 2قىتىم ھەرقىتىمدا 1داندىن يىگۈزۈلدى.بۇ چارە ئۇدا بىرقانچە كۈن داۋاملاشتى.قۇرۇق ئاق يەريىلىندىن ھاجەت مىقتىداردا ئىلىپ سوقۇپ تالقان تەييارلاپ،بىمارنىڭ يىشىغا قاراپ كۈندە 1قىتىم ھەرقىتىمدا 3گىرامدىن 5گىرامغىچە كاپ ئەتكۈزۈلدى.چايان (قۇيرۇقنى ئىلۋەتسىمۇ بولىدۇ) دىن 60 گىرامنى تۇزلىق سۇدا يىرىم سائەتتىن ئارتۇق قاينىتىپ سۈزۈپ،قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ،ئۇنىڭغا 30گىرام سازاڭ قۇرۇت تالقىنى قوشۇپ،ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزنىڭ تالقىننى ئارلاشتۇرۇپ،تازلانغان ھەسەلدە يۇغۇرۇپ،نوقۇت چوڭلىقىدا كومۇلاچ تەييارلاپ ئۆسمۈرلەرگە 3داندىن چوڭلارغا5-7دانغىچە كۈندە 3قىتىم ئىچكۈزۈلدى.ئۇندىن كىيىن تۆۋەندىكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلدى.تەركىبى:چىلان،شاھتەرە،قارا ھىلىلە،ئاق سەندەل،بەرگى خىنە،قەسبۇلزىرىرە،نۇشدىرلەرنىڭ ھەربىرىدىن 15گىرامدىن ئىلىپ چالا سوقۇپ،قايناق سۇغا12سائەت چىلاپ قاينىتىپ1000مىللىتىر شەربەت تەييارلاپ كۈندە 3قىتىم،ھەر قىتىمدا 30مىللىتىردىن ھەسەل قوشۇپ ئىچىشكە بىرىلدى،ماددا پىشقاندا يۇقىرىقى ھەب دورابىلەن تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكى شەربەت ئىچىشكە بىرىلدى.
 تەركىبى:گاۋزىبان بادرەنجى بۇيا، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ھەربىرى 20 گىرامدىن، چۆبچىن، شاھتەرە 40گىرامدىن،  ئەفتىمۇن،  كاسنە ئۇرۇقى،چىلان، سەرسىبىل، ھەربىرى 6گىرامدىن، ئەرقى چۆبچىن 1000مىللىتىردىن، شىكەر400گىرام، دورىلارنى  چالا سوقۇپ ئەرقە چۆبچىنەە 8سائەت  چىلاپ قاينىتىپ 1500مىللىتىر شەربەت تەييارلاپ،كۈندە 3قىتىم ھەر قىتىمدا 100مىللىتىردىن ئىچىشكە بىرىلدى.يۇقىرىقى دورىلارغا ماسلاشتۇرۇپ،مەجۇنى ئۆشبە،مەجۇنى چۆبچىن،ئىتتىرفىل غۇددى،مەجۇنى سوم ككرسەتمە بويچە بىرىلدى.
 ئۇندىن كىيىن تۆۋەندىكى مەجۇنى دورا تەييارلاپ بىرىلدى.تەركىبى:سىرىق ھىلىلە پوستى،كابىلە پوستى،بەلىيلە،شاھتەرە،بىستى فايەج،تۇربۇت،ئەفتىمۇن ھەربىرى 15 گىرامدىن، ئامىلە 10 گىرام، سەرسىبىل45 گىرام،ھەسەل700 گىرام، دورىلارنى سوقۇپ  ئەلگەكتىن  ئۆتكۈزۈپ تازلانغان ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،مەجۇن تەييارلاپ كۈندە 2قىتىم ھەرقىتىمدا5-10گىرامدىن يىيىشكە بىرىلدى.
