busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 19 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2823 قىتىم كۆرۈلدى
سوزۇلما كاناي ياللۇغى
 تۇنۇش
سوزۇلما كاناي ياللۇغى-كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىدە ئاستا خاراكتېرلىك خاس ئالاھىدە بولمىغان ياللۇغلىنىش بولۇپ كېلىنكىدا تەكرار قوزغىلىدىغان يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش ۋە ھاسىراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس سېستىما كېسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ ھەر قاندا كېشىلەردە پەيدا بولۇپ قىش پەسلىدە ئەڭ كۆپ قوزغىلىدۇ.
سەۋەبى
سوزۇلما كاناي ياللۇغىنىڭ نەق كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
ئۆتكۇر كانايچە ياللۇغىنىڭ ئاسارىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بەدەندە ھۆللۇكنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە تەكرار يۇقۇملىنىشى غەيرى تەبىئى ھۆللۇك زىيادە ئارتىپ كېتىپ نەپەس يولىرىنى غىدىقلاش بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
قۇرۇقلۇقنىڭ ئارتىپ كېتىشى:ئۇمۇمى بەدەندە قۇرۇقلۇق ئارتىپ كېتىش بولۇپمۇ كاناي ۋە كانايچىلاردا قۇرۇقلۇق ئارتىپ كەتكەندە كانايچەشىلللىق پەردىلەردىكى سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكلىقى مىكروقان تۇمۇرلاردىكى قان ۋە ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى تۆۋەنلەپ،يەرلىك ئورۇنننىڭ تەبىئى كۇچى ئاجىزلاپ يات ماددىلارنىڭ تازلىنىشى توسقۇلۇققا ئۇچرايدۇ.
تاماكا چىكىش:تاماكا چىكىشنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، تاماكا چەككۇچىلەردە مەزكۇر كېسەللىكنىڭ بولۇش نىسبىتى چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 2ھەسسە كۆپ كۆرىلىدىكەن. ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆت ھەسسىدىن كۆپ ئىكەن، تاماكا چىكىش نۆۋەتتە مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكى پۇتۇن دۇنيا جامائەتچىلىك تەرپىدىن مۇئەييەنلەشتۇرۇلمەكتە.
ئىرسىيەت ئامىلى %7-3 بىمارنىڭ ئائىلە جەمەت تارىخى بارلىقىنى مەلۇم بولغان. ھىسسىيات ئامىلى:زىيادە سەزگۇرلۇك رىئاكسىيسى پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ئامىللار زىيادە سەزگۇرلۇك بەدەن تىپىغا ئىگە كىشىلەر بىلەن نەپەس يولى ئارلىق ئۇچراشقاندا كانايچىلاردا سىپازمىلىنىش،زەخمىلىنىش ۋە ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
كېسەل قوزغاتقۇچى ئامىللار
مۇھىتنىڭ بولغۇنىشى ۋە تىپمىرارىنىڭ ئۆزگىرىشى مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ،قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، يۇقۇملىنىش زۇكام،يۇقۇملۇق زۇكام،ئۆپكە ياللۇغى،بۇرۇن يان كاۋاك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بولۇپمۇ ۋىتامىن AC  نىڭ كەمچىل بولىشى، غىدىقلاش خۇسۇسىيتىنىڭ ۋە يېپىشقاق شىرلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،بىر قىسىم ئىسسىق،سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش،پاراسىمپاتىك نىرۋىنىڭ قوزغىلىشى زىيادە ئارتىپ كېتىش،كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىدا تەشەننۇج پەيدا قىلىپ ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىشىنى كۇچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش،ھاسىراش كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغانلارنىڭ مىزاجى تەتۇر تاناسىپ بولۇپ تەبىئەت كۇچىنىڭ تەدرىجى ئاجىزلىشىشى بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى
كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشى،تەرەققى قىلىشى ئاستا،كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولۇپ بىر يىلدىن بىر نەچچە يىلغىچە ھەتتا ئون نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، تەكرار قوزغىلىدۇ، قوزغاتقۇچى ئامىللارغا يۇلۇققان ھامان كېسەللىك دەرھال قوزغايدۇ. تەكرار قوزغالغاندا ئالامەتلەر بىر قەدەر روشەن بولۇپ ئۆتكۇر كاناي ياللۇغىدىكى ئالامەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك قىشتا كۆپرەك قوزغىلىپ يازدا ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىگىدىن يەڭگىللەيدۇ. كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلەردىكى ياللۇغلىنىش ئۇچچىدىكى ئاجرالما ماددىلارنىڭ كانايچىلارنى غىدىقلىشىدىن يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ، يۆتەل ئەتىگەندە ۋە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۇچلۇك بولۇپ كۇندۇزى يەڭگىللەيدۇ، دەسلەپتە قۇرۇق يۆتەل بىلەن باشلاپ كېسەللىك ترەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلغەمنىڭ يۆتەل پەيدا بولىدۇ.
