United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
ESKكۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىت
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 110    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 18:29:50

ESKكۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
1. تورغا چىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز.
2. تورغا چىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگە تولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغان بولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.
3. ئادەتتە Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە Ctrl+Shift+Esc ئارقىلىقمۇ windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ.
4. قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئىچىدە پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈندۈرمەي تۇرۇپ تەرتىپ بويىچە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، Alt+Tab كۇنۇپكىسىنى باسمايمۇ Alt+Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بۇ پروگراممىنىڭ ۋەزىپە ئىستونىدىكى سىنبەلگىسىنى چېكىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ.
5. «ئەمەلدىن قالدۇرۇش» دېگەن تاللاش تۈرى بار كۆزنەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تاللىماقچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى بېجىرەلەيسىز.

 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:BIOS دىن مەخپىي نومۇر بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق كومپيۇتېر قوزغالغاندا مەخپىي نومۇر تەلەپ قىلماسلىق
&  كېيىنكى ئۇچۇر:قوزغىتىش تۈرىدىكى ئارتۇق تۈرلەرنى تازىلىغۇچ
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

15