بۇ مەزمۇن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 465 قىتىم كۆرۈلدى
100 نەپەر بىماردىكى قېتىش تىپلىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتىن قىسقىچە دوكىلات
قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە قېتىش تىپلىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 100 نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكىنى داۋالاش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسى دوكىلات قىلىنىدۇ.
قېتىش تىپلىق بوغۇم ياللۇغى كوپ خىل سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدىغان،بوغۇملار ئاغرىش،ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش،ئېغىرلىرىدا يۇرەككە تەسىر قىلىپ بىر قىسىم ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىش بىلەن ئپادىلىنىدىغان سوزۇلما كىسەللىك بولۇپ،ھاۋا بۇزۇلغان ،قار يامغۇر ياغقان كۇنلەردە ئاسان قوزغۇلىدۇ. شىپاخانىمىز 1995-يىلنىڭ بېشىدىن 1999-يىل 3-ئايغىچە بولغان 4 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر كىسەللىك بىلەن ئاغىرىغان100 نەپەر بىمارنىڭ كىسەللىكىنى كېسەلغانا شارائىتىدا داۋالاپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.تۆۋەندە بىز بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىنى كەسىپداشلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
ماتېرىيال ۋە ئۇسۇل:
بۇبىمارلار ئىچىدە ئەرلەر 57 نەپەر،ئاياللار 43 نەپەر، ئۇيغۇرلار 91 نەپەر،خەنزۇلار 9 نەپەر،ياش پەرقى جەھەتتە 25 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكىلەر 31 نەپەر، 40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكىلەر 69 نەپەر.
داۋالاشتا خىلىت ئېتىبارى بويىچە ماددىنى تازلاش،تارقىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش ئۇسۇلى ئاساسلىق داۋالاش پىرىنسىپى قىلىندى.كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن كېسەللىك خاراكتېرىگە قاراپ پارلىق مۇنچىغا چۈشۈرۈپ تەرلىتىلدى.ئەنجۇر قاينىتىلمىسى،شومشا،بابۇنە،ئكلىمۈلۈك قاتارلىق ئاغرىق پەسەيتكۈچى،ئىششىق ياندۇرغۇچى دورىلارنىڭ لۇئابلىرى،ھۆللۇك يەتكۇزگۇچى،ئىششىق ياندۇرغۇچى ياغلاردىن ياسىمەن يېغى،سۆرۈنجان يېغى قاتارلىق ياغلار سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا چېپىلدى.ئچىدىن ھەر بىر بىمارغا گۈلى بىنەپشە، گۈلى گاۋزىبان،بىستى پايەنچ ھىندى،ئەپتىمۇن،بادىرەنجى بۇيا،شوخلا،شاھتەررە،قىزىل گۇل قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن g7دىن،بوزىيدان،دورۇنجى ئەقرەبىنىڭ ھەر بىرىدىن g 4،گۇلقەنىتتىن g 50 ئلىپ،قائىدە بويىچە 500ml شەربەت تەييارلاپ كۇندە 3 قىېتىم، ھەر قېتىمدا ml15 دىن ئىستېمال قىلدۇرۇلدى.ناشتىغا ئەتتىگەندە نوقۇت سۈيى بىلەن توخۇ گۆشى،كەچتە شورپا بىلەن نان ئىستېمال قىلىشقا نۇيرۇلدى.بۇ مەتنۇخنى 15 كۇن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئومومىي بەدەننى تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە ھەر بىر بىمارغا سانا،قارا ھېلىيلىدىن g 25 دىن،ئۇرۇقسىز ئۈزۈم،تۇربۇت،رەۋەن چىنلەرنىڭ ھەر بىرىدىن g 9 دىن،تۇم زەنجىبىلدىن g 3 دىن،خىيار شەنبەردىن g 90 دىن،تىرەنجىبىندىن g 70،بادام يېغدىن ml7 ئېلىپ،قائىدە بويىچە 500ml شەرنەت تەييارلاپ ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلدۇرۇلدى.قوشۇمچە قىلىپ ھەببى سۆرۈنجان،ئايارەج پەيقارا، لوغانزىيا قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىرى g 9 دىن،ئەرەقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئچىشكە بېرىلدى.
داۋالاشنىڭ 17 – كۈنىگە كەلگەندە سۆرۈنجاندىن g 2،مەستىكى رۇمدىن g 1 نى جاۋارىش ئود،خېمىرى ئەبرىشىمنىڭ ھەر بىرىدىن g 6 بىلەن قوشۇپ ئچىشكە بېرىلدى.بوغۇم ھەركىتىنى يېنىكلىتىش ئۇچۇن ھەر بىر بىمارغا سۆرۈنجان،قارا ھېلىيلە، سانالارنىڭ ھەر بىرىدىن g 15 دىن،تۇربۇتتىن g 30،رەنجىبىلدىن،ئاسارۇن،شاتىرەنجى ھىندى،فىلفىل،بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن g 8 دىن،ھەببى نىلادىن g 9،رەۋەنچىندىن g 14 ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى لاھۇر تۇزى بىلەن سىفۇپ قىلىپ كۇندە 3 قېتىم، ھەرقېتىمدا 1 قۇشۇقتىن ئىستېمال قىلدۇرۇلدى. ئۆدەك يېغىدىن g 20،غاز يېخىدىن g 20،كالا يىلىكىدىن g 20،زېغىردىن g 30، شومشا ئۇرۇقىدىن g 30،ئاق موم،مورمەككى،مەستىكى رومى،مۇقەل، سۆرۈنجان قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن g 5 دىن ئېلىپ،يەرلىك ئورۇنغا زىمادى قىلىندى .ئۇنىڭدىن باشقا g 30 ھەسەلگە g 30 كالا يىلىكى قۇشۇپ ئىرىتپ، ئۇنىڭغا g 100 سوقۇلغان ئنەك پىتى مېغىزىنى ئارلاش تۇرۇپ g 30 سىركە قېتىپ،سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرگەندە ئۆنۈمى ياخشى بولدى.
نەتىجە:
بۇ 100 نەپەر بىماردىكى قېتىش تىپلىق بوغۇم ياللۇغىنى يۇقىرقىدەك دورا ۋە ئۇسۇللار بىلەن داۋالاپ ئۆنۈمىنى كۈزەتكەندە بۇ بىمارلاردىن كېسەللىكى تولۇق ساقايغانلار 51 نەپەر 51 پىرسەنىتنى،ياخشىلانغانلار 33 نەپەر بولۇپ 33 پىرسەنىتنى،ئۆنۈمى كۆرۈلمىگەنلەر 16 نەپەر بولۇپ 16 پىرسەنىتنى ئىگىلەپ،داۋالاشنىڭ ئومومىي ئۆنۈم بېرىش نىسبىتى 84 پىرسەنىتكە يەتتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇرتىبابەت ئالى تېخنىكومى1999-يىلى 4 - سان ئىلمى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان
ئاپتۇرلار : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇدىر ۋىراچ: مۇھەممەتئىمىن ئېلى، مىجىت ئابدۇلھىمىت
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت