بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 12 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5259 قىتىم كۆرۈلدى
غوجىمۇھەممەت غوجىۋىل
1973-يىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 2001-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالى تىخنىكۇمىنىڭ داۋالاش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.
2001-يىلى 9-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇرتىبابەت دوختۇرخانىسىغا تەخسىم قىلىنغان. بۇ جەرياندا پىشقەدەم تىۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئەمىلى داۋالاش تەجىرىبىلىرىنى توپلاپ داۋالاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان.
2002- يىلدىن 2009 – يىلىغىچە يۇرەك كىسەللىك بۆلۇمى ، نەپەس كىسەللىك بۆلۇمى ، ھەزىم كىسەللىك بۆلۇمىدە داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ،2009-يىلى مەسئۇل ۋىراچلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.
داۋالاش ئەمەلىيتى جەريانىدا پىشقەدەم تىۋىپلارنىڭ ئۆسمە كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى تەجىربىلىرىنى ئىگەللەپ، مەخسۇس ئۆسمە كىسەللىك تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنپ كەلگەن. خىزمەت جەريانىدا دوختۇرخانا تەرپىدىن كۆپ قېتىم مۇنەۋەر خىزمەتچى بولوپ باھالىنىپ ، 2010- يىلدىن يىل ئاخىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭيى تىبابەت دوختورخانىسىنىڭ ئۆسمە كىسەللىكلەر بولىمىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن، كۆپ ئۇچىرايدىغان ئۆسمەكېسەللىكلىرنى داۋالاشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.كەسپى خىزمەت جەريانىدا 15پارچىدىن ئارتۇق ئىلمي ماقالىلارنى ئاپتونۇم رايۇن ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كەسپىي ژورناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. 2011- يىلى ئۆسمە كىسەللىك بۆلۈم مۇستەقەل بولۇپ قۇرۇلۇپ،بۇ بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت