busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 19 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4941 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى

 تۇنۇش

ئۆتكۇر خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى-بۇ كېسەللىك بىر قەدەر تىز باشلىنىپ ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدىغان،كانايچە شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىشتىن يەرلىك ئورۇندا قىزىش،شەلۋەرەش،سۇلۇق ئىششىق بولىدىغان ،كېلىنكىدا قىزىرىش،يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش،ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك.

سەۋەبى

سوغۇق ئۆتۇپ قېلىش،تەكرار زۇكام بولۇش،نەزلە سۇيۇقلۇقىنىڭ كاناي كانايچىلارغا قويۇلىشى،غەيرى تەبىئى قان خىلتىنىڭ ۋە غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىرى قىلىشى،فېزىكا،خېمىيلىك ماددىلار ۋە چاڭ-توزاڭ،ئىس-تۇتۇەكلەرنىڭ كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشىى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

كېسەللىك بىر قەدەر تىز ھەم جىددى باشلىنىدۇ، بىردىنلا قىزىرىپ،جۇغ-جۇغ پەيدا بولىدۇ، قاتتىق يۆتىلدۇ، قىزىتمىسى تۇراقلىق قىزىتما ھالىتىدە داۋاملىشىپ قىزىتمىسى 39-38 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. دەسلەپتە غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل ياكى ئاق كۆپۇكلۇك بەلغەملىك يۆتەل بولىدۇ. بىر قىسىملىرىدا ساغۇچ يېرىڭلىق بەلغەم ھەتتا قانلىق بەلغەممۇ بولىدۇ. بىراق قانلىق بەلغەم كۆپ كۆرۇلمەيدۇ. تۆش سۆڭەك كەينىدە ئېچىشش بولىدۇ. بىمارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، سۇغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدۇ، ئېغىرلىرىدا ھاسىراش،دەم سىقىلىش بولىدۇ، تىڭشاپ تەكشۇرگەندە نەپەس تاۋۇشى ئۇچۇق(نورمال)بولىدۇ. كانايچىلاردىن ھۆل ياكى قۇرۇق خېرىپ ئاڭلىنىدۇ. خېرىپ ئورنى مۇقىم بولمايدۇ، يۆتەل توختىغاندىن كېيىن خېرىپ ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى:

ئۆتكۇر كاناي ياللۇغىنى ۋاقتىدا ھەم ئۇزۇل كېسىل داۋالاش ئېلىپ بارغاندا تۇلۇق ساقىيدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەم داۋالاشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىغاندا سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى،ئۆپكە ياللۇغى،كانايچە كېڭىيىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى :

كېسەللىككە قارىتا ئىششىق ياندۇرۇش،نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش،قىزىتما قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282