busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4440 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك قاتتىق ئىششىغى

 تۇنۇش:

بۆرەك قاتتىق ئىششىغى-بۇ كېسەللىك ئوخشاشلا سۇزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بولۇپ، جاھىل خاراكتېردە يۈز بېرىدىغان داۋالاش قېيىن بولغان بۆرەك ئىششىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىششىق بۆرەك توقۇلمىلىرىدا قاتتىقلىشىشنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

بۇ كېسەل كۆپىنچە غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىقتىن بولغان ياكى سوغۇقتىن بولغان بۆرەك ئىششىقلىرىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا داۋالانماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بەدەندە سەۋدا خىلتى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغاندا ئاساسلىقى تۇمۇرلارغا قارىتا نىسبەتەن ئىلاستىكىلىقنى تۆۋەنلىتىش ۋە چۆكمىگە چۇشۇش تەسىرى بىرىدۇ. مانا بۇ غەيرى ئۆزگىرىش بۆرەك كىچىك شارچىلىرى ۋە قىل قان تۇمۇرلىرىدا قاتتىقلىشش، ئىلاستىكىلىغىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرىدىن ئىششىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى

بۆرەكتە ئېغىرلىق بولىدۇ. ئاغرىش روشەن بولمايدۇ. بىمارنىڭ سۈيدىكى سوغۇق ۋە سۇزۇك ياكى كۆكۇش كېلىدۇ.ئىككى يانپاشتا قۇلۇشۇش بولىدۇ. تۆۋەنكى مۆچە ماغدۇرسىزلىنىپ بىماردا ئاجىزلىشش كۆرۈلىدۇ. بېلىنى رۇسلىيالمايدۇ. بۇ كېسەل ياخشى داۋالانمىسا پۇتۇن بەدەندە ئىششىق پەيدا بولۇپ تەدرىجى تەبىدىق كېسىلىگە ئېلىپ بارىدۇ(ئۇمۇمى بەدەنلىك خوراش كېسىلى)

 داۋالاش پىرىنسىپى

ئىسسىق ئۆتكۈزۈش،يۇمشۇتۇش ۋە ئىششىق تارقىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۆرەكنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئىششىغى

تۇنۇش:

بۆرەكنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئىششىغى-بۇ سوزۇلما بۆرەك ئىششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى ئىسسىقتىن بولغان بۆرەك ئىششىقىنىڭ تۇلۇق ساقايماسلىغى،بۆرەك ساھەسىگە ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق ئۆتكۈزىۋىلىش،بەل ساھەسىدە ئاغرىش بولۇش، تۇمۇر ھەركىتى سۇس بولۇش، سۈيدۈك ئاق كېلىش قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن سوزۇلما داۋاملىششتىن باشقا بۆرەك كېسەللىكى ئالامەتلىرى روشەن بولمايدىغان سوزۇلما داۋاملىشىپ ئاستا تەرەققى قىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

ئىسسىقتىن بولغان بۆرەك ئىششىغىنىڭ سوزۇلما داۋاملىشىشىدىن ياكى مىزاج بوزۇلۇشتىن باشقا بۆرەك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، ئۈستۇنكى نەپەس يوللىرىنىڭ سوزۇلما ياللۇغلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، قۇيۇق بەلغەم خىلتىنىڭ زىيادە تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئىككىلەمچى بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: سىبلىس، بەزگەك، كىزىك،سۈيدۈكلۈك ئىششىقى،مۇپاسىل كېسەللىكلىرىدىن ئىككىلەمچى بولۇپ كېلىدۇ.

ئالامىتى:

بۆرەك ئۇدۇلىدا سۇس ئاغرىش بولىدۇ. تۇمۇرى بوش سالىدۇ.سۇيدۇكى ئاق كېلىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلىنى تۇتۇپ تەكشۇرگەندە سوغۇق بىلىنىدۇ.كېسەللىك ئاستا تەرەققى قىلغانلىقتىن بەزى ئالامەتلەر روشەن بولايدۇ. كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بۇرۇن قاناش بولىدۇ. بەدەن تەدرىجى ئۇرۇقلايدۇ، ئاز مىقتاردا قورساققا سۇ چۇشۇش بولىدۇ. قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، سۇيدۇكى قۇيۇق قىزىل(بەزىدە)بولۇپ بەزىدە تەركىبىدە چۆكمە ماددا بولىدۇ، بۆرەك ئىچى قۇرۇلمىلىرى تەدرىجى بۇزۇلۇشقا ئەگىشىپ سۇيدۇكتىن زەھەرلىنىش ،يۈقىرى قان بېسىم، جىددى خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ سەۋەپكە قارىتا داۋالاش ،ئىششىق ياندۇرغۇچى،سۈيدۈك ھەيدىگۈچى،ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ بۆرەكنى سەمىرتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۆەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقى

تۇنۇش:

بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششقى-بۇ كېسەلدە بۆرەكنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش خىزمىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئۇمۇمى بەدەندە سۇلۇق ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ، سۈيدۈك كانالچىلىرى ئىچكى تېمى زەخمىلىنىش نەتىجىسىدە سۈيدۈك قۇيۇق ئاق كېلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

بۇ كېسەلنىڭ غەرىپ تىبابىتىدىكى ئاتىلىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى غەرىب تىبابىتىدىكى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە،بۆرەك ياللۇغى ھازىر ئوتتۇرىغا قويغان بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىغى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئانالىز جەھەتتىن تەسىر قىلغان بەزى كېسەللىك سەۋەبلىرى ئوخشىمايدۇ. يەنى بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششقىدا ئوخشاشلا مەيلى بەدەندىكى غەيرى تەبىئى خىلىتقا بولمىسۇن مەيلى باشقا ماددا تەسىرىدىن بولسۇن بۆرەك توقۇلمىلىرىدىكى ھىسسىيات (زىيادە سەزگۈرلۈك)سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ غەرىب تىبابىتىدىكى ئاللىرگىيلىك رىئاكسىيە چۇشەنچىسى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش.

سەۋەبى:

قاننىڭ قۇيۇلۇپ قېلىشى ياكى قانغا غەيرى تەبىئى كۆيگەن سەپرانىڭ ئارلىششى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۆرەككە سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش،ئۇزۇن مۇددەت ھۆل يېغىنلاردا قېلىش سەۋەبىدىن بۆرەككە سوغۇق ئۆتۇپ بۆرەك توقۇلمىلىرىدا ھۆللۈكلەر توختاپ قېلىشىنى شەكىللەندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بوزۇلۇپ بۆرەك ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن يەنى كىزىك، بەزگەك،قىزىل،چىچىەك،بادامسىمان بەز ياللۇغى،زۇكام ۋە نەزلە تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل جاراسىملىق كېسەللىكلەرنىڭ جاراسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ زەھەرلىرى قان ئايلىنىشقا كىرگەندىن كېيىن قاندا سەپراۋى كۆيگەن قاننىڭ غالىپلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل قان بۆرەكتە كۈچلۈك غىدىقلىنىش سادىر قىلىپ بەدەننىڭ شۇخىل جاراسىملارغا بولغان زىيادە سىزىمچانلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەك توقۇلما قان تۇمۇر شارچىلارغا نىسبەتەن سىپازما شەكىللەندۇرۇپ ئىششىق كەلتۇرۇپ چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ.

ھامىلدارلىق ۋاقتىدىكى بۆرەك خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.تۇرمۇش ناچار بولغان،بەدىنى ئاجىز،ئۇزۇن مۇددەت سۇزۇلما كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان،جىسمانى ئەمگەكتىن زىيادە چارچىغان كېشىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

ئالامىتى:

سەۋەبىگە ئاساسەن ئالامەتلىرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. قاننىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن بولسا، بەدەن تىمپىراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ.ئۇسسۇزلىقى كۆپ بولىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلىدا ئاغرىش،ئېغىرلىشش ۋە قىزىقلىق سېزىلىدۇ. سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى ناھايىتى قىزىل بولىدۇ.

ئەگەر سەپرانىڭ غالىپلىقىدىن بولسا-باش ئاغرىش،ئۇيقۇسىزلىق ئېغىر بولىدۇ. لېكىن بۆرەكتە ئېغىرلىق بولمايدۇ، ئىچىشىپ ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ. بەدەن تىمپىراتۇرىسى يۈقىرى ئۆرلەيدۇ. ئۇسسۇزلىغى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تۇمۇرى ئىتتىك،سۈيدۈك رەڭگى سېرىق بولىدۇ ياكى قىزىل بولىدۇ. ئەگەر سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان بولسا كېسەللىك تۇيۇقسىز باشلىنىدۇ. ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر تەسىرىدىن بولسا بەدەن تىمپىراتۇرسى شۇخىل كېسەللىكلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ نورمالىشىپ كېسەللىك ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈز ئالىدۇ.

ئۇمۇمەن كېسەلدە دەسلەپتە بەدەن تىمپىراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بۆرەكتە چالاڭغۇراش بولىدۇ. بەل ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ. پۇتۇن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىق يۈز بېرىپ، مەڭزى قىزىرىپ كۆزلىرى پولتىيىپ قالغاندەك بىلىنىدۇ. سۈيدۈك قېتىمى كۆپ ئاز-ئازدىن كېلىدۇ، سۈيدۈك سېسىق پۇرايدۇ.سۈيدۈكنى تەكشۇرگەندە چۆكمىلەر قان پارچىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆتكۈرلەشكەندە سۈيدۈك تۇتۇلۇپ پۇتۇن بەدەنلىك ئىششىق روشەن بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

قاندىن بولسا قان تازىلىغۇچى،قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتكۈچى، سەپرانى پەسەيتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، لازا، ئاچچىقسۇ، يەللىك، ياڭيۇ، پىياز قاتارلىقلاردىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.

  تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282