بوشلۇق ئالغاندىكى ھەرقايسى چەكلىمىلەرنى تەپسىلىي چۈشىنىش |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 137 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 21:38:37 |
بوشلۇق ئالغاندىكى ھەرقايسى چەكلىمىلەرنى تەپسىلىي چۈشىنىش , ئادەتتە توردىن بوشلۇق سېتىۋالغاندا ئاقما مىقدار(流量) دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندە دەل مۇشۇ ئاقما مىقدار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز. مۇلازىمىتىرىدكى ئاساسلىق ئاقما مىقدار تۆۋەندىكى 3 قىسىمغا بۆلىنىدۇ: 1-تور ئاقما مىقدار : تورنىڭ بىۋاستە ئاقما مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئاقما مىقدار چەكلىمىسى(流量限制) ئەڭ ئېغىر بولغان چەكلىمە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن : 10 گىگابايتلىق ئاقما مىقدار ، ئادەتتە كۈنىگە 50 ئادەم چىقىدىغان توربەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا 1 ئايدا تۈگەيدۇ ، شۇنداق بولغاندا ، 1 ئايدىن كېيىن بوشلۇقىڭىز تامامەن تاقىلىدۇ. ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ. يەنە مەسىلەن ، سىز بىر توربوشلۇقى سېتىۋالدىڭىز ، بۇ بوشلۇقنىڭ ئايلىق ئاقما مىقدارى 100 مېگابايت بولسا ، ناۋادا بوشلۇقىڭىزغا 10 مېگابايتلىق يۇمشاق دېتالنى باشقىلارنىڭ چۈشۈرىشىگە بەرسىڭىز ، 10 ئادەم چۈشۈرسىلا ، بوشلۇقىڭىزنىڭ 100 مېگابايت ئاقما مىقدارىنى يەپ بولغان بولىدۇ ، شۇنداق بولغاندا بوشلۇقىڭىز توختايدۇ. ھەل قىلىش چارىسى ، ئاقما مىقدار چەكلىمىسى يوق بوشلۇق ئېلىش ياكى ئاقما مىقدار چەكلىمىسىنى يۇقىرلىتىش. 2-CPU چەكلىمىسى (CPU限制) : قارىماققا بۇ چەكلىمىنىڭ IIS ۋە تور ئاقما مىقدارىغا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بوشلۇققا قويغان ھۆججەتلىرىمىز ئابونت تەرەپتىن ھەر قېتىم زىيارەت قىلىنغىنىدا مۇلازىمىتىرىدىكى CPU نىڭ بەلگىلىك قىسىمىنى ئىشلىتىدۇ. شۇنداقلا بۇنى بىرخىل شەكلى ئۆزگەرگەن تور ئاقما مىقدار چەكلىمىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئادەتتە سەل كۆپرەك ئادەم توربەتنى بىرلا ۋاقىت زىيارەت قىلغىنىدا ، مۇشۇ توربەت قويۇلغان بوشلۇقنىڭ CPU سىدا مەشغۇلات ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە CPU نىڭ خىزمەت مىقدارى ئېشىپ بارىدۇ . مەسىلەن 10 پىرسەنت ياكى 15 پىرسەنت دېگەندەك. توربەتنى نورمال يېڭىلاش(刷新) ياكى 15 سېكونت ئىچىدە يېڭىدىن ئۇلانمىغا ئېرىشىش CPU نى 1 پىرسەنت خىزمەت ئۈنۈمىنى خورىتىدۇ. ئادەتتە 1 پىرسەنت CPU خىزمىتى 20 دانە IIS ئۇلانمىسىغا باراۋەر بولىدۇ. بۇ ئادەتتە مۇنبەر پروگراممىلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم . ناۋادا CPU چەكلىمىسى ئازراقلا تۆۋەن بولۇپ قالىدىكەن ، مۇنبەرنىڭ نورمال يۈرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 3-IIS ئۇلىنىش چەكلىمىسى(IIS连接限制) : توربەتكە بىرلا ۋاقىتتا كىرىدىغان ئادەمنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. 300 IIS چەكلىسىمىگە ئىگە بىر بوشلۇققا قويۇلغان توربەتلەرنى بىرلاۋاقىتتا كۆپ بولغان نەزەرىيە جەھەتتىن 300 ئادەم زىيارەت قىلالايدۇ. 300 دىن ئېشىپ كەتكىنى نورمال زىيارەت قىلالمايدۇ. ئادەتتە 1 پىرسەنت CPU خىزمىتى 20 دانە IIS ئۇلانمىسىغا باراۋەر بولىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا ، دۇنيادا ھېچقانداق ئاقما مىقدار چەكلىمىسى يوق تور بوشلۇقى بولمايدۇ. ئومومەن يۇقىرقىدەك 3 چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ ، قايسى جەھەتتە كۈچەيتىپ ئىشلىتىش ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا باغلىق بولىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ توربېتىڭىز HTML ھالەتتىكى تىنىچ توربەت بولۇپ ، CPU غا نىسبەتەن كۆپ ئېھياجى چۈشمىسە ئۇ ھالدا سىز بوشلۇق سېتىۋالغاندا CPU غا چەكلىمە قويىدىغان بوشلۇق سېتىۋالغىنىڭىز مۇۋاپىق ، بۇنداق بولغاندا بولغاندا توربېتىڭىزنىڭ بىرلاۋاقىتتا كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ زىيارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايسىز. ناۋادا سىز مۇنبەر پروگراممىسى ياكى يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز تورپروگرامىىسى يېزىپ بوشلۇققا يوللىماقچى بولسىڭىز ، IIS قا چەكلىمە قويىدىغان بوشلۇق سېتىۋالغىنىڭىز ياخشى . چۈنكى HTML بولمىغان ھەركەتچان تور پروگراممىلىرى CPU غا نىسبەتەن تەلىۋى يۇقىرى بولۇپ ، بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە بىرلاۋاقىتتا زىيارەت قىلىۋاتقان ئابونتلىرىڭىز توربېتىڭىزنى نورمال زىيارەت قىلالمايدۇ. شۇڭا سىز نەق IIS قا چەكلىمە قويىدىغان بوشلۇق سېتىۋالغىنىڭىز ياخشى . بىرلا ۋاقىتتا تورغا ئۇلىنىش ۋە توربەت زىيارەت قىلىش ھەققىدە : 1. زىيارەت قىلغۇچى توربەتنى ئاچقىنىدا ، چوقۇم بېكەتنىڭ TCP كېلىشىمى بىلەن ئۇلىنىش قۇرىدۇ. بۇ ئۇلىنىش جەريانى مۇلازىمىتىرىدىن ئۇچۇر ئوقۇۋاتقاندا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇچۇر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يوقايدۇ. شۇڭا ، بىر توربەتنى ئاچسىڭىز ، توربەت تولۇق ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇلازىمىتىربولغان ئۇلىنىشمۇ ئېتىلىدۇ. نەتىجىدە 1 دانە IIS ئۇلانمىسى شۇ زامان ئۇلىنىپ ئېتىلىپ بولدى دېگەن گەپ. لېكىن بۇ نەزەرىيە. 2.ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەم بىر توربەتنى زىيارەت قىلغىنىدا پەقەت 1 لا IIS چەكلىمىسىنى خوراتمايدۇ، ئادەتتە 1-3كىچە خورىتىشى مۇمكىن. چۇنكى قانچە كۆپ خوراتسا توربەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، بۇنى مۇلازىمتىىر ئۆزى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ. شۇڭا 30 IIS ئۇلانما چەكلىمىسى بار بىر بوشلۇقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بىرلاۋاقىتتا 15 ئادەم زىيارەت قىلسىا ، توربەت ئېچىلىش سۈرئىتى ئەڭ مۇۋاپىق ۋە زىيارەت ئادەم سانىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان بولىدۇ. 3. مۇنبەرلەرنىڭ سىتاتىسكىسىدا ، نۆۋەتتىكى توردىكىلەرنىڭ سانى ئاساسەن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە تورغاچىققانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. لېكىن بۇ مۇلازىمىتىرنىڭ IIS ئۇلىنىش چەكلمىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ.مۇنبەردە بار بولغانلارنىڭ IIS ئۇلانمىسىنى خورىتىشى ناتايىن ، پەقەت يېڭى بىر بەتنى ئاچسا ياكى يېڭىلىسا IIS ئۇلانمىسىنى ئىشلىتىدۇ ، ناۋادا بەت يېڭىلىماي ماقالە كۆرىۋاتقان بولسا IIS ئۇلانمىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك نەتىجە : يۇقىرىدا مۇنبەرلەردىكى توردىكى ئەزالارنىڭ سانى بىلەن IIS ئۇلانمىسىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق . شۇنداق بولغاندا ناۋادا بارلىق ئابونتلار ، بىرلاۋاقىتتا توربەتنى ئاچمىسا ياكى يېڭىلىمىسا ، مۇنبەردىكى نۆۋەتتىكى ئەزالارنىڭ سانى مۇلازىمىتىرنىڭ IIS ئۇلانما چەكلىمىسى سانىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇقەررەر. شۇڭا 300 IIS ئۇلىنىش چەكلىمىسىگە ئىگە بىر بوشلۇققا قويۇلغان مۇنبەردە نۆۋەتتە توردا بار بولغان ئەزالارنىڭ سانىنىڭ 1000 مۇ بولالايدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولالايدۇ. 4. گەرچە مۇلازىمىتىردىكى مەلۇم بوشلۇق نىسبەتەن IIS ئۇلىنشى چەكلىمىسىنى ... |
|
|
|
|