United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئالتە خىل ئۇسۇلى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 224    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/8/10 13:35:47
  • مەنبە: www.pc1818.net
  • 2011-08-10 10:14
  • سىز خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييار بولغىنىڭىزدا، بازاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان مەككار سودىگەرلەرنىڭ ھىيلە مىكىرلىرىگە قارتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىز كېرەك. بىز سىزگە مەخسۇس خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىمىز.
    1. ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن سىناق قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىڭ.
    ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن مالنى كۆرۈش تەلىپىنى بىۋاسىتە رەت قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مېلىدا ئېنىقكى مەسىلە بار. بۇ بازاردىكى ھەممەيلەنگە ئايان مەسىلە، ئاۋۋال سىناق قىلىپ ئاندىن پۇل تۆلەش ئاللىقاچان كەسپى نىزامغا ئايلىنىپ بولدى. سودىگەرنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس.
    2.  سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم
    سىز ئېھتىياجىڭىز بويىچە قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىشىڭىزگە قاراپ ئۆلچىمىڭىزنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن سىرتقى قېپى، رەت نومۇرى، ئېكرانى، سىستېما ئۇچۇرلىرى، قاتتىق ماتېرىياللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەڭ مۇھىم بولغان تەرەپنىڭ بىرى.
    3. ساتقۇچى تەرەپنىڭ خالىغانچە ئوبيېكتنى ئالماشتۇرۇشىغا يول قويماڭ
    ساتقۇچىلار دائىم ئاۋۋال تۆۋەن باھادىكى ماللارنى تونۇشتۇرۇپ ئاندىن ئۇ مالنىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ئانچە تونۇش بولمىغان تىپلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ سىزنى ئازدۇرۇشقا تەييارلانغانلىقى، سىز كەسكىن رەت قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئۆلچىمىڭىزنى ئۇچۇقلا دېسىڭىز بولىدۇ.
    4. ئامال بار سەپلىمىلىرىگە قارتا بەكرەك چۈشىنىش ئېلىپ بېرىڭ.
    بازار تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن مال سىزنىڭ تاللاش ئوبيېكتىڭىز بولالمايدۇ، بىر خاتىرە كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى ئۇنىڭ CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق ساقلىغۇچ، كۆرسەتكۈچ، ئېكران، دىسكا ئوقۇغۇچ قاتارلىق بىر قانچە تەرەپ بولۇپ، ئادەتتە مۇشۇ تەرەپلەرگە قارتا باغلاپ تۇرۇپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
    5. پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن چوقۇم قېپىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ
    نۇرغۇن دوستلار خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتا بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن قېپى ئېچىلىپ باقمىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋېلىش كېرەك دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، كومپيۇتېرنى تەكشۈرۈشتىكى بىرىنچى قەدەم تاشقى ئورالمىسىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش.
    6. تالونغا ياخشى قاراڭ
    بەزى دوستلار باھادىكى ئازراق ئېتىبارغا بېرىلىپ كېتىپ تالوندىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن سەل قارىغانلىق، گەرچە بەزى داڭلىق ماركىلىق ماللارنىڭ تالونى بولمىسىمۇ رەت نومۇرىغا ئاساسەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدۇ ھەم رېمونت قىلىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى مۇنتىزىم بولغان سېتىش ئورنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە تالون كېسىپ بېرىدۇ.

     
     
      &  ئالدىنقى ئۇچۇر:ئامېرىكىدا تۇنجى خايكېر بالىلار سىنىپى ئېچىلدى
    &  كېيىنكى ئۇچۇر:كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
      بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
    تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
    بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
    بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
    مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

    ICP10001556

    6