busy

بۇ مەزمۇن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 618 قىتىم كۆرۈلدى
50 نەپەر ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتش كېسىلى بىمارلىرىنى داۋالاشتىن خۇلاسە
بىز ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 50 نەپەر بىمارنى، كېسەللىكنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ 3 گۇرۇپپىغا بۆلۇپ، ئوخشاش دورىدا داۋالاش ىلىپ باردۇق. ئۇنۇمى بىر قەدەر ياخشى بولدى، داۋالاش ئۇسۇلىمىزنى تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرىمىز.
ئادەتتىكى ماتېرىيال
      داۋالانغان بىمار 50 نەپەر، ئەرلەر 20 نەپەر،ئاياللار 30 نەپەر،50 ياشتىن يۇقىرىلار 20 نەپەر، 45 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلار 30 نەپەر، كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ۋە رېنتىگىن نۇرىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئاشقازان cm10 دىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەنلەر 10 نەپەر، cm6 دىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەنلەر 30 نەپەر، cm6 ئىچىدە تۆۋەنلىگەنلەر 10 نەپەر.
داۋالاش ئۇسۇلى
داۋالاشتا بىمارلارنى ئاشقازىنى cm10 دىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەنلەر گۇرۇپپىسى، cm6 دىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەنلەر گۇرۇپپىسى، cm6 ئىچىدە تۆۋەنلىگەنلەر گۇرۇپپىسى قاتارلىق 3 گۇرۇپپىغا ئايرىپ داۋالىدۇق. بىمارلارنىڭ ئوتتۇرچە داۋالانغان ۋاقتى 90 كۇن بولدى.
ئالدى بىلەن كېسەللىك كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى سەۋەپلەرنىڭ قايتىلنىشنىڭ ئالدى ئىلېندى.  روھى جەھەتتىن بىماردا كېسەللىككە قارىتا توغرا تونۇش پەيدا قىلىپ، ساقىيىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى. تامىقىغا ئاساسەن سىڭىدىغان قۇۋۋەتلىك غىزالاردىن ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشى، بادام يېغى ھالۋىسى قاتارلىقلار بېرىلدى. تەييار ياسالمىلاردىن جاۋارىش ئۈد، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش جالىنۇس،مەجۈنى نانىخۇا مىشىكى، ئىتتىرپىل كەبىرى، ئىتتىرپىل سەغىرى قاتارلىق دورىلاردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى ئۆلچەملىك دورا مىقدارى بىلەن ئىچكۇزۇلدى. نەدەننى قۇۋەتلەش ئۇچۇن تۆۋوندىكى ھالۋايى بەيزە نۇسخىسى تەييارلاپ بېرىلدى. تەركىبى: ياڭاق مېغىزى500g،بادام مېغىزى، پىستە مېغىزى ھەر بىرىدىن 250g،ئەرمىدۇن ئۇرۇقى،سەۋزە ئۇرۇقى ھەر بىرىدىن 20g1، پىياز ئۇرۇقى 60g، چامغۇر ئۇرۇقى، قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، پىل پىل، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل ھەر بىرىدىن 30g، تۇغۇم سېرىقى 30 دانە، زاغۇن يېغى 500g، ئۈزۈم 1kg، ھەسەل 500g، شىكەر 500g1. تەييارلاش؛ مېغىز دۇرىلار ئايرىم-ئايرىم سوقۇلىدۇ. قاتتىق دورىلار سوقۇپ ئارىلاشتۇرىلىدۇ، ياغلار ئېرىتىلىدۇ. شېكەرنى قېيام قىلىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تۇغۇم سېرىقىنى، ئاخىرىدا مېغىز ۋە قاتتىق دورا تالقانلىرىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ، ھالۋايى بەيزە كۇندە 3 قېتىم ھەرقېتىمدا g15 دىن يىگۈزۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا قانسەدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلېپ يۇمشاق تالقانلىغاندىن كېيىن، ئانار شەربىتى بىلەن قۇشۇپ ئىچىشكە بېرىلدى. ئاشقازاندا ئېچىشىش كۆرۈلگەنلەرگە مېغىزلىق يىمەكلىكلەر ياكى ھېلىلە ھەم ئامىلە مۇراببالىرى يېگۇزۈلدى. بۇلاردىن باشقا سىرتتىن ئاشقازان ئۇدىلى مەستىكى يېغى، سۇنبۇل يېغى، قۇستى يېغى قاتارلىق ياغلاردا مايلاپ بېرىلدى.
داۋالاش جەريانىدا كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ يەنە ئىسپەغۇل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گىل ئەرمىنى، كەتىرا، نىشاستە، تاباشىر، سەمغى ئەرەبى، رۇببەسۇس قاتارلىقلار تەڭ مىقداردا ئىلىنغان سۇپۇن تەييارلاپ، كۇندە 3 قېتىم، ھەرقېتىمدا g5 دىن ئىچكۇزۇلدى. پەرھىزدە ئېغىر، تەستە سېڭىدىغان يەللىك تاماقلاردىن چەكلەندى.
داۋالاش ئۈنۈمى
يۇقىرقىدەك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قايتا تەكشۈرگەندە 1-گۇرۇپپىدىكى 10 نەپەر بىماردىن ساقايغىنى 3 نەپەر،ياخشىلانغىنى 7 نەپەر. 2-گۇرۇپپىدىكى 30 نەپەر بىماردىن ساقايغىنى 10 نەپەر، ياخشىلانغىنى 20 نەپەر، 3-گۇرۇپپىدىكى 10 نەپەر بىماردىن ساقايغىنى 8 نەپەر، ياخشىلانغىنى 2 نەپەر،3 گۇرۇپپىدىكى 21 نەپەر ساقايغان بىماردىن باشقا 29 نەپەربىمارغا قارىتا قايتا بىر كۇرۇس يۇقىرقىدەك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن 1-گۇرۇپپىدىكى بىمارلاردا تولۇق ساقىيىش كۆرۇلمىدى. 2-گۇرۇپپىدا 5نەپەر بىمار ساقايدى. خۇلاسىلىغاندا بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتى 56% بولدى. ياخشىلىنىش نىسبىتى 44% بولدى. مۇشۇ خۇلاسىمىزگەئاساسەن مەزكۇر داۋالاش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش ۋە تېغىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھمىيتى بار دەپ قارايمىز.
 ئاپتۇرلار : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى، مىجىت ئابدۇلھىمىت
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282