United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 97    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 18:36:09
كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟

كومپيۇتېر (COMPUTER ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى، ئېلېكترونلۇق مېڭە) كۆپ مىقداردىكى ئارىفمىتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك، تېز سۈرئەتتە بېجىرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.
باشقا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش كومپيۇتېرنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. كومپيۇتېرنى تۈرگە ئايرىش ئۇنىڭ توك يولىنىڭ توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى، ئىشلىتىلگەن تېخنىكا، ھەجمى، باھاسى، ھېسابلاش سۈرئىتى، ئىقتىدارى، ئىلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى ئىككى خىل.

قاتتىق دېتال قۇرۇلمىسى
ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ۋاستىلىك مىكرو كومپيۇتېرلار قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. قاتتىق دېتال بولسا كومپيۇتېرنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ماددىي ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ماددىي ئاساسى. يۇمشاق دېتال بولسا كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. يۇمشاق دېتال بولمىسا، قاتتىق دېتالنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، قاتتىق دېتال بولمىسا، يۇمشاق دېتال ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. پەقەت بۇ ئىككىسى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن كومپيۇتېر ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇلايدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سىستېمىسى _ ئاساسى ماشىنا، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى، چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ماگنىتلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە كۆپ ۋاسىتە ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتتىق دېتال سىستېمىسىغا باش لىنىيە قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى قاتتىق دېتاللارنى باش لىنىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىنىپ مۇكەممەل قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئاساسىي ماشىنا
كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى كومپيۇتېر خىزمىتىنى كونترول قىلىدىغان مەركەز. ئۇ نۇرغۇن قىسىملاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي ماشىنا قېپى تىك شەكىللىك ۋە ياتما شەكىللىك بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق. پەقەت قېپىنىڭ ئالدى تەرىپىدە يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، توك مەنبە كۇنۇپكىسى، قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسى (REBET)، توك مەنبە كۆرسەتكۈچ چىرىغى، قاتتىق دىسكا كۆرسەتكۈچ چىرىغى قاتارلىقلار بار. ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ كەينى تەرىپىدە ئۇلاش ئېغىزلىرى بولۇپ، بۇلار ئاساسىي ماشىنا بىلەن سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى بىر _ بىرىگە ئۇلايدۇ.
ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە ئاساسىي تاختا، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، توك مەنبەسى ۋە ھەر خىل كارتىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىسراپ قىلغۇچى ئەخلەتىنى تازىلىغۇچ
&  كېيىنكى ئۇچۇر:كومپيۇتېر قوزغالغاندا ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

10