United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش >> تۈرلەر تاللاش >> Office بىلىملىرى
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
Office 2007 ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 17    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010-11-11 21:27:52

Office 2007ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا "سۆزلىيەلەيدۇ "
جۇڭگودىكى 55 ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدە،پەقەت 2 ئاز سانلىق مىللە تلا خەنزۇتىلىنى ئېغىزتىلى سۈپىتىدە
ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا خەنزۇتىلىنى قوللانغاندىن باشقا،ھەممىسى يەنىلا ئۆز تىلىدا
ئالاقە قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىلىنى قوغداشنى ئىزچىل ھالدا زور كۈچ
بىلەن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاللىقاچان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ
قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى. مۇشۇ روھ ئاساسىدا، Microsoft Office كوللېكتىپى 2006 -يىلى 11 -ئاينىڭ
ئاخىرىداسودا ئابونتلىرىغا يۈزلىنىپ تارقاتقان ئەڭ يېڭى 2007 Microsoft®Office system دا 4 خىل ئاز
سانلىق مىللەت تىلىنى قوللايدىغان قىلىپ تەمىنلەنگەن . بۇ 4 خىل مىللەت تىلى بولسا موڭغۇل تىلى، زاڭزۇ تىلى، ئۇيغۇرتىلى ۋە يىزۇ تىلى، جۇڭگودا
جەمئىي 25 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ تىللاردا ئاغزاكى ۋە يازما ئالاقە قىلىدۇ. موڭغۇل تىلىدا يېزىلغان
" جاڭگېر " ) Jiangar ( ۋە زاڭزۇ تىلىدايېزىلغان "گېسار " ) Gesar ( دىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي داستان
جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىندى. شىنجاڭدىن چىققان ئۇيغۇر تىلىدىكى
ئەسەرلەرنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ،مىلادى 11 -ئەسىرگە تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە Yusuf Hass Hajib
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ داڭلىق ئەسىرى"قۇتادغۇبىلىك " ) Kutadolu Biliq ( مۇ بار. يىزۇ مىللىتى قەدىمكى يىزۇ
تىلىنى ئىشلىتىپ زور مىقداردىكى تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،
ئۇلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىياتى قايتىدىن گۈللەندى .
ھەربىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان يېزىش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ ھازىرقىدەك كومپيۇتېر دەۋرىگە يېڭى مەسىلە
ئېلىپ كەلدى.گەرچە بۇ تىللار جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر كوللېكتىپى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس
قىلىنغان ۋە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بار بولغان كۆپ قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئۇلارنى ياخشى قوللاشقا
ئامالسىز. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرتىلى،موڭغۇل تىلى، زاڭزۇ تىلى ياكى يىزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلېكترونلۇق زاپاس
ماتېرىيال قىلىپ ياساش بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى،بۇ مىللەتلەر ئورتاق تىل بولغان _ خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىپ
بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر.بۇ مىللەتلەر ئۆز تىللىرىدا ئېلېكترونلۇق ئارخىپ ياسىيالماسلىقنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ
تىلنى نورمال ئىشلىتىشىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ،بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىشى ئېەتىمالى بولغان تىلنىڭ
يوقىلىشى مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشىغا باراۋەردۇر .

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، Microsoft ® Office گۇرۇپپىسى Office system 2007 نى ئاچقان
ۋاقىتتا بۇ 4 خىل يېزىق سېستىمىىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قوشۇپ قويدى . كومپيۇتېردا Vista مەشغۇلات
سىستېمىسى بولغاندا، بۇ خىل ئىقتىدار ئۆز رولىن ى جارى قىلدۇرىدۇ . Vista دا ئوخشاش بولمىغان تىللارنىڭ
كىرگۈزۈش سىستېمىسى تەمىنلەنگەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابونتلار Office2007 مەھسۇلاتىنىڭ مول
ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ بۇ يېزىقلارنى تەھرىرلەيدۇ.بۇ ئىقتىدارلار Microsoft Office ئابونتلىرىغا ئىنتايىن ئېنىق . Microsoft Office ئېچىش گورۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى: "بۇنداق بولغاندا بىز بۇ تىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ
ئېلېكترونلۇق زاپاسلىرىنى ياسىيالايمىز،بۇنداق خاتىرىلەش خاتىرە- قەغەز يۈزىدە خاتىرىلىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ
قولايلىق، بىخەتەربولىدۇ،شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ"دېدى . ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىنى ئىشلەتكەندىن سىرت، Office پروگراممىسى
يەنە خەنزۇ مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى
ئاشۇرىدۇ Office پروگراممىسى يەنە مۇشۇ ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇزېيخانىلىرىدا
ئىشلىتىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىز 2007 Microsoft Office system نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىنىڭ جۇڭگودىلا
ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، مۇشۇ نەچچە خىل تىلنىڭ پارلاق مەدەنىيى تىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم
قوغدىشىغا تىلەكداشمىز

 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:excelدا سان- سىپىرلارنى تېز كۆچۈرۈش
&  كېيىنكى ئۇچۇر:pptدا مۇزىكىنى ئىزچىل قويۇش
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

4