كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان كاشىلىلارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن كاشىلىلارنى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا كومپيۇتېر كاشىلىلىرىنى قاتتىق دېتالدىكى كاشىلا ۋە يۇمشاق دېتالدىكى كاشىلىلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال كاشىلىلىرى كومپيۇتېر قاتتىق دېتال سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى، فىزىكىلىق بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ. كومپيۇتېردا يۈز بەرگەن قاتتىق دېتال كاشىلىلرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقى، يۈز بېرىش سەۋەبى، يۈز بەرگەن ئورنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 1. يۈز بەرگەن كاشىلىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىغا ئاساسەن ھەقىقىۇ لاشىلا ۋە ساختا كاشىلا دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ھەقىقىي كاشىلا _ كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىدىكى ئېلېكترون توك يوللىرى، مېخانىكىلىق، ئوپتىكىلىق قىسىملىرىدىكى فىزىكىلىق بۇزۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كاشىلىلار كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن ئىقتىدارىنى يوقىتىش، ھەتتا كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساختا كاشىلا _ كومپيۇتېر قاتتىق دېتال سىستېمىسى نورمال، بىراق قاتتىق دېتالنىڭ قاچىلىنىشى، تەڭشىلىشى، قوزغىتىغ پروگراممىسىنىڭ نورمال بولماسلىقى، سىسرتقى ئامىل (مەسىلەن: توك بېسىمى، تېمپېراتۇرا) قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ. 2. يۈز بەرگەن كاشىلىنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا. كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىدا نۇرغۇنلىغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۆزەكلىرى، كوندېنساتور، كرىستال لامپا ... قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىشى، ئىچكى قىسمىنىڭ بۇزۇلۇشى، زەرەت قويۇپ بېرىشى، چاستوتا خاسلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كاشىلىلار. (2) ياساش تېخنىكىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئېلېكترون دېتاللىرىنى كەپشەرلىگەندە، ساختا كەپشەرلەش، ئارىلىقنىڭ بەك يېقىن بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن چاڭ _ توزان ۋە نەملىك تەسىرىدە قىسقا تۇتىشىپ قېلىش. باسما توك يولىدىكى مىس پەردىنىڭ يېرىلىشى، ئۇلانغان جايلارنىڭ ياخشى تۇتاشماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. (3) كونىراش خاراكتېرىدىكى كاشىلىلار. مېخانىكىلىق قىسىملارنىڭ بۇزۇلۇشى. مەسىلەن: پىرىنتېر يىڭنىسىنىڭ سۇنىشى، ماگنىتلىق دىسكا، ماگنىتلىق باشنىڭ بۇزۇلۇشى، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كۇنۇپكىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىشى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇشى. مەسىلەن: ئېكران نۇرىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى، كوندىنساتور، توپلاشتۇرۇلغان توك يوللىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىشى قاتارلىق كاشىلىلار. (4) ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئۆزگىرىشچان توك مەنبەسىگە يېقىن جايدىكى كوندىنساتور، ئىندۇكسىيىگە سەزگۈر دېتاللارنىڭ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كاشىلىلار. (5) مېخانىكىلىق كاشىلىلار. كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىدىكى مېخانىكىلىق قىسىملارنىڭ سۈركىلىشى، سۇنىشى، ئۇپرىشى، يۆتكىلىپ كېتىشى، ئېلاستىكىلىقىنىڭ يوقىلىشى ... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. (6) ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يوقىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. بۇ ئاساسلىقى يۇمشاق دىسكا ۋە قاتتىق دىسكىنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يوقىلىشى سەۋەبىدىن دىسكىدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. 3. يۈز بەرگەن كاشىلىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بەش تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) توك مەنبە كاشىلىسى: توك مەنبەنىڭ نورمال توك بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا. (2)ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ كاشىلىسى: ھەرخىل ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ كۈيۈپ كېتىشى، بوشاپ قېلىشى، ياخشى تۇتاشماسلىقى، تېمپىراتۇرىنىڭ بەك ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. (3) ئۇلاش سىملىرىدىكى كاشىلا: ئاساسىي ماشىنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى قىسىملارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كابىل، سىملارنىڭ بوشاپ قېلىشى، ئاجراپ كېتىشى، خاتا ئۇلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. (4) تەڭشەش سىمىدىكى كاشىلا: باسما توك يولى تاختىسىدىكى تەڭشەش سىملىرىنىڭ ئاجراپ كېتىشى، خاتا ئۇلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. (5) قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلاشماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا: بۇ ئاساسلىقى قاتتىق دېتاللار بىلەن ئۆزەك پلاستىنكا ماسسلاشماسلىقى، تېزلىكى ۋە چاستوتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كاشىلىلار. (6) توك مەنبەسى، ئېلېكتر بېسىمىنىڭ نورمال بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.
كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ مەشغۇلار سىستېمىسى ئىشلىتىشىنىڭ توغرا بولماسلىقى، سىستېمىنىڭ نورمالسىز بولۇشى، پارامېترلىرىنىڭ توغرا تەڭشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە نورمال ئىشلىمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يۇمشاق دېتاللاردا كۆرۈلىدىغان كاشىلىنىڭ 80٪ ى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. (1) قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىلىرىنىڭ قاچىلىنىشى توغرا بولماسلىقىدىن، قاتتىق دېتالنىڭ ئىشلىمەسلىكى ياكى نورمالسىزلىقى. (2) كومپيۇتېر سىستېمىسىدا يۇمشاق دېتاللار بىلەن قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلاشماسلىقى. (3) CMOS پارامېترلىرىنىڭ خاتا تەڭشىلىشى. (4) ۋىرۇسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى. (5) ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرغۇچىنىڭ توغرا بولماسلىقى. (6) مەشغۇلات سىستېمىسى ۋاقىتلىق ساقلايدىغان «ئەخلەت ھۆججەت» لەرنىڭ كۆپ بولۇشى. يۇمشاق دېتاللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارنى تۆۋەندىكى بەش تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) يۇمشاق دېتال ۋە سىستېمىسىنىڭ ماسلاشماسلىقى سەۋەبىدىن ئىجرا بولماسلىق، قېتىۋېلىش، بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىش قاتارلىقلار.
(2) يۇمشاق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتاللار ۋە پروگراممنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى، ساقلانغان رايون، خىزمەت رايونى قاتارلىق جەھەتلەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، سىستېمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى قاتارلىق كاشىلىلار. (3) خاتا مەشغۇلات سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئىشلەتمەيدىغان بۇيرۇقلارنى بېرىش، تاللىمايدىغان مەشغۇلاتلارنى تاللاش، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى پروگراممىلارنى ئىجرا قىلىش، دىسكا مەشغۇلات پروگراممىلىرى، سىناش خاراكتېرىدىكى پروگراممىلارنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى، دىسكىنىڭ فورماتلىنىشى ياكى بۇزۇلۇشى قاتارلىق كاشىلىلار. (4) كومپيۇتېر ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كاشىلىلار. كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان كاشىلىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كومپيۇتېر ۋىرۇسى ھۆججەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەتتا يوقىتىۋېتىدۇ، يوشۇرۇنۇۋېلىپ ۋاقتى توشقاندا قوزغىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەتتا كومپيۇتېر سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. (5) سىستېما تەڭشەكلىرىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. سىستېما تەڭشەكلىرىنىڭ پارامېترلىرى توغرا بولمىسا ياكى تەڭشەلمىسە، كومپيۇتېر نورمال ئىشلىمەيدۇ ياكى كومپيۇتېردا كاشىلا پەيدا بولىدۇ. كومپيۇتېردا كۆرۈلىدىغان يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرىنى ئادەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىراق مەلۇم ئەھۋالدا يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى قاتتىق دېتال كاشىلىلىرىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. |