تور بېكەت (WEB SITE)دىگىنىمىز بىر گۇرۇپپا يەككە تور بېتىنى بىر بىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ، كۆپ بەتلىك تور بېكەت ھۆججىتى ھاسىل قىلىشنى
كۆرسىتىدۇ . تور بېكەت INTERNET تورى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم بىر ئۇچۇر توپلانما نۇقتىسى بولۇپ، WWW تور نامى ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ .
زىيارەت قىلماقچى بولغان تور بېكەتنى تەشكىل قىلىدىغان تور بەت ھۆججەتلىرى مۇستەقىل بولغان مۇلازىمېتىر ۋە ياكى مەۋھۇم مۇلازىمېتىرغا
يوللانغاندىلا ئاندىن زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ .تور بېكەت ئاساسەن تور نامى ( تور بەت ئادرىسى) ۋە تور بېكەت بوشلۇقىدىن تەركىپ تاپىدۇ
. تور بېكەتلەر ئادەتتە بېكەت بوشلۇقىنىڭ چوڭ – كىچىكلىگى ، ئورنى ، تور سۈرئىتى ، ئىشلىتىلگەن يۇمشاق دېتال پروگراممىلىرىنىڭ
ماسلىشىشچانلىقى ،بىخەتەرلىكلىگى ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆلچەم قىلىنىدۇ . |