busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13176 قىتىم كۆرۈلدى
150 نەپەر بەل ئۇمۇرتقا سوڭەك ئۆسۈش كېسەللىكىنى داۋالاشتىن دوكىلات
قىسقىچە مەزمۇنى: مەقسەت : ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىكنى داۋالاش ئۈنۈمىنى كۈزىتىش : ئۇسۇل: 150 نەپەر بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىكنى بەدەن ئىچى سىرتىدىن ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيچە داۋالاش : نەتىجە : 150 نەپەر بىمار ئىچىدە كېسەللىكى ساقايغىنى 88 نەپەر بۇلۇپ %58 نى، ئۈنۈمى كۈرۈنەرلىك بولغانلار 27 نەپەر % 18نى، ئۈنۈمى كۈرۈلگەنلەر 24 نەپەر بۇلۇپ %16نى، ئۈنۈمى كۈرۈلمىگەنلەر11 نەپەر بۇلۇپ %7 نى ئىگەللەپ،داۋالاشنىڭ ئۈنۈم بېرىش نىسپىتى %92 گە يەتتى.
يەكۈن:بەل ئۇمۇرۇتقا سۈڭەك ئۈسۈش كېسەللىكىنى داۋالاشتا، سەۋەپچى بولغان خىلىتقا قارتا مۇنزىچ، مۇسھىل ئىشلىتىش،شۇنداقلا تۇسالغۇلارنى ئاچقۇچى، قاننى جانلاندۇرۇپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى بەدەن ئىچى سىرتىدىن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، يىڭنە سانچىش، ئۇۋلاش، قاتارلىق فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرگىلى، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بەل ئۇمۇرتقا سوڭەك ئۆسۈش،ئىچى سىرتىدىن داۋالاش .
بەل ئۇمۇرتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى، ھەرخىل ئىچكى –تاشقى سەۋەپلەردىن بەل ئۇمۇرتقىسىنىڭ مەلۇم قىسمىدا غەيرى نۇرمال ئۆسۈش بۇلۇپ كىلنىكىدا بەل ساھەسى ئاغرىش ۋە ھەركىتى قىيىنلىشىش،ئولتۇرۇپ قوپوش قىيىن بولوش، تۆۋەنكى مۆچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئېغىر بولغاندا تۈۋەنكى مۆچە سىزىم سۇسلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان كىسەللىك بولوپ، دۇختۇرخانىمىز 2009- يىلى 10– ئايدىن 2010- يىلى 12- ئايغىچە بولغان ئارلىقتا بۇ خېل كېسەلگە گېرىپتار بولغان150نەپەر بىمارنى كىلنىكىلىق تۈرگە ئايرىپ ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيچە داۋالاپ، كۆرۆنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، تۆۋەندە بۇخىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۈتىمەن .
1. ماتېرىيال ۋە ئۇسۇل:
1.1. ئادەتتىكى ماتېرىيال: 150 نەپەر بىمارئىچىدىن جىنسىي ئايرىمىسى جەھەتتىن ئەرلەر 94 نەپەر بولۇپ % 62 نى، ئاياللار 70 نەپەر بولۇپ % 38 نى ئىگەللەيدۇ، ياش پەرقى جەھەتتە ئەڭ چوڭى 66 ياش، ئەڭ كىچىكى 28 ياش بولۇپ، ئوتتۇرچە يىشى47 ياش، خىلىت ئايرىمىسى بويچە بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن بولغىنى 53نەپەر بولوپ %35 نى ئىگەللەيدۇ، سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن بولغىنى 57نەپەر بولوپ %38 نى ئىگەللەيدۇ . موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن بولغىنى 40نەپەر بولوپ % 27 نى ئىگەللەيدۇ.
1.2. دئىاگنۇز قۇيۇش: بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى (زەخمىلىنىش ، يېقىلىش تارىخى) تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى ، بەل ئۇمۇرۇتقىسىنى رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن .  
3 .1. داۋالاش : بىمارلارغا قارتا روھى داۋالاش چىڭ تۇتۇلۇپ كېسەللىكتىن ساقىيىش ئىشەنچىسىى تۇرغۇزۇلدى، قائىدىلىك كۈتۈش ۋە پەرۋىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرىلدى، پەرھىزى جەھەتتە، ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان، لەتىف يىمەك - ئىچمەكلەر بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇلدى، تەستە ھەزىم بۇلىدىغان، غەلىز يىمەك– ئىچمەك لەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلدى.
دورا بىلەن داۋالاشتا : خىلىت ئايرىمىسى بويچە بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن ، سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن ۋە بەلغەمنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈرۈلۈش نىسپىتى يۇقۇرى بولغان تىپىغا قارتا قايسى تىپتىن بولغان بولسا شۇ خېلىتنىڭ مۇنىچ – مۇسھىلى بېرىلىپ ، كېسەللىك ماددىسى تەنقىيە قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىششىق دورىلاردىن ئاغرىق پەسەيىتكۈچى ، ياللۇغ قايتۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئاچقۇچى ، ئۇمۇمىي بەدەن ۋە رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن قۇرسى يەھيا ، قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى   قۇرسى ئىتتىرفىل چۆبچىن ، قۇرسى خېمىرى گاۋزىبان ، ھەببى مادىتىل ھايات ، قۇرسى داۋايى مىشكى قۇشۇمچە ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى جاۋارىش ئۇدتۇرۇش قاتارلىق دورىلار بېرىلدى،يۇقۇرقى دورىلارنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ماددا ئالمىشىنى ياخشىلاش، قاننى جانلاندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش مەخسىتىدە سۆرۈنجان مېيى، زەيتۇن مېيى قاتارلىقلاردا سىرتىدىن مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈلدى .   
ئىچىدىن يۇقارقى مۇنزىچ – مۇسھېل ۋە مۇناسىپ دورىلارنى بېرىش بىلەن بىرگە سىرتىدىن يەرلىك ئۇرۇنغا قارتا ئۇۋلاش، يىڭنە سانچىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، زىمات تېڭىش، قۇرۇق ھورداققا سېلىش، پاشۆيا قىلىش ، ئولتۇرا دولقۇن ۋە مىكرو دولقۇندا داۋالاش قاتارلىق مۇناسىپ فىزىكىلىق داۋالاش كۈندە بىرقېتىم قوللۇنۇلدى (فىزىكىلىق داۋالاشلار ئايال بىمارلارنىڭ ھېيىز مەزگىلىدە توختۇتۇلدى ) شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىمارغا قارتا مۇسھېلنى بېرىپ ماددىنى تازلاپ بولغاندىن كىيىنھەرقايسى تىپىدىن بولغانغا بالنىستىن چىقىپ كەتكۈچە ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۇڭەك ئۈسۈشنى چەكلەش مەخسىتىدە مەجۇنى چۆبىچىن : قەلەمپۇر 10 گىرام، جۆز 10 گىرام ، بەسباسە 10 گىرام ، قىزىل گۈل 10 گىرام ، سۆرۈنجان 10 گىرام ، سەئىدى كۇفى 20 گىرام ، زەنجىۋېل 20 گىرام ، پىلپىل 20 گىرام ، ئاقىرقەرھا 20 گىرام ، پارپا 5 گىرام ، خولىنجان 10 گىرام ، دارچىن 5 گىرام ، قاقىلە 5 گىرام ، قارمۇچ 5 گىرام ، مەستىكى 5 گىرام ، بوزۇغا 5 گىرام ، بوزىيدان 5 گىرام ، سانا 5 گىرام ، لىسانۇلئەسافۇر 5 گىرام ، چۆبىچىن 300 گىرام ، زورەمبات 10 گىرام ، ھەسەل 1500 گىرام قاتارلىق دورلاردا مەجۇن تاييارلاپ بىركۈندە ئۈچ ۋاخ 10گىرامدىن يىيىشكە بېرىلدى ، بەدەن قۇۋېتى ئەسلىگە كەلمىگەن بىمارلارغا قارتا ، يۇقۇرقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى داۋاملىق قوللىنىش بىلەن بىرگە ، مائۇلئەسەل شەربىتى تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەرقېتىمدا 30- 50 مىللىلىتىرغىچە ئىچىشكە بېرىلدى .
ئاخىرقى باسقۇچتا رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ، ئۇمۇمىي بەدەننى كۈچايتىش مەخسىتىدە ئەبرىشىم جەۋھىرى ،قۇرسى خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى ،قۇرسى داۋايى مىشكى،ھەببى ماددەتۇلھايات ،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى قاتارلىق دورىلار تاللاپ بېرىلدى.
2 . نەتىجە :بىمارلارنىيۇقارقى ئۇسۇل بۇيچەداۋالاپ ،ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۈزەتكىنىمىزدە 150 نەپەر بىمار ئىچىدە كېسەللىكى ساقايغىنى 88 نەپەر بۇلۇپ %58 نى، ئۈنۈمى كۈرۈنەرلىك بولغانلار 27 نەپەر % 18نى، ئۈنۈمى كۈرۈلگەنلەر 24 نەپەر بۇلۇپ %16نى، ئۈنۈمى كۈرۈلمىگەنلەر11 نەپەر بۇلۇپ %7 نى ئىگەللەپ،داۋالاشنىڭ ئۈنۈم بېرىش نىسپىتى %92 گە يەتتى.
3 . مۇھاكىمە : 3.1 بەل ئۇمۇرۇتقا سۈڭەك ئۈسۈش كېسەللىكىنى داۋالاشتا كېسەللىكنى تىپىغا ئايرىپ داۋالاش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاغرىق پەسەيتىپ ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىچى سىرتىدىن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ، يەرلىك ئۇرۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، پاشۆيا قىلى، قۇرۇق ھورداققا سېلىش، مۇناسىپ ياسالمىلارنى تەييارلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈپ قوللانغاندا يەڭگىل بولغان سۈڭەك ئۈسۈكچىللىرىنى يۇقاتقىلى ، ئېغىرراقلىرىنى تىزگىنلەپ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتۇق.
3.2 كىلنىكىلىق كۈزۈتۈشىمىزگە قارغاندا ، بۇخېل كېسەل كۈپۈنچە بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن ، سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن ۋە موزا تەملىك بەلغەم تەسىرىدىن
كۆپرەك بولىدىغانلىقى بايقالدى، بۇخېل غەيرى تەبىئىي خىلىت سۇغۇقلۇق كەيپىياتى ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسۇلاشتۇرتۇپ ، روھ قۇۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتقا ئىگە بولغان سۇڭەك تۇقۇلمىللىرى، خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى ، ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىش ، غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش قاتارلىق تەسىرلەر بىلەن بىرىكىپ ئاقىۋەتتە سۈڭەك ئۈسۈش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3.3 بەل ئۇمۇرۇتقا سۈڭەك ئۈسۈش كېسەللىكىنى داۋالاشتا باشتىن-ئاخىر بىمارنىڭ يىمەك ئىچمىكىنى تەرتىپكە سېلىش ، غىدىقلىغۇچى ، يەللىىك ، تەستە ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇپ ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، قۇۋەتلىك يىمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلاندۇرغاندا ، دورىنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتىنى تىزلەتكىلى، كېسەللىكنىڭ ساقىيىش نىسپىتىنى ئاشۇرغۇلى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلۈدۇق.
3.4 كىلنىكىلىق كۈزۈتۈشىمىزگە قارغاندا ، بۇخېل كېسەل كۈپۈنچە يېشى چوڭلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ،يەنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، بەدەندە ھارارەت تۈۋەنلەپ ، بەدەن سۇغۇققا مائىل بوپ قېلىش سەۋەپلىك بەدەندە ماددا ئالمىشىش ئاستىلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئۇرۇننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يىتەرلىك بولماي ، ماددا ئالماشتۇرۇش سۇسلىشىش غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش قاتارلىق تەسىرلەر ئاقىۋەتتە سۈڭەك ئۈسۈش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئاپتۇرلار : ئالىمجان مەخمۇت، ئوسمانجان ئابدىغنى ، قەدىرنىسا ئۇبۇلقاسىم
يوللىغۇچى : ئالىمجان مەخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282