كومپيۇتېر كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پرىنسىپلىرى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 155 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 21:23:22 |
(1) ئاۋۋال سىرتى، ئاندىن ئىچى. ئاۋۋال ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىرتىنى تەكشۈرۈش. مەسىلەن: مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلىرى، ئۇلاش ئېغىزلىرى ... قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىچكى قىسمىنى تەكشۈرۈش. (2) ئاۋۋال قوشۇمچە، ئاندىن ئاساسلىق. ئادەتتە ئاساسىي ماشىنا سىرتقى ئۈسكۈنىلەرگە قارىغاندا ئىشەنچلىك بولغاچقا، ئاۋال سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن ئاساسىي ماشىنىنى تەكشۈرۈش. (3) ئاۋۋال توك مەنبەنى، ئاندىن باشقا ئۈسكۈنىنى. ئادەتتە توك مەنبەلىرىدە كۆپرەك كاشىلا كۆرۈلىدۇ. توك مەنبە نورمال بولمىسا، باشقا ئۈسكۈنىلەرمۇ نورمال ئىشلىمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال توك مەنبەنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى، بىخەتەر سىمنىڭ ساق ياكى كۆيگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، چىقىرىش توك بېسىمىنىڭ نورمال دائىرىسى 5V ۋە 12Vنى ئۆلچەش. ئاندىن باشقا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش كېرەك. (4) ئاۋۋال ئۇنىۋىرسال، ئاندىن مەخسۇس. ئاۋۋال سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇنىۋىرسال ئۆزەكلەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن كېيىنكى مەخسۇس ئۆزەكلەرنى تەكشۈرۈش. |
|
|
|