بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 36921 قىتىم كۆرۈلدى
قانداق كىشلەر سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
ھاراققا خۇمار كىشلەر :ھاراق يېتىلگەن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، سۆڭەك سۇنۇشقا ئۇل ھازىرلايدۇ .
تاماق تاللايدىغان كىشلەر:تاماق تاللايدىغان كىشلەرنىڭ بەدىنىدە كالتسىي ، ئاقسىل كەمچىل بولىدۇ ، بۇ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھەرىكىتى ئاز كىشلەر : بۇنداق كىشلەر ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ .
تاماكا چېكىدىغانلار:بۇ خىل كىشلەرنىڭ بەدىنىدىكى كالتسىي سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كەتكەچكە ، ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ .
ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلى بار كىشلەر : بۇ خىل كىشلەرنىڭ داس سۆڭىكى سۇنۇش خەۋپى ئېغىر .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت