ئادەتتە بەزىلەر كومپيۇتېردىكى خەتنىڭ چوڭراق بولۇشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا كىچىكلىتىپ كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تور بىكەت زىيارەت قىلغاندىمۇ شۇنداق، ئەمما تور بىكەت ئىشلىگۈچىلەر ئادەتتە بىرخىل خەت نۇسخىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ تور بىكەت ياسايدۇ، بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تور بىكەت زىيارەت قىلغاندا ياكى كومپيۇتېردا مەشخۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا بىز خەت نۇسخىسىنى چوڭايتىپ ياكى كىچىكلىتىپ كۆرمەكچى بولغان رايۇن ئۈستىدە Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ ئوتتۇردىىكى كىچىك چاقنى ئارقىغا سۈرسەك خەت چوڭىيىپ كۆرۈنىدۇ، ئالدىغا سۈرسەك كىچىكلەپ كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تور بىكەت زىيارەت قىلغاندا تور زىيارەت قىلغۇچنىڭ تىزىملىكىدىكى 查看 دىن 文字大小 تۈرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغىنىنى تاللاپ قويساقمۇ خگتنى چوڭايتىپ ياكى كىچىكلىتىپ كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . |