busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 24765 قىتىم كۆرۈلدى
چېچەك دېغىنى يوقىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى
   1 . ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك . ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە ، ئاشقازان –ئۈچەينى تازلايدۇ .
   2 . قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
    3 . تۈنەشتىن ساقلىنىش كېرەك ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش – گۈزەللىكنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى .
    4 . يۈزنى يۇيغاندا چۇقۇم پاكىز يۇيۇش ، ماي ، ئۇپىلارنىڭ قالدۇقلىنى قالدۇرۇپ قويماسلىق كېرەك .
   5 . كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش ، يانفۇننى ئۇچۇق ھالەتتە ياستۇق بېشىغا قويۇپ قويماسلىق كېرەك .
   6 . چېچەكنى سىقماي ، ئۆزىنىڭ تەبئىي ساقىيىشىغا قويۇپ بېرىپ ، چېچەك ئىزى قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
   7. كارىۋاتنىڭ ئەدىياللىرى ۋە ياستۇق لۆڭگىلىرىنى دائىم يۇيۇپ ، پاكىز تۇتۇش ،پارازىت قۇرتلارنىڭ ئۇخلىغان چاغدا يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك .
   8 . ئەڭ ياخشىسى سائەت 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇش ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك .
   9. قوقاققا تېگىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكان بار ئاز يېيىش كېرەك .
   10. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك ، ئۆزىنىڭ تېرىسىگە ماس كىلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .
   11. مەرۋايىت تالقىنى بىلەن ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ ، مەلھەم ياساپ يۈزگە سۈرتۇپ بەرسە ، چېچەك دېغىنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
   12. ئاق شېكەردە يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، داغنى يوقىتىپلا قالماي ، يەنە تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ .
   13. ۋىتامىن E نى چېچەك دېغىغا سۈركەپ بەرسە ۋە داۋاملاشتۇرسا ، داغ بارغانسېرى سۇسلىشىدۇ .
   14. گۈل چايلىرىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ، تېرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ .

 

شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282