busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 22677 قىتىم كۆرۈلدى
كاناي ياللۇغى
   بۇ كىسەللىك دىماغدىن چۈشكەن نەزلە سۇيۇقلىقىنىڭ كانايغا قۇيۇلىشى ياكى كاناي مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزىلىشى، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش تۈپەيلىدىن كاناي ۋە كاناي شېللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش، قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئېششىق پەيدا بولۇپ، كىلىنىكىدا يۆتىلىش، قىزىش، بەلغەم تۈكۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، قىش كۈنلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل نەپەس سېستىما كىسەللىكلىرىدىن ئىبارەت.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
زىغىر، بىھى ئۇرىقى قاتارلىقلارنى بىر ئۇچىمدىن ئىلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ شىرنىسى ئىچىپ بىرىلىدۇ.
2- رېتسىپ:
بىھىنىڭ ئۇرىقىن دائىم شۈمۈپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3- رېتسىپ:
ئاقلەيلى گۈلى بىر سىقىم، ئاقلەيلى ئۇرىقى ئۈچ چىمدىم، ھەمشىباھار گۈلى بىر سىقىم، بىھى ئۇرىقى ئۈچ چىمدىم، ئەنجۈر مونىكى بەش تال قاتارلىقلارنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، يىرىمى قالغاندا سۈزۈپ ئىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
زىغىر يىغىدا تاماق ئىتىپ يىگەندە كاناي ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى تىزرەك بولىدۇ.
5- رېتسىپ:
كۆك قاپاقنى ئىزىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىككى تارغاقنىڭ ئارلىقىغا تىڭىپ قويىلىدۇ.
6- رېتسىپ:
ئاچچىق ئۈرۈك مىغىزى بىر سىقىم، ئۈجمە يوپۇرمىقىنى ئىككى سىقىم ئىلىپ قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە بىر سىقىم ناۋات ئىلىپ سىلىپ، قىزىتىپ ئىرىتىپ بولغاندىن كىيىن، ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
بىر تال خام قاپاقنىڭ ئۇرىقىنى ۋە پوستىنى ئېلىۋىتىپ، قاپاقنى ئۇششاق توغراپ، بىر ھەسسە ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم، بىر قوشۇقتىن ئېستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8- رېتسىپ:
بەش تال سەۋزىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرىدىكى غولىنى ئېلىۋىتىپ ئۇششاق توغراپ، سۇدا قاينىتىپ ئبدان پېشقاندا سۈزۈپ سۈيىگە بىر قوشۇق شېكەر قوشۇپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سەۋزىنى سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم بىر قوشۇقتىن ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە كاناي ياللۇغى ساقىيىپ كىتىدۇ.
9- رېتسىپ:
بىر پىيالە ئانار شەربىتىگە بىر سىقىم ناۋاتنى سىلىپ، سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قىتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەر سە مەنپەئەت قىلىدۇ.
10- رېتسىپ:
ئون تال بادام مېغىزى، بىر سىقىم قوغۇن ئۇرىقى مېغىزى، ئۈچ چىمدىم ئاقلەيلى ئۇرىقى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئۈچ قىتىم، بىر قوشۇقتىن ئېستىما قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282