busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 19 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5037 قىتىم كۆرۈلدى

 كانايچە زىققىسى

 تۇنۇش

كانايچە زىققىسى-بىرخىل كۆپ ئۇچرايدىغان تۇتقاقلىق تۇتىدىغان ۋە ھەسساسىيەتكە (زىيادە سىزىمچانلىققا)باغلىنىشلىق كېسەللىك بولۇپ بۇ خىل كېسەل پەسىل خاراكتېرلىك بولىدۇ.

سەۋەبى

بۇ خىل كېسەل زىيادە سىزىمچانلاشتۇرۇغان نەرسىلەر،گۇل،قۇرۇق چۆپ،بوغداي ئرمىسى،تۇگمەندىكى ئۇن چاڭلىرىغا يولۇقۇش،تالقان سۇپۇق،بەزى بىر تېرە مەھسۇلاتلىرىغا يېقىن يولاش بىلەن كېسەل قوزغىلىدۇ. كېسەل تۇتقان چاغدا ئىنچىكە كاناي سىلىق مۇسكۇللىرى تەشەننۇچلىنىش،شىللىق پەردە سۇلۇق ئىششىق ۋە ئاجرالمىلار كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئالامىتى

ئاساسلىقى دەم سىقىلىش،ھاسىراشتىن ئىبارەت بولۇپ كېسەللىك تۇتقاقلىق تۇتىدۇ. قىسقا بولسا يېرىم سائەتلەردە ئۇزاق بولغاندا بىر نەچچە سائەتتە قويۇپ بېرىلىدۇ، بەزىدە تۇتۇش بىلەن بىللە تۇتقاقلىق يۆتەل ۋە شىلىمشىق كۆپۇكلۇك بەلغەم بىللە كېلىدۇ.

بەدەن بەلگىلىرى:

كېسەل تۇتقان چاغدا بىمار ھاسىراش ھالىتىدە بولۇپ، نەپەس چىقىرىش، مەنبەلىك نەپەس قىينلىشش،ئېغىرلىرىدا زوڭزىيىش،ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىش، نەپەسلىنىشكە كۇچىيىش،ئىككى مۆرە كۆتۇرلۇش،ماڭلاي سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئىپادىلەر بولۇپ كۆپىنچىدە بىمارنىڭ كالپۇكلىرى كۆكىرىپ كېتىدۇ.چىرايىدىن ئېغىر ئازاپلىنىش قىياپىتى كۆرىلىدۇ. كۆكرىكى تولغان ھالەتتە كۆرىنىدۇ. تۇتۇپ تەكشۇرگەندە ئاۋاز تىتىرەش ئاجىزلىشىدۇ.چىكىپ تەكشۇرگەندە زىيادە ئۇچۇق تاۋۇش چىقىدۇ، ئۆپكە تۇۋىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ھەركەت دائىرسى كېچىكلىشىدۇ، تىڭشاپ تەكشۇرگەندە ئىككى تەرەپ ئۆپكىدىن تارقاق غىژ-غىژ تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. بەزىدە ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282