busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 19 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3876 قىتىم كۆرۈلدى

 ئىسسىق نەزلىدىن بولغان يۆتەل

 تۇنۇش

ئىسسىق نەزلىدىن بولغان يۆتەل-ئۆتكۇر نەزلە سۇيۇقلىقىنىڭ كاناي ۋە كانايچىلارغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا گال قىچىشىپ يۆتۇلۇش،يۆتەل ياتقاندا ۋە سەھەر ئورنىدا تۇرغاندا كۇچۇيىش،باشتا قىزىتمىلىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى

ئۆتكۇر زۇكام ۋە مىڭىگە غەيرى تەبىئى ھارارەت يۇزلەنگەن باشقا كېسەللىكلەردە مېڭىدىن تۆۋەنگە ئۇفۇنەتلەنگەن سۇيۇقلۇق(نەزلە)چۇشۇپ كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرىنى غىدىقلاش ئېچىشتۇرۇشلاردىن پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى

گال قىچىشىپ قۇرۇق يۆتەل يۇز بېرىدۇ، خەپرۇك كەلمەيدۇ، ياتقاندا ۋە سەھەردە يۆتەل كۇچىيدۇ، باشتا قىزىتمىلىق بولىدۇ. مېڭىدىن ئىسسىق نەزلە چۇشۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل يۆتەلنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا داۋالاش يۆتەلنىڭ ئوزاققا سۇزۇلىشى ۋە باشقا ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

نەپەس يوللىرىدىكى بوزۇق ماددىلارنى تازىلاش،بەلغەم ۋە قۇيۇق ماددىسىنى ھەيدەپ كۆكرەكنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى

  يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282