بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 19 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2649 قىتىم كۆرۈلدى
ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغى
تۇنۇش
ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغى-بۇ كسەل ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىقى تۆۋەنلىگەن شارائىتتا ھەرخىل جاراسىملار تەسىرىدىن يۇقۇملىنىش ياكى فېزىكا،خېمىيلىك ئامىللارنىڭ غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان كاناي،كانايچە ياللۇغى كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى
بۇخىل كېسدەل قىش پەسلىدە ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پەسىللەردە كۆپ پەيدا بولىدۇ، پەقەت ئازراق بىر قىسمىدىلا بىرلەمچى،كۆپ قىسىمى ئىككىلەمچى بولىدۇ،كېسەللىك سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ 3تۇرگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
يۇقىرى نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا ئىككىلەمچى بولۇپ پەيدا بولىدۇ، دەسلەپتە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئاقىدىنلا مىكروپلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، كېسەللىك سەۋەبچىسى ئۆپكە ياللۇغى مىكروبى تارقىلىشچان زۇكام تاياقچىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مەلۇم كېسەللەردە داۋاملىق ساقلىنىدىغان قىسمەن كېسەللىك بەلگىسى ۋە قۇشۇلغان كېسەللىكى بولىدۇ. مەسىلەن:تارقىلىشچان زۇكام،قىزىل كۆكيۇتەل،بوغام،ئۆپكە سىلى،قوشۇمچە بۇرۇن كاۋاك ياللۇغى،بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كاناي ياللۇغى ساقلىنىدۇ.
فىزىكا،خېمىيلىك غىدىقلىنىشلار مەسىلەن:سىلتىسى ۋە باشقا كان ماددىلارنىڭ تۇزاڭلىرى، قىچا چىچىكى، تۇتۇن قاتارلىقلار.
كېسەل قوزغاشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قوشۇمچە ئامىللارنىڭ بىرى سوغۇق تەككۇزىۋىلىشتىن ئىبارەت. چۇنكى سوغۇق تېرە رىفلىكىسى ئارقىلىق كانايچىلار شىللىق پەردىلەرنىڭ قان ئايلىنىشىدا توسقۇنلۇقنى پەيدا قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ قارشىلىق كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
ئالامىتى
ئۇمۇمى بەدەنلىك ئىپادىسى:يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كانايچە ياللۇغىدا كېسەللىكنىڭ دەسلىۋىدە كۆپىنچە يۇقارقى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىشنىڭ بەلگىرلىرى ئوتتۇرا دەرىجىدە قىزىتىش،توڭلاش،ماغدۇرسىزلىنىش،پۇتۇن بەدەندىكى گۆشلەرنڭ تېلىپ ئاغرىشى،باش ئاغرىش،تۇمۇرى ۋە نەپەس قېتىملىرىنىڭ كۆپىيشى قاتارلىقلار بولۇپ بۇ كېسەللىك بەلگىلىرى 3-4كۇندە بولىدۇ.
يەرلىك ئىپادىلىرى:باشلىنىشتا كۆپىنچە دىماقنىڭ پۇتۇشى بۇرۇندىن سۇ قۇيۇلۇش،چۇشكۇرۇش،يۇتقۇنچاق بوغۇزىنىڭ ئاغرىشى،ئاۋاز پۇتۇشلەر بولۇپ، كېيىنچە تۆش سۆڭەك ئارقا قىسمىدا بېسىلىش ھىس قىلىش ياكى سەل ئاغرىش قاتارلىقلار بولىدۇ. يۆتەل بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىدۇ. يۆتەل باشلىنىشتا يېنىك،كېيىن تەدرىجى ئېغىرلىشىدۇ. تۇتقاقلىقمۇ بولىدۇ. ئەمگەك،سوغۇق ھاۋا ياكى ئىس قاتارلىقلار يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. يۆتەل ئغىرلاشقاندا قۇشۇمچە ئالدىنقى كۆكرەك ئاستىنقى قىسمى ۋە قورساق ئۇستۇنكى قىسىملىرىدا ئاغرىش بولىدۇ. يۇتەل بىلەن بىرلا بەلغەم كىلىشى مۇمكىن.
بەلغەم دەسلەپكى ۋاقتىدا شىلىمشىق،ناھايىتى قۇيۇق مىقدارى ئاز بولۇپ يۆتەل بىلەن ئوڭايلىقچە چىقمايدۇ. كېيىنچە تەدرىجى كۆپىيىپ يېرىڭلىق خاراكتېرغا ئايلىنىدۇ، ئاز مىقداردا قان بولۇشمۇ مۇمكىن. ئەسلىگە قايتىش دەۋرىگە كەلگەندە بەلغەم تەدرىجى ھالدا ئازىيىپ ئەڭ ئاىىرىدا يوقىلىدۇ. كۆكرەك قىسمىنى تەكشۇرگەندە كۆپۇنچە پەۋقۇللادە ئۆزگىرىش كۆرۇلمەيدۇ. بەزىدە نەپەس تاۋۇشى تۆۋەنلىشش ياكى ئىككى تەرەپ ئۆپكىدە قۇرۇق خىرىلداش ئۆپكىنىڭ ئاستى قىسمىدا ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىشى مۇمكىن.
داۋالاش پىرىسنىپى
ياللۇغ قايتۇرۇش،يۆتەل پەۋەيتىش،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىدۇ.
تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت