busy

بۇ مەزمۇن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 522 قىتىم كۆرۈلدى
100 نەپەر بىماردىكى ئىسسىقتىن بولغان كىچىك بوغۇملار ياللۇغىنى داۋالاشتىن دوكىلات
قىسقىچە مەزمۇنى: كىچىك بوغۇملار ياللۇغى (نىقرىس) پۇت، قولنىڭ كىچىك بوغۇملىرىدا پەيدا بولدىغان، سىقىراپ ۋە ئېچىشىپ ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىندىغان تەلتۆكۈس داۋالاش نىسبەتەن قىيىن بولغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇشۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان 100نەپەر بىمارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىسى دوكىلات قىلىنىدۇ.
دوختۇرغانىمىز 1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان 100نەپەر بىمارنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ كۆرنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. تۆۋەندە بىز بۇ كېسەللىكنى داۋالاش قەريانى ۋە نەتىجىسىنى دوكىلات قىلىپ ئۆتىمىز:
ماتېريال ۋە ئۇسۇل:
     بۇ 100 نەپەر بىمار ئىچىدە ئەرلەر 70% نى، ئاياللار 30% نى تەشكىل قىلىدۇ.غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتىدىن بولغىنى 50 نەپەر، قان خىلىتىدىن بولغىنى 30 نەپەر، سەۋدا خىلىتىدىن بولغىنى 10 نەپەر،بەلغەم خىلىتىدىن بولغىنى 10 نەپەر.
   بۇ بىمارلارنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ باردۇق. قان ۋە سەپرا خىلىتىدىن بولغان بىمارلارغا ئالدى بىلەن سەپرا، قاننىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىش، قان تازلاش، ھارارەت پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى شەربەت نۇسغىسى بېرىلدى.
نۇسغە: گۈل بىنەپشە، نىلۇپەر، پىرسيان، ھەمىشە باھار گۈلى، بىغ كاسىنى، چۆبىچىن، سەرسىبىل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15g ، بەدىيان، ئوغىرى تىكەن، سۆرۈنجانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10g،خىيار شەنبەردىن 30g ئېلىپ، 60g گۈلقەنىت قوشۇپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ بېرىلدى. يۇقىرقى شسربەتنى 15 كۇن بەرگەندىن كىيىن يەنە بۇ دورىلارغا قوشۇپ ئەرەقى چۆبىچىن، ئەروقى شوخلا، سەرسىبىل شەربىتى قاتارلىق مۇرەككەپ دورىلار بېرىلدى. ماددا پىشىپ قان تازلىنىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى زىماد نۇسغىسى بېرىلدى. ئىسپىغولدىن 15g ، پوستى خەشخاشتىن 10g ، گۈل يېغىدىن 300ml ئېلىپ،قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا 5 كۈنگىچە ئۈزمەي تېڭىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پىشقان، يۇمشىغان، شالاڭلاشىقان چىقىپ كېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ماددىلارنى سۈرۈپ چىقىرىش مەقسەتتە، قارا ھېلىيلە، سېرىق ھېلىيلە، ھېلىيلە كابىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30g،شىترەنجى ھىندى، سۆرۈنجان، سانا، يەرلىك شوخلا، تۇخۇمى كۇمۇش، شاھتەررە، قىزىل گۈل، ئىسپغوللارنىڭ ھەر بىرىدىن 15g ، ئەينالۇ، تەمرى ھىندىدىن 60g دىن، تەرەنجىبىنىدىن 100g ، شىكەردىن 300g ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۇندە 3 قىتىم، ھەر قېتىمدا50ml  دىن 80ml غىچە ئىچىشكە بېرىلدى.بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ مەجۇنى بايادىدوس، لوغانزىيا، كاپسۇلى سۆرۈنجان، مەجۇنى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان قاتارلىق مۇرەككەپ دورىلار بېرىلدى. ئاغرىق پەسەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش مەقسىتىدە يەنە ئادراسمان ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ تۆگە يېغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ ئاپتاپقا قاقلىدۇق. يەنە زىغىردىن 10g ، سەبرى، خەيدەر، پەرپىيۇنلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10g دىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ زەيتۇن يېغىدا مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلىندى. ماددىلار تەنقىيە بولۇپ ئىششىش، قىززىرىش، ئېچىشىش پەسەيگەبدىن كېيىننسوزاپ يېغىدا داۋاملىق ياغلاپ بىرىلدى.قاننى جانلاندۇرۇش، ماددىلارنى تارقىتىپ ئىممۇنىت كۇچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماددەتۇل ھايات،شەربىتى زەبىپ كۈندە 3 قىتىم ئۆلچەم بويىچە بېرىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا داۋالاش جەريانىدا بېمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بوغۇملارنى داۋاملىق مۇۋاپىق ھەركەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، كارۋاتتىن چۈشۈپ يەرلىك ئورۇننى زەخمىلەندۈرۈپ قويشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېغىر جىسمانىي ھەركەت ۋە ياتاقتىكى نۇرمال پائالىيەتلەرگىمۇ ئادەم ئورۈنلاشتۈرۈپ ئارام ئالدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدۇق.
ئوزۇقلىنىشتا يەڭگىل، لەتىف، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قاننىڭ تەبىئىتىگە ياخشى تەسىر بېرىدىغان چۈجە، باچكا گۆشلىرىنى ئېستىمال قىلىشقا، يەللىك تاماقلاردىن پەرھىيز تۇتۇشقا غىزاسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. باشقا خىلىت ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشى زىيادە سىزىمچانلىقتىن بولغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان بولسا، ئالدى بىلەن بەدەننى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ كېسەللىك سەۋەبچىسىنى يوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىقى شەربەت، مەجۇنات، زىماد دورىلارنى بىرىم داۋالاش ئېلىپ باردۇق.
نەتىجە:
  ئىسسىقتىن بولغان كىچىك بوغۇملار ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بۇ 100نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىكىنى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن داۋالاپ نەتىجىسىنى كۈزەتكەندە،بۇ بىمارلاردىن كېسەللىكى ساقىيىپ بوغۇملارنىڭ ھەركىتى تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلەر 70 نەپەر بولۇپ، 70% نى، كۆرنەرلىك ياخشىلانغانلار 20 نەپەر بولۇپ، 20% نى، ئۆنۈم بولمىغانلار 10 نەپەر بولۇپ 10% نى ئىگىلىدى. ئومومىي ئۆنۈم بېرىش نىسبىتى 90% بولدى. داۋالاش ئۆنۈمى بولمىغان 10 نەپەر بىمارنى كۆزەتكەندە ئۇلارنىڭ يېشى چوڭ، كېسەللىك تارىغى بىر قەدەر ئۇزۇن، كېسەللىك ماددىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ، كەسپى كېسەللىك خوراتقۇچى قىزىتما ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان تارىغى بارلىقى بايقالدى.
دېمەك، بۇ بىمارلارنىڭ كېسەللىكىنى يۇقىرقىدەك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئارقىلىق بۇ كېسەللىكتە كېسەللىك ماددىسى ئاساس قىلىپ، قان سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتكۈچى، ئاغرىق توختاتقۇچى،ماددىلارنى تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش،ياخشى ئارام ئېلىش ۋە بوغۇمنىڭ ھەركىتىنى يەڭگىل چېنىقتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ باسقۇچلار بويىچە تەرتىپلىك داۋالاش ئېلىپ بارغاندا يۇقىرى داۋالاش ئۆنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق.
ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282