United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 112    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 20:19:48
كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى
كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ مەشغۇلار سىستېمىسى ئىشلىتىشىنىڭ توغرا بولماسلىقى، سىستېمىنىڭ نورمالسىز بولۇشى، پارامېترلىرىنىڭ توغرا تەڭشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە نورمال ئىشلىمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يۇمشاق دېتاللاردا كۆرۈلىدىغان كاشىلىنىڭ 80٪ ى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(1) قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىلىرىنىڭ قاچىلىنىشى توغرا بولماسلىقىدىن، قاتتىق دېتالنىڭ ئىشلىمەسلىكى ياكى نورمالسىزلىقى.
(2) كومپيۇتېر سىستېمىسىدا يۇمشاق دېتاللار بىلەن قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلاشماسلىقى.
(3) CMOS پارامېترلىرىنىڭ خاتا تەڭشىلىشى.
(4) ۋىرۇسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى.
(5) ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرغۇچىنىڭ توغرا بولماسلىقى.
(6) مەشغۇلات سىستېمىسى ۋاقىتلىق ساقلايدىغان «ئەخلەت ھۆججەت» لەرنىڭ كۆپ بولۇشى.
يۇمشاق دېتاللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارنى تۆۋەندىكى بەش تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
(1) يۇمشاق دېتال ۋە سىستېمىسىنىڭ ماسلاشماسلىقى سەۋەبىدىن ئىجرا بولماسلىق، قېتىۋېلىش، بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىش قاتارلىقلار.
(2) يۇمشاق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتاللار ۋە پروگراممنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى، ساقلانغان رايون، خىزمەت رايونى قاتارلىق جەھەتلەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، سىستېمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى قاتارلىق كاشىلىلار.
(3) خاتا مەشغۇلات سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئىشلەتمەيدىغان بۇيرۇقلارنى بېرىش، تاللىمايدىغان مەشغۇلاتلارنى تاللاش، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى پروگراممىلارنى ئىجرا قىلىش، دىسكا مەشغۇلات پروگراممىلىرى، سىناش خاراكتېرىدىكى پروگراممىلارنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ھۆججەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى، دىسكىنىڭ فورماتلىنىشى ياكى بۇزۇلۇشى قاتارلىق كاشىلىلار.
(4) كومپيۇتېر ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كاشىلىلار. كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان كاشىلىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كومپيۇتېر ۋىرۇسى ھۆججەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەتتا يوقىتىۋېتىدۇ، يوشۇرۇنۇۋېلىپ ۋاقتى توشقاندا قوزغىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەتتا كومپيۇتېر سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
(5) سىستېما تەڭشەكلىرىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. سىستېما تەڭشەكلىرىنىڭ پارامېترلىرى توغرا بولمىسا ياكى تەڭشەلمىسە، كومپيۇتېر نورمال ئىشلىمەيدۇ ياكى كومپيۇتېردا كاشىلا پەيدا بولىدۇ.
كومپيۇتېردا كۆرۈلىدىغان يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرىنى ئادەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىراق مەلۇم ئەھۋالدا يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرى قاتتىق دېتال كاشىلىلىرىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:سىغىمى چوڭ ھۆججەتنى كۆچۈرگەندە ...
&  كېيىنكى ئۇچۇر:BIOS نېمە ئۈچۈن CPU شامالچىنىڭ ئايلىنىش تىزگىنىنى ئۆلچىيەلمەيدۇ؟
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

13