كومپيۇتېر قېتىۋېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى
قاتتىق دېتال: (1) قىزىپ كېتىش. ئېكران، توك مەنبە، CPU قاتارلىقلار كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان قاتتىق دېتاللار بولۇپ، سوۋۇتۇپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ CPU قىزىپ كەتسە، كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ كومپيۇتېر قېتىۋالىدۇ. (2) يۆتكەش. كومپيۇتېر ئورنىنى يۆتكەش جەريانىدا سىلكىنىش سەۋەبىدىن قاتتىق دېتاللارنىڭ بوشاپ قېلىش، ياخشى تېگىشمەسلىكى سەۋەبىدىن كومپيۇتېردا قېتىۋالىدىغان ھادىسە شەكىللىنىدۇ. (3) چاڭ _ توزان. چاڭ _ توزاننىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە توك يول تاختىلىرىدا قىسقا تۇتىشىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، كومپيۇتېر قېتىۋېلىش ياكى قاتتىق دېتاللاردا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ. (4) CMOS پارامېترلىرىنىڭ خاتا تەڭشىلىشى. CMOS دىن قاتتىق دېتاللارنىڭ پارامېترلىرىنىڭ خاتا تەڭشىلىشى سەۋەبىدىن كومپيۇتېر قېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (5) ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماسلىشالماسلىقى. قاتتىق دېتاللارنىڭ بىر _ بىرىنى قوللىماسلىقى، توقۇنۇشۇپ قېلىشى ياكى ياخشى ماسلىشالماسلىقى سەۋەبلىك كومپيۇتېردا قېتىۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. (6) يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتالنىڭ ماسلىشالماسلىقى. 3D يۇمشاق دېتاللار، بىر قىسىم ئالاھىدە يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاتتىق دېتاللار بىلەم ماسلىشالماسلىقى ياكى قوللىماسلىق سەۋەبلىك قېتىۋېلىش ھادىسىسى. (7) ئىچكى ساقلىغۇچ. ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بوشاپ قېلىشى، ياخشى تېگىشمەسلىكى، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك قېتىۋېلىش ھادىسىسى. (8) قاتتىق دىسكا. قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ كونىرىشى، لوگىكىلىق ۋە فىزىكىلىق بۇزۇلۇش سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (9)CPU.CPU نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سەۋەبلىك CPU نىڭ مۇقىم، نورمال ئىشلىمەسلىكى سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (10) قاتتىق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشى، قاتتىق دىتاللارنىڭ توقۇنۇشى سەۋەبلىك نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ قېتىۋېلىش ھادىسىسى. (11) ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى يېتىشمەسلىك. ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە ياخشى. بەزىدە چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارغا ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن قېتىۋېلىش. (12) قاتتىق دېتال سۈپىتى. بىر قىسىم ساختا، سۈپىتى ناچار قاتتىق دېتال سەپلەنگەن بولسا، قاتتىق دېتال سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇش سەۋەبىدىن قېتىۋېلىش. يۇمشاق دېتال: (1) ۋىرۇس. كومپيۇتېرغا ۋىرۇس يۇققان بولسا، كومپيۇتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى، تەكرار قېتىۋېلىش، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كېتىشى، ئاساسىي تاختا، قاتتىق دىسكىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە كومپيۇتېردا تەكرار قېتىۋېلىش مەيدانغا كېلىدۇ. (2) سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ ئۆچۈپ كېتىشى. سىستېما ھۆججەتلىرى تولۇق بولغاندىلا سىستېما نورمال ئىشلەيدۇ. بىر قىسىم سىستېما ھۆججەتلىرىنى خاتا ھالدا ئۆچۈرۈۋېتىش سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (3) DLL ھۆججەتلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى. مەلۇم يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرۈش جەريانىدا DLL ھۆججەتلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (4) قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنىڭ يېتىشمەسلىكى. قاتتىق دىسكىدىكى بوش ئورۇن يېتىشمەسلىك ياكى ھۆججەتلەرنىڭ زور دەرىجىدە پارچىلىنىپ كېتىش سەۋەبلىك قېتىۋېلىش.
(5) يۇمشاق دېتال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. يۇمشاق دېتال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا مەشغۇلات خاتا بولۇش ياكى خاتا تەڭشەش سەۋەبىدىن ياخشى ماسلىشالماي قېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (6) سىناق نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتال. سىناق نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرخىل BUG ياكى شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قېتىۋېلىش. (7) يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش _ ئۆچۈرۈش. كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئۆچۈرۈش جەريانىدا تىزىملاش جەدىۋىلى ۋە Windows مۇندەرىجىسىدە زور دەرىجخدە كېرەكسىز ھۆججەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (8) ساختا نەشىردىكى يۇمشاق دېتال. ساختا نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارغا يوشۇرۇنغان ۋىرۇس ياكى بىر قىسىم ئالاھىدە پروگراممىلار سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە قېتىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. (9) يۇمشاق دېتال ماسلىشالماسلىق. بىر قىسىم ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتال بىلەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ماس كەلمەسلىكى ياكى ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قېتىۋېلىش. (10) ئىجرا قىلىنغان پروگراممىنىڭ كۆپ بولۇشى. ئېھتىياج سەۋەبىدىن كۆپ مىقداردىكى پروگراممىلارنى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىجرا قىلغاندا ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە مەۋھۈم ئىچكى ساقلىغۇچتا خاتالىق كۆرۈلۈش سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (11) قائىدىسىزلىك. كومپيۇتېرنى قائىدىلىك ئۆچۈرمەي، بىۋاستە توك مەنبەسىدىن ئۈزۈپ ئۆچۈرگەندە، سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى يوقاپ كېتىشى سەۋەبلىك قېتىۋېلىش. (12) ئىچكى ساقلىغۇچتىكى توقۇنۇش. كومپيۇتېر نورمال ئىشلەۋېتىپ، توساتتىن قېتىۋالغاندا قايتا قوزغالسا نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ خىل ھادىسە ساختا قېتىۋېلىش بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچتىكى پروگراممىلارنىڭ توقۇنۇشى سەۋەبىدىن بولغان. |