busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 0 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 30621 قىتىم كۆرۈلدى

ھەببى لوبۇبى كەبىر

ھەببى لوبۇبى كەبىر ھەققىدە چۈشەنچە

】دورا ئىسمى【ھەببى لوبۇبى كەبىر

】تەركىبى【چىلغۇزە ، سەۋزە ئۇرۇقى ، بۇقا چويىسى ، تاتلىق بادام ، چامغۇر ئۇرۇقى ، نارجىل ، زەپەر ، باسپاسە ، نارمىشكى ، پىياز ئۇرۇقى ، بىدە ئۇرۇقى ، زەنجىۋىل ، زاغۇن . پىلپىل . 

】شەكلى ۋە  خۇسۇسىيىتى【بۇ دوراقارا رەڭلىك ئۇششاق ھەپ بولوپ، تەمى سەل قىرىق كېلىدۇ.

】تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى【مىڭە ۋە بۆرەكنى كۇچەيتىش ، يۇرەكنى قۇۋەتلەپ ، مەنىي كوپەيتىدۇ ، باھ ئاجىزلىق ، خامۇشلۇق ، مەنىي تۇتالماسلىق ، بالدۇر مەنىي كىتىش ، بەدەن ئاجىزلىق ، ئوروقلاش ، نىرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

】ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى【ھەرقىتىمدا 10-15   ھەبتىن ، كۇندە 2 قىتىم ئىچىلىدۇ.

】ئۆلچىمى【  ھەربىر ھەپ 0.3 گىرام .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

1)     ئاچچىق ، سوغوق ، مايلىق غىزالاردىن پەرھىز تۇتۇڭ .

2)    بۇ دورىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىستىمال قىلىڭ .

3)  بۇ دورىنى ئىشلىتىۋاتقاندا ئاز ساندىكى بىمارلاردا كىچىك تەرەت سارغىيىش ، چوڭ تەرەت قارىداش ئالامەتلىرى كورولىدۇ ، بۇ ئالامەتلەر دورىنى توختاتقاندىن كىيىن ئوزلىكىدىن يوقاپ كىتىدۇ .

4)    ئەگەر دورىنى ئىستىمال قىلىپ 2 ھەپتىدىمۇ ئۇنۇمى كورولمىسە دوختۇرغا كورونۇش لازىم

5)     ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار دوختۇرنىڭ كورسەتمىسى بويچە ئىشلىتىش لازىم

6)    دورىنىڭ شەكلى ئوزگەرگەن بولسا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .

7)     بۇ دورىنى باللارنىڭ قولى يەتمەيدىغان جايغا قويۇش لازىم .

8)     كىچىك باللار چوڭلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىشلىتىش لازىم.

9)  باشقا دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە بۇ دورىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، دوختۇر ياكى دورىگەرنىڭ مەسلىھەت سوراڭ.

】ساقلاش【 ھىم ئوراپ ، نەملىكتىن ساقلىنىدۇ.

】قاچىلىنىشى【دورىغا ئىشلىتىدىغان ptp ئاليۇمىن ياپراقچە بىلەن  pvcياپراقچىغا قاچىلانغان40 ھەپ ×2 تاختا / قاپ .

】ئۈنۈملۈك مۇددىتى【 36 ئاي

】ئىجرا قىلىنغان ئولچەم【جوڭخۇا خەلىق جەمھۇرىيتى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دورا ئۆلچىمى (ئۇيۇر تىبابەت دورا قىسىمى) ws3-bw-0152-98

】تەستىق نومۇرى【دولەت تەستىق نومۇرى : z65020142

【 ئشلەپ چىقارغان كارخانا 】 كارخانا نامى: خۇتەن ئۇيغۇردورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

ئادىرىسى:شىنجاڭ لوپ ناھىيە ھاڭگىي يۇلى 142-نۇمۇر

پوچتا نۇمۇر:848000

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282