بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 11 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 534 قىتىم كۆرۈلدى
50 نەپەر بىماردىكى قاسراقلىق تەمرەتكىنى داۋالاشتىن دوكلات
قاسراقلىق تەمرەتكە كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ،2000يىل ئىچىدە شىپاخانمىز كىسەلخانا شارائىتىدا داۋالانغان 50نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكىنى داۋالاشنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسنى دوكلات قىلىپ ئۆتىمىز.
ماتىرىيال ۋە ئۇسۇل:
بۇ 50نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلەر 30 نەپەر،ئاياللار 20نەپەر،ئوتىرىچە يىشى 40ياش.مىزاج ئايرىمىسى جەھەتتە بەلغەم مىزاجدىكىلەر35 نەپەر،سەۋدا مىزاجدىكىلەر 15 نەپەر.
بۇ بىمارلارنىڭ كىسەللىكىنى داۋالاشتا ،ھەربىربىماردىكى مىزاجىنى ئاساس قىلىپ،كىسەللىكى بەلغەم خىلتى تەرسىردىن بولغانلارغا ئالدى بىلەن بەلغەم خىلتىنىڭ تۆۋەندىكى مۇنزىچنى كۈندە 3قىتىم،ھەرقىتىمدا 50مىللتىردىن،15كۈندىن 30كۈنگىچە ئىستىمال قىلدۇردۇق.
تەركىبى:ئۈزۈم ،بەديان 7گىرامدىن،بخ سەۋسەن،پىرسىياۋشان،قىزىل گۈل،ئەنجۈر مونكى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 30گىرامدىن،گۈلقەنىت 60 گىرام،بۇنىڭدىن 500مىللىتىر شەربەت تەييارلىنىدۇ.
يەرلىك ئورۇندىكى قىچىشىش پەسەيگەندىن كىيىن باشقا بەدەن ئالامەتلىرىگە قاراپ،ماددا پىشتى دەپ قاراپ،بەلغەم ھەم سەۋدانىڭ مۇسھىلنى ئارلاشتۇرۇپ بىرىپ،ئاندىن تۆۋەندىكى مەتبۇخ شاھتەرىنى ھەربىربىمارغا 5-10كۈنگە قەدەر ئىستىمال قىلدۇردۇق.
تەركىبى:ھىلىلە زەرىد،شاھتەرە،سانا،چىلان،ئەينولا قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 120گىرامدىن،ھىلىيلە سىياھ،چۆبچىن،ئەفتىمۇن ھەربىرى 30گىرامدىن،تۇخۇمى كەرەفشە،ئۇستى قۇددۇسلارنىڭ ھەربىرى 20گىرامدىن،بىنەفشە،كاسنەئۇرۇقى،موزا،زەجو،شوخلا قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 15 گىرامدىن،بىستى فايەج12گىرامدىن،قىزىل گۈل،ئاق سەندەل،تۇخۇمى كەشنىز لەرنىڭ ھەربىرى 1گىرامدىن،خىياشەنبەر 60گىرام،تەرەنجىۋىن 240گىرام،بۇنىڭدىن 2لىتىر شەربەت تەييارلىنىدۇ.
ئۇنىدىن باشقا تىرىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش،قان تازلاش مەقسىتىدەھەربىر بىمارغا لوغانزىيا،ئەرقى چۆبچىن،ئەرقى شوخلا،خىمىرى گاۋزىبان،لوئوق بادام،مەجۇنى ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنى قوشۇمچە ئىستىمال قىلدۇردۇق.
سىرىتقى تەرەپتىن كۈندە بىرقىتىم يەرلىك ئورۇن ياغلاندى ھەمدە بابۇنە،ئىكلىملىك،چۆبچىن ،شاھتەرە،موزا،ئۆشبە قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەربىرى 30گىرامدىن ئىلىپ،2لىتىر سۇدا قاينىتىپ سۈيدە يەرلىك ئورۇننى ئاساس قىلىپ ئومومى بەدەن يۇيۇشقا بىرىلدى.
بۇ 50 نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكىنى يۇقىرقىدەك داۋالاش ئارقىلىق ئاخىرىقى نەتىجىسنى كۈزەتكۈنمىزدە،بەلغەم مىزاجدىكى بىمارلار دىن كىسەللكى تولۇق ساقايغىنى 29نەپەر،ياخشىلانغىنى 4نەپەر بولدى.2نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكى داۋالاشنى قۇبۇل قىلمىدى،سەۋدا مىزاجدىكى بىمارلاردىن كىسەللىكى تولۇق ساقايغىنى 7نەپەر،ياخشىلانغىنى 4نەپەر،4نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكى داۋالاشنى قۇبۇل قىلمىدى.
ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت