busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 1 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3861 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى

تونۇش : ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى بۆرەكنىڭ جىددى ياللۇغلىنىشى ئادەتتە بۆرەكنىڭ ئىسىقتىن بولغان ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بۆرەكنىڭ جەۋھەر قىسمى، يەنى بۆرەك شارچىلىرى ۋە ئەگرى نەي چىللىرى ياللۇغلىندىغان، سۈيدۈك چىقىرىش خىزمىتى زور دەرىجىدە تۈۋەنلەپ پۈتۈن بەدەندە سۇلۇق ئىشىق يۈز بىردىغان بىر خىل ئۇمۇمى بەدەنلىك كېسەلىكلىدۇر.

 سەۋەبى: پۈتۈن بەدەن سوغوقتا قېلىپ ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغوق ئۈتۈپ ياكى يۇقۇملۇق قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسلەن، ئۈچەي كېزىكى، قىزىل، چىچەك، بەزگەك، خولىرا، سەرسان، بوغما ۋە بىر قىسىم تىرە كېسەلىكلىرى بىلەن ئاغرىپ، پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاپ تۇرغان پەيىتتە خىناق ( ئانگىنا-بۇغۇز ياللۇغى)، بادامچە بەزلەر ياللۇغى، يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن ئاغرىپ قان يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ياكى سەپراۋى قان بۆرەككە تەسىر قىلىپ ، ئۇنىڭدا مەلەۇم غىدىقلىنىش پەيدا قىلغاندىن كىيىن، ئۈچ ھەپتە ئارلىقىدا قايتا يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، بۆرەك ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش بارلىققا كىلىدۇ. بەزى جەرراھىيە ئەمەليەتلىردىن قارىغاندا، باكتىريەنىڭ قان ئارقىلىق بۆرەككە كىلىپ قېلىشىدىنمۇ بۆرەك ياللۇغلىنىدۇ. تەمرەتكە، تىلما قاتارلىق كېسەلىكلەر بىلەن ئاغرىغاندىن كىيىنمۇ بۆرەك ياللۇغلىنىشى مۇمكىن.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى كۆپۈنچە قان ئىرىتكۈچى زەنجىرسىمان باكتىريە تەرپىدىن پەيدا بۇلىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ئېرسى كېسەللىك ئەمەس، ئەمما ئائىلىدە بىر كىشى بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىسا، شۇ ئائىلىدىن بىر قانچە كىشى ئاغرىيدىغان ئەھۋالارمۇ كۆرۈلىدۇ.

ھەممگە ئايانكى، سوغوق ۋە ھۆل-يىغىن كۆپ مەۋسۇملاردا، زەيلىك ۋە كىشلەر  زىچ توپلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان مۇھىتتا ھەمدە ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن زىيادە چارچىغان پەيىتلەردە يۇقۇرقى نەپەس يوللىرنىڭ كېسەللىكلىرى ئاسانلا پەيدا بۇلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىمۇ دەل شۇنداق پەسىل ۋە پەيىتلەردە سادىر بۇلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قېنق چايلارنى كۆپ ئىچىش، ئىسسىقلىق يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق جايلاردا يۈرۈش قاتارلىقلارمۇ ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.

كېسەللىك ئىپادىلىرى: ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئىپادىلىرى ھەمىشە جىددى باشلىندۇ. ئەگەر ئۇزاققىچە ساقايمىسا سۇزۇلما شەكلىگە ئۆزگىردۇ. كېسەل كىشىنىڭ بەدىنى قىزىيدۇ، بېشى ئاغرىيدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، ئۇسۇزلۇق يۈز بىرىدۇ. سىيگەندە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. پات-پات سۈيدۇك قىستايدۇ. بۆرەك ئورنىدا ئېغىرلىق ھىس قىلىندۇ. قۇسسا سەپرا قۇشۇلۇپ سېرىق ناھايىتى سېسىق قۇسىدۇ. ئالدى-ئارقا تەرەت تەسلىكتە كىلىدۇ. ئەگەر بۇزۇق قان تۈپەيلىدىن بۆرەك ئىشىغان بولسا ئاغىرىش زىيادە بۇلىدۇ.

