ئاساسىي تاختا ھەققىدىكى خۇلاسە |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 124 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 21:24:24 |
ئاساسىي تاختا ھەققىدىكى خۇلاسە
ئاساسىي تاختا _ كومپيۇتېرنىڭ يادرولۇق بۆلىكى. BIOS بولسا، ئاساسىي تاختىنىڭ يادرولۇق بۆلىكى. كومپيۇتېرلاردا كاشىلا كۆرۈلگەندە ئاساسىي تاختىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە BIOS نىمۇ تەكشۈرۈش زۆرۈردۇر. چوتكا بىلەن ئاساسىي تاختىنى پاكىز تازىلاپ، ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارتىلارنى چىقىرىپ ئاساسىي تاختا بىلەن تۇتىشىدىغان قىسمىنى پاكىز تازىلاپ، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئاساساىي تاختىدا كاشىلا كۆرۈلسە سىستېما نورمال ئىشلىمەيدۇ، ئاساسىي تاختىدا كاشىلا كۆرۈلسە ئاسان بايقىغىلى، ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. كۆپىنچە كاشىلىلار تۆۋەندىكىدەك سەۋەنلەردىن پەيدا بولىدۇ. 1. ئاساسىي تاختىدىكى دېتاللارنىڭ ياخشى تۇتاشماسلىقى، ئاساسىي تاختىغا نۇرغۇن دېتاللار سەپلەنگەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، تور كارتىسى.... قاتارلىقلار، بۇلار ئاساسىي تاختىغا توغرا ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا ياكى چاڭ _ توزان، ئوكسىدلىنى سەۋەبىدىن ئاساسىي تاختا بىلەن ياخشى تۇتاشمىغان ئەھۋالدا ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ. 2. ئاساسىي تاختىنى توغرا تەڭشىمەسلىك. ھازىرقى ئاساسىي تاختىلار يۇمشاق سىم ئاتلاتقۇچ (软跳线)، قاتتىق سىم ئاتلاتقۇچ (硬跳线) ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. سىم ئاتلاتقۇچ توغرا تەڭشەلمىسە ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: CPU نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە CPU نىڭ توك بېسىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەگەر CPU نىڭ توك بېسىمى نورمال دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە كومپيۇتېر قوزغالمايدۇ. 3. ئاساسىي تاختا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولمىسا، يېڭىدىن قاتتىق دېتال سەپلەنگەندە نورمال ئىشلىمەي قېتىۋېلىشى .... قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ. 4. ئاساسىي تاختىدىكى ئېلېكترون دېتاللارنىڭ بۇزۇلۇشى. بۇخىل كاشىلا ئاساسىي تاختىدىكى ئېغىر كاشىلا بولۇپ، ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەرنىڭ كۆيۈشى، كوندېنساتور قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە باشقا ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ كاشىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. |
|
|
|