 تەركىبى:پوستى ھىلىلە كابىلە،پوستى بەلىيلە،چۆبچىن ھەربىرى30 گىرامدىن،ئامىلە،ھىلىيلە سىياھ،مەستىكى رۇمى،شەترەنجى ھىندى،دارچىن،شاھتەرە،قىزىل گۈل ھەربرى 15گىرامدىن،قاقىلا،قەلەمپۇر،بىخ كەبىر،نەمەك ھىندى،زەنجىۋىل،باديان ھەربىرى 7گىرامدىن،سانا ،سەرسىبىل ھەربىرى 10 گىرامدىن،بىنەفشە 3گىرامدىن،بادام يىغى 30مىللىتىردىن،ھەسەل 800گىرام،دورىلارنى قائىدە بويچە سوقۇپ تالقان قىلىپ،بادام يىغىدا ياغلاپ،تازلانغان ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ، كۈندە 2قىتىم 10گىرامدىن يىشكە بىرىلدى.ئارقىدىن تۆۋەندىكى مەجۇنى تەييەرلاپ بىرىلدى.تەركىبى:قاراھىلىلە 45گىرام،پوستى بەلىلە،ئامىلە،ئاقلانغان تۇربۇت ھەربىرى 21گرامدىن،ئەفتىمۇن 33گىرام، ئۇستىقۇددۇس، قوينىڭ بويۇن بىزى، بىستى فايەج ھەربىرى 15 گىرامدىن، سانا12گىرام ، شاترەنجى ھىندى، غارىقۇن ، نۇشدۇر، زۆرۈنبات ھەربىرى 10گىرام ، رۇمباديان،گۈلدارچىن، سۇمبۇل ھىندى، قەلەمپۇر،لاچىدانە،جۆيۈز ،مەستىكى ھەربىرى7گىرامدىن، بادام يىغى 15مىللىتىر،دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،تالقاننى بادام يىغىدا ياغلاپ،تازلانغان ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ،مەجۇن تەييارلاپ،كۈندە2قىتىم 7گىرامدىن يىشكەبىرىلدى.ئارقىدىن تۆۋەندىكى مەجۇن تەييارلاپ بىرىلدى.تەركىبى: ئاقلانغان سامساق 300گىرام، زەنجىۋىل،پىلپىل ، قارامۇچ، قەلەمپۇر ،دارچىن، كاۋاۋىچىن ،جۇيۇنى،ئاقىرقەرھا،خۇلىنجان ھەربىرى7گىرامدىن،زەپەر 3گىرام،گۈل يىغى 30مىللىتىر.سامساقنى سوقۇپ ياكى چاناپ ،500گىرام كالا سۈتىدە تاكى سىڭىپ بولغىچە قاينىتىلىدۇ،ئۇندىن كىيىن500گىرام ھەسەل بىلەن قىيام قىلنىدۇ،قىيام بىر ئاز سوۋغاندىن كىيىن ،گۈل يىغىنى قوشۇپ ئارلاشتۇرىلىدۇ.ئۇندىن كىيىن دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قىيامغا ئارلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلاپ كۈندە 2قىتىم7ەىرامدىن يىيىشكە بىرىلدى.
. 3 نەتىجە:
   خانازىر (لىمفا سىلى)بىلەن ئاغرىغان145نەپەر بىمار ئىچىدە لىمفابەزلەرئېغىز ئالماي، ياللۇغلىنىپ،ئىششىپ قىزىتمىلىق ھالەتتە كەلگەندىن تۇلۇق ساقايغانلار 65نەپەر بولۇپ،%68.42نى،ياخشىلانغانلار2نەپەر بولۇپ%25.26نى ،ئۈنۈمبەرمىگەنلەر 6نەپەربولۇپ%6.32نى ئىگەنلەپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى%93.68گە يەتكەن.
     لىمفابەزلەر ئېغىز ئېلىپ ئاقما ھالەتكە كەلگەنلەر 50نەپەربولۇپ،تولۇق ساقايغانلار 29نەپەر%58نى،ياخشىلانغانلار12نەپەر بولۇپ %24نى،ئۈنۈم بەرمىگەنلەر9نەپەر بولۇپ %18نى ئىگەنلەپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈم بېرىش نىسبىتى%82گەيەتتى.
