busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7695 قىتىم كۆرۈلدى
مۇفاسىل كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە پەرۋىش قىلىش
قىسقىچە مەزمۇنى: مەقسەت: ئۇيغۇر تېبابىتىدە مۇفاسىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى  زىمات تېڭش پەرۋىش مەشغلاتى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىمارلارنى ئەڭ ياخشى پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.ئۇسۇل: 2009- يىلى 2- ئايدىن 2010- يىلى 3- ئايغىچە بولغان ئارلىقتا بۆلۈمىمىزدە يېتىپ داۋالىنىۋاتقان 108 نەپەر بىمارغا نىسبەتەن زىماد تېڭىپ داۋالاش ۋە پەرۋىش خىزمىتى ئىشلەندى. نەتىجە:دوختۇر سېستىرالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ، داۋالىشى ۋە پەرۋىش قىلشى نەتىجىسىدە مۇفاسىل كېسەللىكىنى زىمادى سۆرۈنجان بىلەن داۋالىغاندا ياخشى ئۆنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.يەكۈن:زىماد تېڭىپ داۋالىغاندىن كىيىن بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بوغۇم ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇپ، بىمار كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كۈچەيتىش ، ب ىمارلانىڭ تىببى خادىملار ياخشى ماسلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىش مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىشقا يەرلىك ئۇرۇننىڭ بېسىمغا ئۇچىرىشىدن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن دىققەت قىلىش، پەرۋىش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللاردۇر.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بوغۇم ياللۇغى، زىماد تېڭىپ داۋالاش، پەرۋىش
تونۇش: « مۇفاسىل » كېسەللىكى بوغۇملارنىڭ يەل ، ھۆللۈك ۋە سوغۇملۇقنىڭ تەسىرىدىن بوغۇم سۇيۇقلىقىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش، ھەتتا يوقۇلۇش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
ھازىرقى پەرۋىش قىلىش ئومۇمىي ئەنئەنىۋى بولغان «كېسەلنى مەركەز قىلىش» تىن ئۆزگىرىپ «بىمارلارنى مەركەز قىلىش» تىن ئىبارەت پەرۋىش قىلىشقا ئۆزگەردى.
ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىش ئىلمىي ئۇيغۇر تېبابەت نەزەرىيىسىنى يىتەكچى قىلغان ئاساستا ھازىرقى زامان پەرۋىش ئىلمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىشىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىش سۈپىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئادەتتىكى ماتىريال : ئۇمۇمىيبىمار 108، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار 74 نەپەر ، %68 نى، ئەرلەر 34 نەپەر%31 نى، يېشى 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلار  38 نەپەر %35 نى ، 50 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغانلار 53 نەپەر بۇلۇپ%49 نى ، 60 ياشتىن يۇقۇرلار 17 نەپەر %15 نى ئىگەلللەيدۇ. خىلىت ئىتىبارى بۇيچە : موزا تەملىك بەلغەمدىن بولغانلار 64 نەپەربۇلۇپ %59، غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغانلار 44 نەپەر بۇلۇپ%40 نى ئىگەللەيدۇ.
مەزمۇن: ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا باشقا داۋالاش بىلەن بىرلەشتۇرۇش بىلەن بىرگە كۆپۈنچە زىماد تېڭىپ داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا. ھەمدە بىر قەدەر ياخشى بولغان داۋالاش ئۆنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۆلۈمىمىزمۇ ھازىرغىچە 108 نەپەر بىماردىكى بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكى ئىچىدىن دورا ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سىرتىدىن زىمادى سۆرۈنجان بىلەن زىماد تېڭىشىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىغان بولۇپ، دوختۇر سېستىرالارنىڭ ياخشى ماسلىشىپ ئەستايىدىل داۋالاش ۋە كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش نەتىجىىسدە، بوغۇم ياللۈغى كىسەللىگى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىش نىسپىتى يۇقىرى بۇلدى.
پەرۋىش قىلىش ئۇسۇللىرى :
سرتىدىن دورا بىلەن تېڭىش مەشغۇلاتى :
ماتىريال تاييارلىقى : زىمات تېڭىشقا كېتەرلىك ماتىريالار ( داۋالاش ھارۋىسى ، دورا ئالماشتۇرۇش، قاچىسى، ئەگمە قاچا، يۇپۇق ، شېرما، ئۇيغۇر تىبابىتى تېڭىق دورىللىرى ، خەسە، بىنىت، تۇخۇم قاتارلىقلار)
دورا تەييارلاش : تەييارلانغان تۇخۇمنى دورا قاچىسىغا چېقىپ تەييارلانغان دورا تالقىننى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇپ ، تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ، زىمات دورىسى تاييار قىلىمىز .
مەشغۇلات تەرتىۋى : ئۈچىنى تەكشۈرۈش يەتتىنى سېلىشتۇرۇش – قول يۇيۇش – ماسكا تاقاش- ماتىريال تەييارلاش – بىمارغا داۋالاش مەخسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش – شېرما تارتىش – يۇپۇق يېپىش – تاييارلانغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىنى يەرلىك ئۇرۇنغا تەكشى سۈرتۈش – يەرلىك ئۇرۇننى تېڭىش – بىنىت بىلەن ئۈستىدىن ئوراش – پىلاستىر بىلەن مۇقۇمداش – تېڭىقنىڭ چىڭ بوشلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش – بىمارغا ياردەملىشىپ كىيمنى كىيدۈرۈش – بىمارغا بەدىننى ئىسسىق ساقلاش ۋە 40 مىنۇت يېتىپ ئارام ئېلىشنى تاپىلاش – باشقا ماتىرياللارنى رەتلەپ دېزىنفىكسىيە قىلىش – قول يۇيۇش – خاتىرە قالدۇرۇپ ئىمزا قۇيۇش.
