busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 21 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13050 قىتىم كۆرۈلدى
«نىقرەس » كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى پەرۋىش قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم نوقتىلار
1 . پىسخىك پەرۋىىش جەھەتتە: ئۆتكۈر خاراكتىرلىك نۇقرەس قوزغالغاندا بېمارنىڭ نورمال ھەركەت قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغان بولغاچقا بۇخىل كسەللىككە گىرىپتار بولغان بېماردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پىسخىك مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ، شۇڭا بۇخىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبلىرىنى، داۋالاش ئۇسۇلىنى، ئاقىۋىتى قاتارلىق ساۋاتلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرشىمىز لازىم، بۇ ئارقىلىق بېماردا كېسەللىكتىن تۇلۇق ساقىيىپ كېتىىشكە ئىشەنىچ قىلىشتەك ئەڭ ياخشى پىسخىك ھەلەت پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا كۆپرەك ئارام ئېلىش، ھەركەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىقنى تەۋسىيە قىلىش لازىم .
2 . ئۇزۇقلۇق پەرۋىش جەھەتتە: بۇخىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بېمارغا پەرۋىش ئېلىپ بارغاندا ئۇلارغا ئۇزۇقلۇقنىڭ كېسەللىككە بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇزۇقلىنىش پىرىنسىپى سەۋرىچانلىق بىلەن سۆزلەپ بىرىشىمىز لازىم .
مەسىلەن: بىمارنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان كالا گۈشى، مانتا، پولو، سامسا قاتارلىق تائاملارنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش، ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان لەتىيف غىزالار يەنى باچكا گۈشى، سۇيۇقئاش، سەي- كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇيمىز.
3 . تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە: بالنىست تىمپىراتۇرسى تۇراقلىق، كۈن نۇري تۇلۇق چۈشىدىغان ھاۋا ئۈتۈشۈپ تۇرىدىغان بۇلشى لازىم، بالنىستنى ۋاقتى – ۋاقتىدا دىزىنفىكسىيەلەپ تۇرۇش لازىم، ئۆتكۈر خاراكتىرلىك «نىقرەس» كېسەللىكىنى ئاساسلىقى ياخشى دەم ئېلىشقا تەۋسىيە قىلىشىمىز،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل بىمارلار سىستىرالارنىڭ ھەمراھلىقىدا بالنىست ئىچىدە ياكى دۇختۇرخانا ھويلىسىدا مۇۋاپىق ھەركەت قىلدۇرۇش،بۇغۇملارنىڭ قېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تۈردە ئۇۋلاپ بىرىش، بېمارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسى، تۇمۇر سۇقۇش، نەپەس، قان بېسىمى قاتارلىق ھاياتلىق بەلگىللىرىنى كېسەللەنگەن ئۇرۇننىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى، بېماردىكى پىسخىك ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى يېقىندىن كۈزىتىپ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى توغرا خاتىرلەش لازىم، ناۋادا نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالسا دەرھال دۇختۇرغا مەلۇم قىلىپ دۇختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش لازىم.
4 .   دۇرا پەرۋىش جەھەتتە: بىمارلارغا دۇرا بەرگەندە دۇرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇرا مىقدارى، ۋاقتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دۇرا ئىشلەتكەندىن كىيىنكى ئۈنۈمى ۋە ئەكىس تەسىرى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىللىرى ئالاھىدە كۈزۈتۈپ خاتىرلىنىدۇ، بىرنەچچە خىل دۇرىنى بىرگە ئىچىشكە توغرا كەلگەندە 15 -20 مىنۇت ۋاقىت قالدۇرۇپ ئىچىش، دۇرىلارنىڭ بىر – بىرىگە تەسىر قىلىپ رىئاكسىيەلىشىش ئەھۋالى كىلىپ چىقىش ياكى دۇرا ئۈنۈمىگە تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش.
تەييارلىغۇچى : سوڭەك - بوغۇم كىسەللىك بۆلۇمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282