busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5265 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك يېرىڭلىق ئىششىقى

 تۇنۇش:

بۆرەك يىرىڭلىق ئىششىقى-بۆرەك توقۇلمىلىرى ئىچىدە ئۇششاق يىرىڭلىق نۇقتىلار ياكى توپلاشقان يېرىڭ خالتىسى پەيدا بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

بۆرەك مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەئىپلىشپ،بۆرەككە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ ئۇلار جاراسىملار بىلەن يۇقۇملانغانغاندىن كېيىن يىرىڭداپ،يېرىڭلىق يارا شەكىللەندۇرىدۇ. بەزىدە بۆرەككە سىرىتتىن زەربە تىگىش،يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۆرەك زەخمىلىنىپ ئۇلار يۇقۇملىنىپ بۆرەكتە پەيدا بولغان يارىلا ئېغىرلىشش قاتارلىق ئامىللار بۆرەكتە كۆپ ئۇرۇندا ئۇششاق يېرىڭلىق خالتىلار ياكى چوڭراق كۆلەملىك يېرىڭلىق خالتا پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى:

بۇ كېسەللىكتە بۆرەكنىڭ ئۇدۇلىدا قۇۋۇرغىنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە ئاغرىقسىز ئېغىرلىق ۋە تېلىش بولىدۇ. بەل ۋە بۆرەك ساھەسى ئاغرىيدۇ. سۈيدۈك تەكشۇرگەندە سۈيدۈكتە يېرىڭ،قان،ئۇششاق گۆش پارچىلىرى تېپىلىدۇ. سۈيدۈك سېسىق بەدبۇي كېلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق ۋە كۆڭۈل ئېلىشش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك تامچىلاپ قان ئارىلاش كەلسە بۆرەكتىكى قان تۇمۇردىن بىرەرسىنىڭ ئۇزۇلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر تاشنىڭ قوزغۇلىشىدىن زەخمىلەنگەن بولسا سۈيدۈك قىچىشش ئارىلاش ئېچىشىپ كېلىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى

يېرىڭنى تازىلىغۇچى، ئىششىقنى قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، جاراھەت پۈتتۈرگۈچى،ياللۇغ قايتۇرغۇچى،ئۇمۇمى بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282