بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 15 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 23448 قىتىم كۆرۈلدى
پىرسىياۋشان
铁 线 蕨

تەبىئىتى:1- دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئىششىق تارقىتىش،يۇمشىتىش،توسالغۇلارنى ئېچقش،پارقىرىتىش،قىزىتما قايتۇرۇش،بەلغەم بۇشۇيۇش،بەدەننى تازلاش،ھەيز ۋە سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىلىشى: كۆكرەك ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى،سۈيدۈك تۇتۇلۇش،ھەيز توختاپ قېلىش،چاچ- ساقاللارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى،باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 5 -7 گىرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تالغا زىيان قىلىدۇ.
ئورۇنباسارى: گۈلبىنەپشە.
تۈزەتكۈچىسى: مەستىكى.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت