بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 20889 قىتىم كۆرۈلدى
خام ياڭيۇنى كېسىپ يۈزگە سۈركەپ بەرسە زەخمىلەنگەن تېرىنىڭ ساقىيىشى تېزلىشىدۇ.
چىش پاستىسى چىشنى تازىلاش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى سېسىق پۇراقلارنى يوقىتىش ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ۋە كېسەللىككە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
چىش پاستىسىنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ماددىدىن ئىبارەت: 1. سوپۇن تەخمىنەن %5نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ چىشنى تازىلاش ھەم مەلۇم دەرىجىدە باكتېرىيە يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 2. كالىتسىي كاربونات پاراشوكى %80تىن %90نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئاساسلىقى چىش چوتكىلىغاندا سۈركىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. 3. مۇناسىۋەتلىك ماددىلار، مەسىلەن گلىتسىرىن ياكى ھەر خىل دەرەخ يېلىمى تۈرىدىكى ماددىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. 4، خۇش- پۇراق ماي تۈرىدىكى ماددىلار بىلەن تاتلىق ماددىلار، بۇلار ئاساسەن ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمىنى بىلەن تېتىش سېزىمىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە ئېغىز بوشلۇقىدىكى بىر قىسىم غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىدۇ.
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت