TechWeb تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئەگەر بىز مىكرو بلوگ مەزمۇنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشنى خالىمىساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئۇ بولسىمۇ ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. Hollur بولسا ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچۇر مىكرو مىكرو بلوگىدۇر. Hollur نىڭ قوللانغان شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن Twitter غا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، Twitter بولسا خەت سانىغا چەك قويىدۇ، Hollur ئۈنگە ئېلىنغان ئۇچۇرنىڭ ۋاقتىغا چەك قويىدۇ. ھەر قېتىم ئۇچۇرنى ئۈنگە ئېلىش ۋاقتى 20 سېكۇنت بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يېڭى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى <<ئاۋازلىق Twitter >> دەپ تەرىپلەشكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، <<ئاۋازلىق مىكرو بلوگ>> غۇلغۇلىسى كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئولتۇرالماي قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھەدە سىنا تۇنجى بولۇپ(SINA) ئىش باشلىغان، سوخۇ (SOHU) ۋە تېڭشۈن (QQ) بۇ يېڭىلىققا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. تور بېكەت ئادرېسى : http://www.hollur.com/ تور بېكەت قۇرۇلغان ۋاقتى: 2010-يىلى تور بېكەت ئوبيېكتى: بارلىق تورداشلار ئوخشىشىدىغان تور بېكەت: http://www.blaving.com |