بۇلۇمىمىزدە داۋالانغان 108نەپەر بىمارلارغاقارتا زىمات تىڭىش پەرۋىش مەشغۇلاتىنى ئېلېپ بېرىشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلەر ئېلىپ بىرىلدى ،دىققەت قىلدىغان ئېشلار ؛1.بەدەننى ئېسىق تۇتۇش شامالداپ قىلىشتىن ساقلىنىش زۇرۇر بۇلغاندا ھەركەتتېن چەكلەش تەپسىلى  بىمارنىڭ ماسلىشى قۇلغا كەلتۇرۇلدى.
2.زىمات تاڭغانداندىنكىيىن يەرلىك ئۇرۇندا قىزىرىش ،قىچىشىش ئەھۋاالىرى كۇرۇلسە دەرھال دۇختۇر سىستىرالارغا دۇكلات قىلىش لازىم.
3.يەرلىك ئۇرۇندا قىزىرىش،ئەسۋە ئۇرلەش ئۇرلەش ئەھۋاللىرى كۇرۇلسە تاتلاپ يەرلىك ئۇرۇننىڭ زەخمىلنىشدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار تەپسىلى چۇشەندۇرۇلدى
نەتىجە: دۇختۇر- سىستىرالارنىڭ كۇڭۇل قۇيۇپ داۋالاشى ۋە پەرۋىش قىلىش نەتجىسىدە بۇغۇم ياللۇغېنىى زىماتى سۇرۇنجان بىلەن داۋالىغاندا ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشكىلى بۇلدىغانلىقى ئسپاتلاندى.      
پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نۇختىلار: 1. رۇھى پەرۋىش- بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائلە تاۋاباتلىرىغا بۇغۇم ياللۇغى تۇغرىسدىكى ساۋاتلارنى سۇزلەش بىلەن بىرگە زىمات تىڭش مەشغۇلات ئىشلەشتكى مەخسەت، دىققەت قىلىشقا تىگشلىك ئشلار ۋە پەرۋىش قائىدىللىرى چۇشەندۇرۇپ قۇيۇلدى ئۇلاردا كىسەللىكتىن خالاس بۇلۇپ ساقىيىپ كىتىشكە بۇلغان ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدى، شۇ ئارقىلىق بىمارلارنىڭ داۋالاش ۋەپەرۋىشكە تىخىمۇ ياخشى ماسلىشى شۇنداقلا كىسەلدىن ساقىيىش ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلدۇ.                                   
2.تۇرمۇش پەرۋىشى:
1كىسەللىىك ئەھۋالى يەڭگىللىگەن بىمارلارغا سىستىرالارنىڭ ھەمكارلىقىدا بالنىست ئچدە ياكى دۇختۇرخاناھۇيلىسدا چېنىقېش ئۇسكۇنلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلنىپ ھەركەت قىلدۇرۇلدۇ .
2.تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن بىمارنىڭ يىشى، بەدەن تۇزلىشى، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەركەت قىلىش، ئارام ئېلىش ۋاقتى بەلگىلەپ بىرىلىدۇ.
3. پەللەمپەيدىن چىقىپ، تىز يول يۈرۈش، يۈگۈرۈش ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش قاتارلىق كۈچلۈك ھەركەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش، نەم سوغۇق مۇھىتتىن ساقلىنىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ، زىيادە سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش بوغۇملارغا چۈشكەن بېسىمنى ئازايتىش، شۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدى ئىلنىدۇ
ئوزۇقلۇق پەرۋىشى: بىمارنىڭ خىلىتى، مىزاجى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوزۇقلۇق تەرتىپىنى تەڭشەپ، بىمارنى ئوزۇقلاندۇرغاندائاسان ھەزىم بۇلدىغان يەڭگىل لەتىف يىمەكلىكلەردىن باچكۇگۇشى،چۇپ ئاش ،پاقلان گۇشى، يوقىرى ۋىتامىنلىق ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە، غەلىز غىدىقلىغۇچى ، قاننى سۇۋۇتۇپ بەدەن ھارارىتىنى تۈۋەنلەتكۈچى ،كالاگۇشى ،قىيمىلىق تائاملاردىن (مانتۇ ،خۇشاڭ ،گۇشگىردە)قىتىق،لەمپۇڭ،لازا-ئاچچىقسۇ قاتارلىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش.
بالنىستتىن چىققاندىن كىيىنكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بوغۇم ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇپ، بالنىستتىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالنىستتىن چىققاندىن كىيىن بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بۇ كېسەللىكنىڭ قايتا بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كۈچەيتىش.
بىمارلارنىڭ تببىي خادىملارغا ياخشى ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ دەم ئېلىشقا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش، يەرلىك ئورۇننڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەرگە دىققەت قىلىش، پەرۋىش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.       ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيە ئىلمىي 2004- يىل 2- نەشىرى
2.      ئۇيغۇر تېبابىتى سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي 2004- يىل 2- نەشىرى
3.      ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 1995- يىل 1- نەشىرى
4.      ئۇيغۇر تىبابىتى كېسەللنىش قانۇنىيىتى ئىلمىي 2004- يىل 2- نەشىرى
5.تىز بوغۇم سۈڭەكلىشىش خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت پەرۋىش تېخنىكا مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش لاھىيەسى قوللانمىسى تەتقىقات تېما .
ئاپتۇرلار : مەڭنىسا ياقۇپ،گۇلنۇرئابدۇللا، ھاجىگۇل مەمتىمىن
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282