United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
«ئالما ماركىلىق تېلېۋىزور» IT ساھەسىدە ئىنقىلاب قوزغىماقچى بولۇۋاتىدۇ
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 184    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/8/23 10:50:22

 

 

«ئالما ماركىلىق تېلېۋىزور» ئەنئەنىۋى تېلېۋىزور ياساش كەسپىگە خاتىمە بېرەمدۇ قانداق؟رەڭلىك تېلېۋىزور كارخانىلىرىغا نىسبەتەن، بۇ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدەكلا مەسىلە بولۇپ قالدى. ئادەتتىكى كومپيۇتېر، ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بارغانسېرى نۇرغۇنلىغان ياشلارنى جەلپ قىلدى، ئالما IT شىركىتىنىڭ مەزمۇن ۋە سىستېما سودا ئانتېنناسى تەبىئىي ھالدا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئىشىك بوسۇغىسىغىچە سوزۇلۇپ، ئالمىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد تېلېۋىزورىنىڭ كۈزدە بازارغا سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇڭا رەڭلىك تېلېۋىزور كارخانىلىرى توپلىشىپ بىر مەيدان IT ئىنقىلابى قوزغىمىسا بولمايدۇ.
خەيشىن يېقىندا «شەخس ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورى» دەپ ئاتىلىدىغان مەھسۇلاتنى ياساپ چىققان بولۇپ، 8 سۇڭلۇق PAD بۇ تېلېۋىزورنىڭ يۈرىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتىكى تېلېۋىزوردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلاردىن سىرت، يەنە سىمسىز WIFI قوبۇل قىلغۇچ ئارقىلىق بارلىق تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىكەن. چۇاڭۋېي ئادەتتىكى SKYPAD كومپيۇتېرىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئادەتتىكى كومپيۇتېر بازىرىغا كىرگەن، يېقىندا يەنە تېلېۋىزور بازىرىغا يۈرۈش قىلماقچى ئىكەن، بۇ مەھسۇلات كومپيۇتېردا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىقتىدارلاردىن سىرت، شىركەت بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان خېرىدارلارنى 5 G تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە، ئادەتتىكى كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزور قىلىپ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور ياساپ چىقىش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا رەڭلىك تېلېۋىزور كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق ستراتېگىيەسىگە ئايلىنىشقا ئاز قالدى. TCL گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى يىل ئاخىرىغىچە 3Gلىق ئادەتتىكى كومپيۇتېر ياساپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. چاڭخۇڭ، خەيئېر قاتارلىق شىركەتلەرمۇ بەس- بەستە مەھسۇلاتلارغا ئەقلى ئىقتىدار ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىغا باشلىغان.
رەڭلىك تېلېۋىزور ياساش كارخانىلىرىنىڭ بېسىمى ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ بولۇپ باققان ئەمەس. خەيشىننىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، %65 دىن يۇقىرى ياشلار ھازىر تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان بولۇپ، 2011- يىلى بىرىنچى پەسىللىك سېتىلىش مىقدارىمۇ كىشىنى خۇشال قالارلىق دەرىجىدە ئەمەس ئىكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت، رەڭلىك تېلېۋىزور كارخانىلىرىنىڭ رىقابەتچىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تۇلۇق بولۇپ، GoogleTV ئالدىنقى يىلى 6- ئايدا سونى بىلەن بىرلىشىپ تور تېلېۋىزىيىسىنى ياساپ چىقتى، ئىزدەش كەسپىمۇ تېلېۋىزىيەگىچە ئۇزاردى. بەيدۇ بىلەن خۇاشۇ كېلىشىم تۈزۈپ، تور تېلېۋىزىيىسى ۋە قوزغاتقۇچ تېلېۋىزور ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئەڭ قورقۇنچلۇق خەۋەر شۇكى «ئالما». «ئالما ماركىلىق تېلېۋىزور» iPhoneۋە iPad نىڭ ياردىمىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىشقا زور ئۈمىد كۈتمەكتە، بىز تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ مەھسۇلات بۇ يىل 9- ئايدا iPhone 5 بىلەن تەڭ بازارغا سېلىنىدىكەن.
«تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يۇمتال ساھەسىدە ئومۇمى ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بىلەن بىرلىشىپ كېتىش» ئالمىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى ئىكەن.

 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
&  كېيىنكىسى: يوق
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

6