مۇئاش تاسمىقىنى فورمۇلا ئىشلەتمەي بېسىش |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 14 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010-11-11 21:30:23 |
مۇئاش تاسمىقىنى word邮件合并 دىن پايدىلىنىپ ياكى VBA دىن ۋە ياكى فورمۇلادىن پايدىلىنىپ بېسىشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا مۇئاش تاسمىقىنى فورمىلا ئىشلەتمەي بېسىشنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
بىز 100 ئادەم بار ، A2:L101 دا مۇئا ش ئەھۋالى A1:L1 دا مۇئاش تۈرى بار دەپ قارايلى.
بىزگە لازىملىق مۇئاش تاسمىقىنىڭ 1- قۇرىدا مۇئاش تۈرى، 2- قۇردا مۇئاش، 3- قۇر قۇرۇق بولىشى كېرەك.
1- باسقۇچ؛ ئاۋال A قاتارنى تاللاپ ئوڭنى چېكىپ تىزىملىكتىن قىستۇرۇش بۇيرۇقىنى تاللايلى A2、A3、A4 لارغا 2، ،5، 8 لەرنى كىرگۈزەيلى. بۇ كاتەكلەرنى تاللاپ تولدۇرۇش دەستىسىدىن تۇتۇپ A101 گىچە تولدۇرايلى.
2- باسقۇچ؛ A1:R1 گىچە بولغان كاتەكلەرنى كۆچۈرۈپ A102 گە ئوڭنى چېكىپ چاپلايلى. A102:L102 گىچە تاللاپ مائۇسنى تولدۇرۇش دەستىسىگە توغرىلاپ ئوڭ كۇنۇپكىنى بېسىپ تۆۋەنگە تارتىپ L200 گىچە تولدۇرايلى. مائۇسنى قويۇۋېتىپ چىققان تىزىملىكتىن复制单元格 نى تاللايلى.
3- باسقۇچ ؛ A1 گە 1 نى كىرگۈزەيلى، A102、A103、A104 لارغا 4، 7، 10 لارنى كىرگۈزەيلى. ئەمدى A102:A104 نى تاللاپ تۆۋەنگە تارتىپ A200 غىچە تولدۇرايلى.
4- باسقۇچ؛ A201、A202、A203 لارغا 3، 6 ، 9 لارنى كىرگۈزەيلى. ئاندىن كېيىن بۇ 3 كاتەكنى تاللاپ A300 غىچە تولدۇرايلى. ئەمدى بىز A قاتاردىكى نومۇرنى ئاساس قىلىپ تەرتىپلىسەكلا بىر دانە مۇئاش تاسمىقىغا ئېرىشىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا بىز يەنە A قاتارنى تاللاپ ئوڭ تىزىملىكتىن隐藏 نى تاللىۋەتسەكلا بولىدۇ. |
|
|
|