كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن قاتتىق دىسكا يوق، دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. قوزغاتقۇچ دىسكا بىلەن قوزغاتقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا قاتتىق دىسكا يوق، قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 103 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 21:09:04 |
ئالدى بىلەن BIOS دىن قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ئەگەر BIOS دا قاتتىق دىسكا كۆرۈنمىسە، بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: (1) قاتتىق دىسكىنىڭ توك مەنبە سىمى ئۇلانمىغان ياكى ياخشى تۇتاشمىغان، ئۇچۇر سىمى ئۇلانمىغان ياكى بۇزۇلغان، باشقا ئۇچۇر سىمى بىلەن باشقا IDE ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلاڭ. (2) قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلاش توك يولىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. قاتتىق دىسكىنى باشقا كومپيۇتېرغا چېتىپ سىناپ كۆرۈڭ. BIOS قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرەلمىگەن، ئەمما سىستېما قوزغالمىغان بولسا سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: (1) قاتتىق دىسكا رايونىغا ئايرىلمىغان ھەم فورماتلانمىغان. (2) سىستېما بۇزۇلغانلىق سەۋەبىدىن قوزغالمىغان. (3) ئېغىر دەرىجىدە فىزىكىلىق بۇزۇلغان. |
|
|
|