ئەگەر سەپرادىن ئىشىغان بولسا، ئۇسۇلۇق تۇلا بۇلىدۇ. چوڭ تەرەت سېرىق كىلىدۇ ۋە سەپرا ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلىك ئالامەتلىرى قۇشۇلۇپ كېلىدۇ، بەزىدە بۆرەكنىڭ ياللۇغى ئېغىر بولغانلىقتىن قاتتىق ئاغرىپ، ھۇشىدىن كەتكۈزىشىمۇ مۇمكىن.

بۆرەكنىڭ ياللۇغلىنىشىدا بۆرەكتە تاش تۇرۇش، تاياق تىگىش، يېقىلىش ياكى ئېغىر بىر نەرسىنى بىلىگە تېڭىپ يۈرۈش، بۆرەك ئۇدۇلغا داۋاملىق سوغوق تەسىر قىلىش، ياكى ھەمشە سۈيدۈك قىستىغان چاغدا تەرەت قىلماي قىسىۋېلىشلارنىڭ ئالاھىدە تەسىرى بۇلىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ئىسسىتما يۇقۇرى ۋە داۋاملىق بۇلىدۇ. تەشنالىق كۈچلۈك، بۆرەك ساھەسىدە ئېغىرلىق بۇلىدۇ. تۇمۇرى ئىنىچكە سالىدۇ. ئەگەر ياللۇغ بۆرەكنىڭ ئۈزىدە بولسا، ئاغرىق بىر يەردە بىلىنىدۇ. ئەگەر بۆرەك پەردىسىدە بولسا بۆرەكنىڭ يۇقىرى تەرىپى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بېلىنى تۈزلىيەلمەيدۇ. چۈشكۈرەلمەيدۇ. ئوڭدا يېتىش ئەپلىكرەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش ئوڭايراق بولسا، جىگەرگە يىقىن بولسا، ياللۇغنىڭ ئوڭ بۆرەكتە، ئەگەر ئاغرىق دوۋسۇنغا يىقىن جايدا بىلىنسە ياللۇغ سول بۆرەكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ. ھەر ئىككى بۆرەك ياللۇغلانغاندا، ھەر ئىككى ئىنىچكە بەل ئاغرىيدۇ. مەڭزى قىزىرىپ، كۆزلىرى پولتىيىپ چىقىپ قالىدۇ. سۈيدۈكىنى تەكشۈرگەندە چۆكمە، تېرە پوستى ۋە قان پارچىلىرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. كېسەل ئۆتكۈر باسقۇچقا يەتكەندە سۈيدۈك پەقەت كەلمەيدۇ. ئىچكى ئەزانى سۇ قاپلاپ پۈتۈن بەدەن ئىشىپ كېتىدۇ.

داۋالاش: بۇ خىل بۆرەك ياللۇغىدا پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغلارنى ھەيدەپ بۆرەككە يىغىپ، كېسەللىكنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، داۋالاشنىڭ دەسلىپىدە كۈچلۈك سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورىلارنى، كۈچلۈك سۈرگۈلەرنى بەرمەي، ئالدى بىلەن شەربەت دورىلار بىلەن ماددىنىڭ قۇيۇقلىقىنى تەڭشەش، ئاندىن ھەمەل قىلىپ ئۇلارنى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

مەسلەن، ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، زىغىر، ئارپا سۈيى، گۈل يېغى، پۇنۇسلاردىن سۈرگە ياكى ھۆقنە دورىسى راسلاپ ئىشلىتىلسە بۆرەك ياللۇغىدا ئۈنۈمى ياخشى.

ئاندىن بىنەفشە شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، بىھى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، ئسپىغۇل شىرىسى، ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسىنى ئىچىشكە بىرىش لازىم. ئارپا ئۇنىنى شوخلەك سۈيىدە ئېزىلگەن سەندەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئاغرىق تەرەپتىكى بۆرەك ئۈستىگە سىرىتتىن چاپسا ئىششىقنى ياندۇرۇشقا يادەم بىرىدۇ.

ئەگەر كېسەل كىشى قەۋزىيەت بولسا، ئانار سۈيىگە پۇنۇسنى چىلاپ تاتلىقىنى چىقىرىپ، بادام يېغى، تەرەنجىۋىل قۇشۇپ بىرىش كېرەك.

بىنەپشە شەربىتىنىڭ نۇسخىسى: تەركىبى: بىنەفشە 30 گىرام، نىلۇپەر15 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12 گىرام، چىلان 15 گىرام، شوخلا 15 گىرام، سەۋسەن يىلتىزى 5 گىرام، كاكىنەچ 3 گىرام، شېكەر 300 گىرام.

ياسىلىشى: گۈل دورىلاردىن باشقىسىنى تۆت چىنە قايناق سۇغا 3 سائەت ئەتراپىدا چىلاپ، ئىككى چىنە قالغۇچە قاينىتىپ ئاخىردا گۈل دورىلارنى سېلىپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۋېلىپ، شىكەر سېلىپ قىيام قىلىنىپ پاكىز شىشە قاچىدا ساقلىندۇ.

تەبئىتى: سوغوق. ئىشلىتىش مىقدارى: بىمارنىڭ ئەھۋەلىغا قاراپ 15~30 گىرامغىچە ئىچىلىدۇ.

بۆرەكنىڭ ئىسىقتىن بولغان ياللۇغلىنىشىغا:

1.       خەشخاش ئۇرۇقى، خەشخاش پوستى، بىھى ئۇرۇقى، شاقاقۇنئىمان قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ چىلانما تەييارلاپ ئىچىشكە بىرىلدۇ.

2.      ئەرقى ئەنگۈر شىپا بىلەن قۇرسى تاباشىر مۇلەييىننى كۈنىگە ئىككى ۋاخ ئەتىگەن، ئاخشامدا ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

3.  قىزىتما قايتىپ، سۈيدۈكتە يىرىڭ تازلانغانلىقى كۈرۈلسە، قۇرسى كاكىنەچ، ئەرقى كاكىنەچ، ئەرقى بېدەمىشكى، ئەرقى چۆبىچىن، جاۋارىش زەر ئۇنى، ھالۋايى بەيزە قاتارلىقلارنى بىمارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ئېنىقلانغاندىن كىيىنكى ئاساسلىق تەدبىر تىنىچ ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرۇش، يىمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش، سوغوق ۋە نەملكلەرنىڭ تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىشلاردىن ئىبارەت. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىمارلار ئاقسىل ئازراق تاماقلارنى يىيىش لازىم، ئىششىق بولسا تۇزسىز تاماق بىرىش زۈرۈر.

ئەرلەر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

جىنسى ئالاقە ساقلىق ۋە كېسەللىىنىش بىلەن زۈرۈر مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى ھۆكۈمالار « ساقلىقتىكى چىقىرىش» بابىغا كىرگۈزگەن.

جىنسى ئالاقە ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار تۇپىدىكى ئەر بىلەن ئايال ياكى چىشى بىلەن ئەركەك ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدىغان بىر خىل جىنسى مۇناسۋەت بۇلۇپلا قالماي بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى جانلىق مەخلۇقات، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار ۋە گىياھلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە مەۋجۈت بولغان ئۇرۇق-نەسىل قالدۇرۇش، ئۆز نەسلىنى ئەبەدى داۋاملاشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان بىر خىل تەبئى تەققەززە ۋە تەبئى ئىستەكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پائاليەت كۆزگە كۈرۈندىغان جانلىقلاردا بۇلۇپلا قالماي، مىكروسكۇپ ئاستىدا كۆرگىلى بۇلىدىغان ئۇششاق جاندارلاردىمۇ مەۋجۈت. مەخلۇقات ئارسىدا جىنسى ئالاقە مۇناسىۋىتى توختايدىكەن، شۇ مەخلۇقنىڭ نەسلى تۈگەيدۇ دەپ قارىلىدۇ.

يىقىنقى زاماندىن بۇيان دۇنيادا جىنىسى ئالاقە مەسلىسى قانداقتۇر «جىنىسى ئەركىنلىك» دېگەن غايەت زور زىيانلىق شۇئار تۈپەيلدىن، ئېغىر ئىجتىمائى، ئەخلاقى ۋە خەتەرلىك كېسەللىك مەسلىلەرنى تۇغدۇردى.

ھايۋانلاردا، ئۆسۈملۈكلەردە جىنسى ئالاقە نۇقۇل نەسىل قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەبئىي تەققەززا ئاساسىدا ئاڭسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەمما، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ھىسابلىندىغان ئىنسانلار بۇ پائاليەت نەسىل قالدۇرۇش مەسلىسىدىن ھالقىپ شەھۋانى لەززەتلىنىش مەسلىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ناھايىتى نۇرغۇن ئىجتىمائى پاجئەلەرگە سەۋەپچى بۇلۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن 21- ئەسىرگە كەلگەندە، غەيرى قانۇنىي ئەخلاقسىز جىنسى ئالاقە ئىشلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن راك كېسەلىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەھتىدلىك بولغان «ئەيدىز» كېسەلىكىنى تارقاتقۇچى تۈپ ئامىل بۇلۇپ قالدى. ئەيدىز كىسەلىكىگە قارشى تۇرۇش، ئۆز ئەۋلادى، ئۆز مىللىتى، ۋەتەنداشلىرنىڭ سالامەتلىكى، ھاياتى، پاراۋان تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر بىر شەخىس جىنسى ئالقىسىنى قانۇنىي، ئەخلاقى يول بىلەن ئېلىپ بېرىشى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئىلمى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بۇلىشى، تەشۋىقات قىلىشى زۈرۈر.

ئىلىمى قائىدە ۋە ئىنسانى ئەخلاققا مۇۋاپپىق نورمال ئېلىپ بېرىلدىغان جىنسى ئالاقە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولغىىندەك، ئۇنى مۇتلەق تەرىك ئىتىش، ۋاقتى يەتكەندە ئۆيلەنمەسلىكمۇ ئىنسان تەبئى ھاياتىنىڭ قانۇنيىتى، تەلىپى ۋە تەققەزاسىغا خىلاپ ئىشتۇر.

ئىنسان ئۆمرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا يەنى ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق مەزگىللىردە ئەر ياكى ئايال بولسۇن، جىنسى ئالاقە ئۈچۈن مۇۋاپىق مەزگىل ۋە ئىلمى قائىدىلەر بۇلىدۇ.

يۇقۇرقىلارغا رىئايە قىلغاندا، جىنسى ئالاقىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كىلىشى مۇمكىن. بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغاندا، سالامەتلىك، ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى جەھەتلەردىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىن زىيانلىق ۋە خەتەرلىك نەتىجىلەر كىلىپ چىقىشى چۇقۇم. ئىنسانلار 15~25 ياشلار ئارلىقىدا بالاغەتكە يىتىدۇ. يەنە ئۇنىڭدا جىنسى شەھۋانى تەلەپ ئويغىندۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۆيلەنگەن ياخشى، ئەمما ئۆيلىنىش يېشى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم.

جىنسى ئالاقە مەسلىسىىنىڭ ئادەمنىڭ ئۆمۈر كۆرىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئۇنىڭ نورمال بۇلىشى تېز قېرىماسلىق ئۈچۈن پايدىلىق. جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇلىنىش تېز قېرىش ۋە تېزراق ئۈلۈش ئۈچۈن ئالدىرغانلىق بۇلىدۇ.

ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياش ۋە بەدىنى ساغلام ئادەملەردە جىنىس ئالاقە ھەپتىسىگە 3-2 قېتىمدىن ئارتۇق بولماسلىقى لازىم. ھەپتىدە بىر قېتىم ئۈتۈلگىنى مۇۋاپىق. 30-40 ياش ئارلىقىدا ھەر ئىككى قېتىملىق جىنىسى ئالاقە ئارلىقى بىر ھەپتىدىن كەم بولماسلىقى لازىم. 50 ياشتىن ئاشقاندا تەبئى تەلەپنىڭ تەقەززا قىلىشى بويىچە ئايدا بىر ئىككى قېتىم، 60 ياشتىن ئاشقاندا تەرىك ئەتسىمۇ بۇلىدۇ ياكى ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزسىمۇ بۇلىدۇ. 60 ياشتىن ئاشقاندا بۇ مەسلە ئۆزلىكىدىن توختاشقا باشلايدۇ. يۇقۇرقى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغانلار 60-70 ياش بەلكى 80 ياشقىچە توختىماسلىقى؛ قائىدىگە رىئايە قىلمىغاندا 40-50 ياشلاردا كاردىن چىقىشى مۇمكىن.

شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى، بالاغەتكە يېتىش دەۋرى توشماي ھەمدە ئۇقۇش ۋەزىپىسى تۈگىمەي تۇرۇپ ھەر خىل شەھۋانى رومان، ھىكايىلەرگە بىرىلىش، شەھۋانى رەسىم كىنولارنى كۆرۈش، ياش ئۆسمۈرلەردە شەھۋانى ھىسياتنى مەزگىلدىن بۇرۇن قوزغاپ، ئۇلارنى ناچار سۆھبەت، ناچار قىلىقلار بىلەن شۇغۇلىنىشقا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار جىسمانى جەھەتتىن زەئىپلىك، ئەقىل جەھەتتىن دۆتلۈك، ئەخلاقى جەھەتتىن پاسكىنچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى بۇزىدۇ. جەميەتنىڭ تەلىپىدىن چىقالمايدۇ. بەزىلەر ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ھۇزۇر- ھالاۋەتلىك نەرسە جىنىسى ئالاقىدىكى «لەززەت» دەپ تۇنۇيدۇ ۋە داۋاملىق شۇ خىيالدا يۈرۈيدۇ. بۇ ئىنتايىن پەسكەش ھايۋانى خىيال. ئىنسان شەھۋانىيەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەرەپلىك تۆھپىلەرنى قۇشۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن جىنسى ئالاقىنى نەسىل قالدۇرۇش يۇلىدىكى بىر خىل نورمال ھەركەت دەپ بىلىپ، نورمالنى شۇغۇلىنىش لازىم.

جىنىسى ئالاقە مەسلىسىدە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:

1.       كېسەلىكتە، ئەقەللىسى تۇمۇقۇپ قالغاندىمۇ جىنسى ئالاقە قىلماسلىق لازىم.

2. ھېيىز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئىككى ئيىدا ھەرگىز جىما قىلماسىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر- ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ.

3.      قورساقنى تويغۇزۇپلا جىما قىلىش زىيانلىق.

4.      جىمادىن كىيىنلا سوغوق نەرسىلارنى يېيىش ۋە ئىچىش، سوغوق سۇدا ئىستىنجا قىلىش ئىنتايىن زىيانلىق.

5.      ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ ئادەملەر بىلەن جىسى ئالاقە قىلىش ئادەمىنى كاردىن چىقىردۇ.

6.      نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ۋە شەككىلەر بىلەن جىما قىلىش ھەر ئىككەيلەننى ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.

7.زىنا قىلىش ئەخلەقى، قانۇنى نىزاملارغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك  بۇلۇپلا قالماي، شۇنىڭدەك ئىنسانيەتنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق. سىفلىس، سۆزنەك سۈيدۈك يۇلى جاراھەتلىرى، جىنسى ئەزا ياللۇغى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى ئەيدىز كېسەللىكى دەپ ئاتالغان دەھشەتلىك كېسەلىكلەرنىڭ ھەممىسى پاھىشۋازلىق ۋە قەبىھ شەھۋانى جىنسى ئالاقىدىن تارقالماقتا. ئۇ يىرگىنىشلىك جىنسى ئەركىنىلىكنىڭ ئىپلاس نەتىجىسىدۇر.

8.لەۋۋاتلىق ( ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى ) سالامەتلىك ۋە ئىنسانى شەرەپ غۇرۇر ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق شەرمەندە ھەركەتتۇر. خۇددى زىناغا ئوخشاشلا ئەيدىز كىسەللىكى لەۋۋاتلىق ئارقىلىقمۇ يۇقۇپ تارقالماقتا.

9.قانداقتۇر « لەززەتلىنىش » نى ئۈمۈد قىلىپ، ۋاقىتسىز قۇۋۋەت دورىسىنى ئىشلىتىش، قوزغاتقۇچى، مەسىت قىلغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىستىمال قىلىش جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى بالدۇرراق كاردىن چىقىردىغان خاتا چارىدۇر.

يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كىچىكى بالىلار ھەم بويىغا يەتكەن قىز- يىگىت بار جايدا ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قالايمىقان چاقچاقلاشماسىلىقى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدە سۆز قىلىشماسلىقى، كىچىك بالىلار بار ئۆيدە بىرگە ياتماسلىقى لازىم.

يۇقۇرقىلارغا دىققەت قىلغان ۋاقىتتا ئۆسمۈرلەر، ياشلار، چوڭلار ھەم ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى، ئەخلاقى، ئەقلي، جىسمانى جەھەتلەردىن نورمال يىتىلىشىگە ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282