     يۇقىرىقى145نەپەر بىماردىكى ئىككى خىل ھالاتتە كەلگەن خانازىر (لىمفا سىلى) نى داۋالاپ ئۈنۈم بېرىش ئومۇمىي نىسبىتى %87.48 گە يەتتى.
   مۇھاكىمە:
  خانازىر(لىمفا سىلى)ئۆسمۈرلەر،ياشلار ۋەئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. كېەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىدىن قارىغاندا بۇ كېسەلنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغاچقا،كېسەلنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى ۋە دەسلەپكى ئاشكارلىنىش دەۋرىدە سەل قارىلىدۇ.سەۋدا خىلتى مىقتىدار جەھەتتىن ئارتىپ كىتىپ لىمفا بەزلىرىدە يىغىلىپ تۇرۇش جەرياندا سىل جاراسىمغا ئوخشاش جاراسىملار بىلەن ئوفۇنەتلىنىپ ،جاراسىم ئاجرىتىپ چىقارغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن قوشۇلۇپ زەخمىلەندۈرۈش ۋە نابۇت قىلىش تەسىرى ھەسسلەپ كۈچىيىپ لىمفا بەز ھۆجەيرىلىرىدە ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەركىلىپ چىقىدۇ, يەرلىك ئورۇندا كىسەللەك ئوچقى پەيدا بولىدۇ،قىزىتمىسى ئۆرلەپ كىسەللىكى ئىغىرلىشىدۇ.
 بۇ كىسەلنى داۋالاشتا بولۇپمۇ لىمفا بەزلەر ياللۇغلىنىپ،ئىشىپ قىزىتمىلىق ھالەتكە كەلگەنلەرگە قارتا ئالدى بىلەن كىسەللك ماددىسىغا قارتا مۇنزىچ –مۇسھىل بىرىلدى.ئۇنىڭدىن كىيىن قان تازلىغۇچى ئىشىقنى ياندۇرغۇچى ئۇيۇپ قالغان ماددىلارنى ئىرىتكۈچى دورىلارنى ئىچى ۋە سىرتىدىن ماس ھالدا يەككە ۋە مۇرەككەپ ھالەتتە كۆرسەتمە بويچە ئىشلىتىپ بىمارلارنىڭ سالامەتلىكنىڭ ئىسلىگە كىلىش جەريانى تىزلىتىلدى.
 لىمفا بەزلەرنى ئىغىز ئىلىپ ئاقما ھالەتتە كەگەنلىرىگە قارتا يۇقىرى داۋالاش ئۇسۇلى قوللنغاندىن سىرىت بىمارنىڭ ياش پەرقى كىسەللىك تارىخىنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقى،كىسەللەىك ئالامىتىنىڭ ئىغىر-يىنىكلىكى قاراپ،يەڭگىل-كۈچلۈك دورىلار كۆرسەتمە بويچە بىرىلدى.
داۋالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،بۇ كىسەلنى داۋالاشتا خىلىىىىىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش،ئىچى سىرتىدىن ماس ھالدا يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش،ساقىيىش نىسبىتى ۋە ئاسارەت قالدۇرماسلىق نىسبىتنى يۇقىرى كۆتۈردى.ئاقما ھالەتتە كەلگەنلىرىنى داۋالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا كىسەللىك تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن،قايتا يۇقۇملىنىش تەكرار كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ساقىيىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ ،قىسمەن ئاسارەت قالدۇرۇش ئەھۋاللىرى بايقالدى.
 پايدىلانمىلار:
«جۇڭگو تىببى قامۇسى،ئۇيغۇر تىبابەت تارماق تومى»3-جىلد،شىنجاڭ سەھيە نەشىرىياتى 1991-يىلى5-ئاي1-نەشرى،94-بەت،97-بەتلىرى.
ھاجى ئابدۇلھىمىت يۈسۇفى،ئۇيغۇر تىبابەت ئاساسى نەزىرىيەدەرىسلىكى ،شىنجاڭ خەلىق سەھيە نەشىرياتى1998-يىلى8-ئاي نەشىرى 135-بەت.
ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282