busy

بۇ مەزمۇن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 576 قىتىم كۆرۈلدى
20نەپەر بىماردىكى دائىرلىك چاچ چۈشۈش كىسەللىكىنى بەدەن ئىچى-سىرتىدىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاش توغىرسىدا
قىسقىچە مەزمۇنى:دائىرلىك چاچ چۈشۈش كىسەللىكى باش تىرىسنىڭ نور مال تۈزۈلىشىدە بۇزۇلۇش بولماستىن،غەيرى تەبئىي ماددىلارنىڭ تىرە ئاستىدىكى مەلۇم ئورۇنغا توپلىشىۋىلىپ،ئۇ يەردىكى دائىرلىك چاچ(تۈك)بەزلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى توسىۋىلىشتىن پەيدا بولدىغان،يەرلىك ئورۇندىكى چاچ مەلۇم دائىردىكى چىگرا ئىچىدە پۈتۈنلەي چۈشۈپ كىتىش بىلەن ئىپادىلنىدىغان كىسەللىك بولۇپ،بۇ ماقالە 20 نەپەر بىماردىكى دائىرلىك چاچ چۈشۈش كىسەللىكىنى ئىچكى ۋە سىرىتقى تەرەپتىن دورائىشلىتىپ داۋالاشنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسى دوكلات قىلنىدۇ.
 دائىرلىك چاچ چۈشۈش كىسەللىكلىرى ئىچىدە نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان،داۋالاش ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولماي كىلنىۋاتقان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ،شىپاخانمىزدىكى يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ كىسەللىكىنى داۋالاش جەھەتتە خىلى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىرىشىپ كەلمەكتە.تۆۋەندە بىز بۇ كىسەللگە گىرىپتاربولۇپ،1999يىل ئىچىدە شىپاخانمىزگە كىلىپ داۋالانغان 20 نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكنى ئىچكى ۋە سىرىتقى تەرەپتىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاشنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسى دوكلات قىلىپ ئۆتىمىز:
ماتىرىيال ۋە ئۇسۇل:
 بۇ بىمارلار ئىچىدە ياش پەرىقى جەھەتتە 25ياشتىن 45ياشقىچە بولغانلار 15نەپەر،45ياشتىن يۇقىرلار 5نەپەر،مىزاج ئايرىسى جەھەتتە ھەممىسى بەلغەم مىزاج.كىسەللىك تارىخقا ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرى 6ئاي،ئەڭ قىسقا بولغانلىرىغا 3ئاي .
بۇ بىمارلاردا ئوخشاش بولمىغان جەھەتلەردە چاچ چۈشۈپ كىتىش كۆرۈلگەن،غەرىپ تىبابىتىدە بىرنەچچە نۆۋەت داۋالانغان بولسىمۇ ياخشىلنىش بولمىغان.بۇ بىىمارلارنىڭ كىسەللىك دىئاگىنۇزى تىپىك بولغان كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسلىنىپ«دائىرلىك چاچ چۈشۈش» دەپ مۇقىمدالدى.
بۇ كىسەللىكىنى داۋالاشتا بىمارنىڭ ياخشى ئارام ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ،ىۇشال-خورام موھىت يارتىپ بىرىلدى،تۇرمۇشنى خاتىرجەم قىلىپ،داۋالاش ئۈنۈمگە بولغان ئىشەنچى تۇرغۇزۇلدى.
   دورا بىلەن داۋالاشتا ئالدى بىلەن بىمارنىڭ بەدەندىكى ئۈستۈنلىكىنى ئىگەللىگەن بەلغەمنى تازلاش ئۈچۈن ھەربىر بىمارغا بەديان يىلتىزى پوستى ،گاۋزىبان ھىندى،بادرەنجى بۇيا،سىرىق چىچەك ئۇرۇقى،پىرسىياۋشان قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 15گىرامدىن،باديان،رۇم باديان،چىڭسەي ئۇرۇقى،تۇربۇت،رەيھان ئۇرۇقى،سانا،چۈ چۈكبۇيا يىلتىزى قاترلىقلارنىڭ ھەربىرىدن 10گىرامدىن،ئەنجۇر مونكىدىن30 گىرام،گۇلقەنىتتىن 100گىرام ئىلىپ،قائىدە بويچە 750 گىرام شەربەت تەييارلاپ،كۈندە 2قىتىم ھەرقىتمدا 60مىللىتىردىن ،9كۈن ئىستىمال قىلدۇق.ئاندىن ئەفتىمۇندىن 30 گىرام،سانادىن 21گىرام،گاۋزىبان ھىندى،كاسنە ئۇرۇقى،شاھتەرە،تەرخەمەك ئۇرۇقى،سىمىز ئوت ئۇرۇقى،سەرپىستان،ھىلىيلە،كابىلە پوستى،تۇربۇت،شاھمەنزەل،بىستى پايەنج ھىندى،ئۇستىقۇددۇس،ئۇد سەلىب، فەنتەرىيۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15گىرامدىن،سۆرۈنجان 20گىرام،بادرەنجى بۇيدىن 21 گىرام،گۈل بىنەفشە،نىلوفەر،قىزىل گۈل،چىلان،شوخلا،پىرسىياۋشان،كاسىن يىلتىزى،بەديان يىلتىزى پوستى،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گىرامدىن،سىرىق ھىلىلە پوستىدىن30گىرام،قارا ھىلىيلىدىن 21 گىرام،خىياشەنبەر،زەنجىۋىللەرنىڭ ھەربىرىدىن 20گىرام،ئۇرۇقسىز ئۈزۈمدىن 100گىرام،تەرەنجىبىندىن 100گىرام ئىلىپ،قائىدە بويچە 1500مىللىتىردىن مەتبۇخ تەييارلاپ،كۈندە 2قىتىم،ھەرقىتىمدا 100مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇردۇق.