شىرىنىم تورى-كىتاب مەركىزى - ئۇيغۇر ئېكسپېدىتسىيىچىلىكى
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> ئۇيغۇرچە كىتاپلار >> رومان
ئاۋات كىتاپلار
يىراقتا قالغان مۇھەببەت
خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر
ئۆزلۈك ۋە كىملىك
جقەننەتنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن
ئۇيغۇر ئېكسپېدىتسىيىچىلىكى
كومپيۇتېردا كۆرسەتمە ئورىگنال يا..
تارىخى ھەمىدى
تارىخى رەشىدىيە
ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر
تەۋسىيە كىتاپلار
يىراقتا قالغان مۇھەببەت
خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر
جقەننەتنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن
تارىخى ھەمىدى
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئېكسپېدىتسىيىچىلىكى

  ئاپتورى : نامەلۇم
  كىتاب تۈرى : رومان
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ۋاقىت : نامەلۇم
  باھاسى : نامەلۇم
  ئاۋاتلىغى : 323
  قوشقۇچى : admin
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2008-5-26 22:16:00
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
ئۇيغۇر ئېكسپېدىتسىيىچىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كروران قەدىمكى دۆلىتى تېپىلىشى مەزمۇن قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك تارىخىي رومان ___ «كروراندىكى ئىزچىلار»

      « كروراندىكى ئىزچىلار » ناملىق ئىككى توملۇق بۇ تارىخىي رومان مۆيدىن سايىت بوستانىنىڭ ئوتتۇز يىلغا يېقىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ فولكلورى، تارىخى بىلەن ھەپىلەشكەنلىكىنىڭ بەدىئىي سەمەرىسى بولۇپ، 1860 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە بولغان يەتمىش بەش يىللىق جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. روماننى ئوقۇسىڭىز، تېخى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ـــ بەش يۈز يىلغا يېقىن دۇنيانىڭ كۆز - قۇلىقىدىن گويا پايانسىز دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس كىچىككىنە يېگانە ئارالدەك، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان، مۆجىزىدەك ئاجايىپ رىۋايەت ۋە ئەپسانىۋى پەردىلەر ئىچىدىكى سىرلىق دۇنيا ـــ لوپنور ۋە لوپنۇرلۇقلار توغۇرلۇق خېلى كەڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز ...

      پىشقەدەم شائىر، ژۇرنالىست، لوپنۇرشۇناس مۆيدىن سايىت بوستان 1935 - يىلى 5 - ئايدا كورلا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1952 - يىلى قاراشەھەر پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، 1955-يىلى 8-ئايغىچە كورلا شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا، ئاندىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ، 1995 -يىلى 6 -ئايدا پېنسىيىگە چىققان.
     مۆيدىن سايىت 1959 - يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىنىڭ 6-فېۋرال سانىدا ئېلان قىلىنغان «سەيلە قىلىلى ئايغا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قىرىق نەچچە يىللىق ئىجادىيەت پائالىيىتىنى ئەدبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىي ژۇرنالچىلىق، لوپنور فولكلورچىلىقى قاتارلىق ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مۆيدىن سايىت بوستان ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ، بىر بۆلۈك شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، شۇنداقلا دراما («تاھىر-زۆھرە») يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ژۇرنالدا ئىشلىگەن ئون بەش يىل جەريانىدا، بايىنغولىن ئەدەبىيات بوستانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە بىر تۈركۈم ئۈمىدلىك ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن تەمسىز ۋە ھالاللىق بىلەن ئىشلىگەن. «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ 1979-يىلىدىكى تۇنجى سانىدا ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە توپلىغان بىر تۈركۈم لوپنور خەلق قوشاقلىرى بىلەن ئۇنىڭ «لوپنور قوشاقلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۇ ئاساسىي دىققەت نەزىرى، ۋاقتىنى لوپنور فولكلورچىلىقىغا قارىتىپ، ئاساسلىقى لوپنور خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى، ئۇ توپلاپ تۈزگەن «لوپنور خەلق قوشاقلىرى» («ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» نىڭ 5-كىتابى) توپلىمىنى، 1991-يىلى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» نىڭ 15-كىتابىنى (باشقىلار بىلەن بىرگە تۈزگەن) نەشر قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىلى 3-سانىدا «لوپنور قوشاقچىلىقى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. «بۇلبۇل» ناملىق باللادىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» (بېيجىڭدا ئېچىلغان) دا«مۇنەۋۋەر مۇھەررىر» شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچ يۈرۈش توپلام ئىشلەش تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئۈچ يۈرۈش توپلام ئىشلەشكە رەھبەرلىك قىلىش ھەيئىتىدە مۇئاۋىن باش تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، 1993-يىلى مۇشۇ ساھەدە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان. 1991-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ «ھايات باھارى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. 2003-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىنى، 2005-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇ توپلاپ رەتلىگەن «مىنكۇن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك خەلق قىسسىسىنى نەشر قىلغان. ئۇ يەنە «لوپنور خەلق داستانلىرى» توپلىمىنى، شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان «ئاق بىكەش بىلەن بوز باتۇر» ناملىق يەتتە مىڭ مىسرادىن ئارتۇق داستانىنى نەشرگە سۇندى.


&  ئالدىنقى كىتاب:ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر
&  كېيىنكى كىتاب:كومپيۇتېردا كۆرسەتمە ئورىگنال ياساش
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 544545461,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      بېكەت مەسئۇلى : ئەكبەر

ICP10001556

26