يۆتىلىش:كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىسىدىكى ياللۇغلىنىش ئۇچىدىكى ئاجرالما ماددىلارنىڭ كانايچىلارنى غىدىقلىشىدىن يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ. يۆتەل ئەتىگەندە ۋە ئۇخلاشنىڭ ئالددىدا كۇچلۇك بولۇپ كۇندۇزى يەڭگىللەيدۇ. دەسلەپتە قۇرۇق يۆتەل بىلەن باشلىنىپ كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلغەملىك يۆتەل پەيدا بولىدۇ.
بەلغەم تۇكۇرۇش:يۆتىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن دەسلەپتە ئاق كۆپۇكلۇك بەلغەم تۇكۇرۇش بىلەن كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىششى ۋە داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ يېرىڭلىق بەلغەملىك يۆتەل پەيدا بولىدۇ. بەلغەمنىڭ رەڭگى تەدرىجى كۆك رەڭگە ياكى سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم بىمارلاردا قاتتىق ئۇيۇل يېرىڭلىق بەلغەم كېلىدۇ. بەلغەمنىڭ مىقدارى ئەتىگەندە ئۇرۇندىن تۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولىدۇ.
ھاسىراش:سۇزۇلما كاناي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۇلىشى ناتايىن پەقەت ھەسساسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھاسىراش تىپىدىكى سۇزۇلما كاناي ياللۇغىدا كۆرۇلىدۇ. سوغۇق ھاۋا ۋە ئۆتكۇر پۇراقلىق مۇھىتتا ھاسىراش بىر قەدەر تىپىك بولىدۇ.
بەدەن بەلگىسى
يەڭگىل بولغاندا ئېنىق بەدەن بەلگىسى كۆرۇلمەيدۇ، بىر قەدەر تىپىك بولغانلىرىدا ئۆپكە تىگىدىن تىڭشاپ تەكشۇرگەندە ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىپ، بەزىلىرىدە سۇناي تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، كۆكرەك شەكلى تۇڭ كۆكرەك شەكلىگە كېرىپ قالدۇ(زىيادە ئېغىرلاردا)قۇۋۋۇرغا ئارلىقلىرى كېڭيىدۇ.
ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى:
سۇزۇلما خاراكتېرلىك كاناي يالۇغىنى ياخشى داۋالىمىغاندا تۆۋەندىكى ئىككىلەمچى كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ، سوزۇلما كاناي ياللۇغى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت (5-10يىل)يوقىلىش نەتىجىسىدە ئۆپكە پۇۋەكچىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ قالدۇق ھاۋا مىقدارى تەدرىجى ئېشىپ مەزكۇر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆپكە مەنبەلىك يۇرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى پەيدا بولۇپ تەدرىجى ئېغىرلىشىپ نەتىجىدە ئۆپكە يۇرەك قان ئايلىنىش ياخشى بولماي بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش،مىزاجنى تەڭشەش،ياللۇغ قايتۇرۇش،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282