ئارقىدىن ئايارەنجى پەيقارا ياكى ئايارەنجى لوغانزىيا كۈندە 1قىتىم 7-9دانغىچە بىرىپ،ماددا تازلىنىپ تەنقىيە بولغاندىن كىيىن قان تازلاش،نىرۋىنى،بەدەننى قۇۋەتلەش،ھەزىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىتىرفىل سەغىر،ئىتتىرپىل كەبىر،مەجۇنى نوجاھ،جاۋارىش جالنۇس،مادەتۇل ھايات،مەجۇنى سوم،ئامىلە نۇشدارى،ئىتتىرفىل ھامان،جاۋارىش ئامىلە،ئىتتىرفىل ئۇستۇقۇددۇس قاتارلىق دورىلارنى ماسلاشتۇرۇپ قائىدە بويچە ئىستىمال قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ،بابۇنە ئۇرۇقىدىن 15گىرام،بەلىيلە پوستى،زەنجىۋىل،پىلپىل،قارامۇچ،ئامىلە،شاترەنجى ھىندى،زىراۋەندە مۇدەھرەج،سۆئىلىپ مىسرى،بخ بابۇنىلەرنىڭ ھەربىرىدىن 30 گىرامدىن،چىلغوزە مىغىزى،نارجىللەرنىڭ ھەربىرى 60 گىرامدىن،ئۇرۇقسىز ئۈزۈمدىن 150گىرام،ھەسەلدىن 1500مىللىتىر ئىلىپ،قائىدە بويچە سوقۇپ تاسقاپ،ھەسەلنىڭ كۆپكنى ئىلىۋىتىپ،قىزىتىپ مەجۇن تەييالاپ،كۈندە 2قىتىم،ھەرقىتىمدا 10گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇردۇق.
سىرىتقى تەرەپتىن تۈك چىقىرىش ئۈچۈن ھەر بىر بىمارغا زۇفا،ئەنسىل،قىچا قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن15 گىرامدىن،سامساقتىن 30 گىرام،سىركىدىن 100مىللىتىر ئىلىپ،دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سىركە بىلەن زىماد تەييارلاپ،كۈندە بىر قىتىم يەرلىك ئورۇنغا چىپىش بىلەن بىرگە 90%لىك ئىسپىرىتتىن 200مىللىتىر،ئاچچىق لازىدىن 100گىرام ئىلىپ،ئارلاشتۇرۇپ،يەرلىك ئورۇنغا ئۈچ كۈندە بىر قىتىم چاپتۇق.
 ئۇندىن باشقا سىيادان،قارا ھىلىيلە،ئامىيلە،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىدىن تەڭ مىقتاردىن ئىلىپ ، قاينىتىپ ، كۈندە بىرقىتىم باشنى يۇيشقا بۇيرۇلدى . قەلەمپۇر، قىچا،سىيادان،زەنجىۋىل، شاترەنجى ھىندى، ئۇبھەل قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىدىن تەڭ مىقداردا ئىلىپ 90%لىك ئىسپىرىت ياكى سىركىگە چىلاپ،15كۈن تومۇز ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ،سۈينى كۈندە 2قىتىم يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈتتۇق.
 يۇقىرىقى زىمادلارنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ھەپتىسىگە 1قىتىم چاچنى چۈشۈرۈپ،ھەرقىتىم دورا سۈرتىشتىن ئىلگىرى باشنى نەم داكا بىلەن ياكى ماتا بىلەن يەرلىك ئورۇن قىزارغىچە سۈرتىپ ئاندىن دورا سۈركىدۇق ھەم قول بىلەن باش تىرىسنى ئۇۋىلاپ دورىلارنىڭ تىرە ئاستىغا سىڭىشنى تىزلەتتۇق.
 داۋالاشنىڭ پۈتۈن جەرياندا بىمارلارنى تۇزلانغان بىلىق،كالاگۆشى،ھاراق،قىتىق قاتارلىقلاردىن پەرھىيز قىلدۇردۇق.
نەتىجە:
   بۇ 20 نەپەر بىماردىكى دائىرلىك چاچ چۈشۈشنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن 1 ئاي داۋالاپ ئاخىرىقى نەتىجىسنى كۈزۈتكىنىمىزدە،بۇ بىمارلارنىڭ كىسەللىكى پۈتۈنلەي ساقىيىپ،يەرلىك ئورۇنغا تولۇق چاچ چىققاندىلا 12 نەپەر بولۇپ 60%نى،ياخشىلانغانلار 5نەپەر بولۇپ% 25نى ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەنلەر 3نەپەر بولۇپ 15%نى ئىگەللەپ،داۋالاشنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى 85% كە يەتتى.
مۇھاكىمە:
 بۇ كىسەللىك ئاساسلىقى بەلغىمى شورنىڭ يەرلىك ئورۇندا تۇرۇپ،تۈك بەزمىلىرىنى زەخمىلەندۈرمىگەنلىكىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئۇنى داۋالاشتا،ئالدى بىلەن ئىچكى تەرەپتىن كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا قارتا مۇنزىچ،مۇسھىل بىرىپ،ئۇنى بەدەندىن تازلاپ بولغاندىن كىيىن،كىسەللىكىنىك ئۆزىگە قارتا سىرىتقى تەرەپتىن يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاشقا بىرلەشتۈرۈپ ئىچكى ۋە سىرىتقى تەرەپتىن دورا ئىشلىتىپ داۋالىغاندا داۋالاش ئۈنۈمنى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282