United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
گۇگېل، ئالما قاتارلىقلار ياپونىيەدىكى ئاپەتكە ئىئانە قىلدى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 223    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/3/14 20:06:25
سىنا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى، ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى ئاپىتىدىن كېيىن، گۇگېل، ئالما، Twitter قاتارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىئانە قىلىپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە تېخنىكا كۈچى چىقىرىپ ئۇلارغا ياردەم بەرگەن.
گۇگېلنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قامداش گۇرۇپپىسى ياپونىيەدە يەر تەۋرەپ بىر سائەتتىن كېيىنلا Person Finder تور بېكىتىنى ئېلان قىلغان. بۇ تور بېكەت ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئاپەت رايون ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ باشقىلارنىڭ ئاپەت ئەھۋالىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە گۇگېل ئۆزىنىڭ بېتىدە دېڭىز شاۋقۇنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.گۇگېل ياپونىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كېيىن.مىيۇرا ئالدىنقى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى بلوگىدا ئېلان قىلغان ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن:<< يەر تەۋرەپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، گۇگېلنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قامداش گۇرۇپپىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، مەزكۇر تور بېكەتنىڭ كودلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ تور بېكەت رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئاپەتكە دائىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارنى يېغىشقا باشلىغان>>.
 كېيىن.مىيۇرا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<< گۇگېل شىركىتى ياپونىيە قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىغا بۇ قېتىم 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، گۇگېلنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى ۋىدېئو تور بېكىتى YouTube بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە ئائىت بارلىق ۋېدىئولارنى يېغىپ كۆرسەتتى>>.
Twitter ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىكى بلوگىدا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسەتتى. Twitter نىڭ باياناتچىسى كارولين.پېنېر ئېلان قىلغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:<< تېخىمۇ كۆپ قوراللار ۋە ئابونت ئۇچۇرلىرىنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ، بلوگ مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ تېز بولدى>>.
ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى تۈرلۈك ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياپونىيە قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىغا ياردەم قىلغان. نۆۋەتتە، كىشىلەر ياپونىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ تور بېكىتى ياكى 90999 غا تېلېفون قىلىشى ئارقىلىق ئىئانە قىلسا بولىدىكەن. ئالما شىركىتى ئابونتلارغا iTunes ئارقىلىق ياپونىيە قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىگە پۇل ئىئانە قىلىشنى يولغا قويغان. ئالما شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<< iTunes ئارقىلىق ئىئانە قىلىنغان پۇللارنىڭ ھەممىسى ياپونىيە قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ>>.
مىكروسوفت شىركىتىمۇ ياپونىيىنىڭ ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنىڭ قوللىغان بولۇپ، ھەمدە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:بەيدۇ << بەيدۇ تور كۆرگۈسى Beta1.0>> نى ئېلان قىلدى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:<<قارا مېھمانلار>> توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولدى
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

6