بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 15 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 24615 قىتىم كۆرۈلدى
ياۋا پىياز
野 葱

تەبىيتى : 2 دەرىجىدە ئىسسىق،3- دەرىجىدە قۇرۇق.
خۇسۇسىيىتى: تەرەتنى يۇمشىتىش،بەلغەم بوشىتىش،ئارتۇق خىلىتلارنى سۈرۈش.
ئىشلىتىشى: نېرۋا ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرى،نەپەس سىقىلىش،سۈيدۈك ۋە ھەيز توتۇلۇش،بالىياتقۇ ئىششىقى،گال ئاغرىقى،دائىرىلىك چاچ چۈشۈش،تېرە سويۇلۇش ۋە ھەر خىل سىرتقى يارىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 4- 6 گىرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايلاندۇرىدۇ.
ئورۇنباسارى: ياۋا سامساق،ئىگىر.
تۈزەتكۈچىسى: كاپۇر،ھەسەل.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت