IE خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى ئوڭشاش |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 10 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010-11-11 21:36:43 |
نۇرغۇن دوستلار IE نى ئىشلىتىدۇ، بىراق بۇ يۇمشاق دىتال ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلۈپ ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. مەن تۆۋەندە IE دا كۆرۈلىدىغان بىر نەچچە خاتالىق ۋە ئۇنى ئوڭشاش ھەققىدە سۆزلەيمەن: 1. يىقىندا بىر ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا IE نى ئاچسىلا خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈلۈپ، تور بەتنى نورمال كۆرگىلى بولماس بولۇپ قالدى: « internet explorer مەسىلىگە يولۇقۇپ تاقاش زۆرۈر بولدى. خاتالىق ئۇچۇرىنى ئەۋەتەمسىز؟» دەيدۇ، «ئەۋەتىمەن ياكى ئەۋەتمەيمەن» دىگەننىڭ قايسىسىغا تۇرسام، ئوخشاشلا IE تاقىلىپ قالىدۇ. ئاخىرى بۇ مەسىلىنى تىزىملاش جەدىۋىلىنى ئېچىپ، HKEY_LOCAL_MACHINESOFTWAREMicrosoftInternet ExplorerMain دىگەن يەرگە IEWatsonEnabled دىگەن ئىسىمدا DWORD تۈرىدىن بىرنى قىممېتىنى 0 قىلىپ قۇرۇپ قويسام مەسىلە ھەل بولۇپ كەتتى.
2. تۈنۈگۈن يەنە بىر ئىشخانىنىڭ كومپيۇرىدا IE نى ئاچقاندىن كىيىن تور بەتنىڭ ھىچقانداق يىرىنى تاللىغىلى بولمايدىغان، ھىچقانداق يىزىق رامكىلىرىغا خەت كىرگۈزگىلى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. IEنىڭ ھەممە تەڭشىكى نورمال، ئاخىرى سىستىمىدىن كۆرۈپ، ساق كومپيۇتېرغا سىلىشتۇرۇپ تۇرۇپ، تورغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ھۆججەتلەرنى تەكشۈردۈم، قارىسام، بۇزۇلغان كومپيۇتېرنىڭ C:WINDOWSsystem32 مۇندەرىجېسىدە mshtmled.dll ناملىق بىر ھۆججەت كەم، شۇنىڭ بىلەن ساق كومپىيۇتېردىن مۇشۇ ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ قويساملا ئوڭشىلىپ كەتتى. |
|
|
|