سۇيۇق كرىستال ئېكراننى LCD تازىلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 128 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 20:21:49 |
سۇيۇق كرىستال ئېكراننى LCD تازىلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: (1) سۇيۇق كرىستال ئېكراننى ئىشتارلىق، كىسلاتالىق يۇغۇچلاردا ياكى ئىسپىرتقا چىلانغان نەرسىلەر بىلەن سۈرتمەسلىك. (2) سۇنى بىۋاستە پۈركىمەسلىك كېرەك. ئەڭ ياخشى نەمدەلگەن ياكى يۇمشاق پاختا بىلەن يېنىك تازىلاش كېرەك.
سۇيۇق كرىستال ئېكراننى ئاسراش. (1) كۈچلۈك سىلكىنىش، كۈچلۈك زەربىدىن، بېسىمدىن ساقلىنىش. (2) ئىچىنى ھەرگىز ئېچىشقا بولمايدۇ! يېڭى ئېكراننىڭ چاستوتىسى بەك تۆۋەن. مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئېكراننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان ئېكراننىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن ئوپتىك دىسكىدىن ئېكراننىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ ياكى توردىن ئەڭ يېڭى قوزغىتىش پروگراممىسىنى تېپىپ قاچىلاڭ.
كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكراننىڭ كۆك رەڭدە كۆرۈنۈشى. ئېكران ئچۇر سىمىنىڭ ئېگىلىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئۇلاش ئېغىزىدىكى يىڭنىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولغان. ئېگىلىپ كەتكەن يىڭنىنى تۈزلەڭ ھەم ئۇچۇر سىمىنى تەكشۈرۈڭ. ئوڭشاش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا ئۇچۇر سىمىنى ئالماشتۇرۇڭ. |
|
|
|