Information Classification Center - مۇھىم ئۇچۇر - مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم...

شىرىنىم
باش بەت | خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | تۇرمۇش ئۇچۇرى | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش | ئونۋېرسال

     ئۈرۈمچى    

     ئالتاي    

     سانجى    

     غۇلجا    

     قاراماي    

     چۆچەك    

     بۆرتالا    

     كۈيتۈن    

     شىخەنزە    

     تۇرپان    

     قۇمۇل    

     ئاقسۇ    

     كورلا    

     ئاتۇش    

     قەشقەر    

     خوتەن    

     باشقىلار    

مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم...
مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم ،كۈندىلىك ئورنۇمدىن تۇرۇش ۋاقتىم چۈش سائەت 12 دىن ئەتىگەن سائەت يەتتىگە ئۆزگەردى ، كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىم سەھەردىن كەچلىك 11 گە ئۆزگەردى ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،خىزمەتتە ھەر خىل ھەر ياڭزا ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدىم، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئۇرۇق – تۇغقان ،دوست – بۇرادەرلىرىم بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار مەندىن ئىمتىھاندا نەچچە نومۇر ئالدىڭ؟ دەپ سورىماس بولدى ،بەلكى ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغى مېنىڭ ئايلىق مۇئاشىمنىڭ نەچچە پۇل ئىكەنلىكى ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ھازىرقى سۆز تېمام ھەر خىل تور ئويۇنلىرىدىن ماشىنا ۋە ئۆي سېتىۋېلىشقا ئۆزگەردى ،تاماق ۋاقتىدىكى مۇنازىرىمىز بولسا كىملەرنىڭدۇ توي قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى ياكى كىملەرنىڭ قاچان توي قىلغانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلارغا ئۆزگەردى ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئەمدى مەكتەپتىكى ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرۇقلىرىم توغرىلىق غەم قىلمىساممۇ بولىدۇ ،بىراق ماي باھاسى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ قانچىلىك ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە پايچىك باھاسىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى توغرىلىق غەم قىلىشقا باشلىدىم ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئەمدى قالايمىقان نەرسە سېتىۋالماس بولدۇم ،بەلكى ئاي ئاخىرىدا ئامانەت قەرزى ۋە ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنى تۆلىگەندىن سىرت قانچىلىك پۇل ئاشۇرۇپ قالغانلىقىمنى ھېسابلايدىغان بولدۇم ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم، ھاراق ئىچىش ۋە كارا دا ناخشا ئېيتىشتىن بارا – بارا بىزار بولۇشقا باشلىدىم ، بەلكى تەبىئەتنى ياقتۇرىدىغان ، ساغلام تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بولدۇم ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،بەزىدە ئۆزۈمچە يالغۇزلۇق ھېس قىلدىغان ،كىمنىدۇر سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم، بىز بارغانسېرى ئارزۇيىمىزغا ئىنتىلىدىغان ، ئاسان ياش تۆكمەيدىغان ، كىچىككىنە مەغلۇبىيەتلەر ئۈچۈن بەل قويىۋەتمەيدىغان بولدۇق ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،بالىلىقتىكى يەڭگىلتەكلىكلەرمۇ يوقىدى ،يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھاياتلىقتىكى قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاق دەپ قاراپ كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ،چىداشلىق بېرىدىغان بولدۇم ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەم بىز نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپتىمىز ، نۇرغۇن ئەگرى يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپتىمىز ،بىز دائىم پۇشايمانلا قىلالايمىز ،ئەمما ئۇ ساددا بالىلىقىمىز دەۋرىمىزگە قايتالمايمىز ، بىز جەمئىيەتتىكى ھەر خىل كۆرۈنمەس بېسىملار تەرىپىدىن ھالىمىزدىن كەتكەندە ئاشۇ ئۆتكەن بالىلىقىمىزنى سېغىنىمىز ، تۇرمۇشنى ئازادە بولسىكەن ،ئىشتىن چۈشۈپلا بىللە تاماق يەپ بىللە كىنو كۆرەلەيدىغان ،تۇرمۇشتىكى بېسىملارنى تەڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىپ بېرەلەيدىغان بىرەيلەننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز ،بىزتۇرمۇشتا رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج . مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم، ئەمدى يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا تورخانىغا بارمايمەن . بەلكى تېلىفۇنۇمدا يوشۇرۇنچە تورغا چىقىپ كىملەرنىڭ توردا ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقىمەن ،ئەگەر تونۇشلار بولۇپ قالسا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىمەن ،ئەمەلىيەتتە دىيىشكۈدەك گەپمۇ توق ،مۇشۇنداق قىلىپ ئۆتىدىغان گەپ ...بىزيەنە تور بوشلۇقىمىزنى يېڭىلىغاندىن كېيىن كىملەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى يېڭىلىغانلىقىنى قاراپ باقىمىز ، مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،تىت – تىت بولغان ، بىئارام بولغان ۋاقىتلاردا بورۇنقىدەك قاقشىمەيدىغان ، زارلىمايدىغان بولدۇق ، ئەكسىچە جىمجىت ھالدا كۆزىتىدىغان ، ئاڭلايدىغان بولدۇق ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن رىئال ھەم ساختا بولغان دۇنيا . مەن بۇ يىل 27-28 ياشقا كىردىم،شۇنداق يىغلىغۇم كەلسىمۇ ئەمما كۈلۈپ تۇرىمەن ،شۇنداق كۆڭۈل قويساممۇ ئەمما ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىمەن ،شۇنچىلىك قېپ قالسىكەن دىسەممۇ ئەمما كەسكىنلىك بىلەن كېتىڭ دەيمەن ،شۇنچىلىك ئازاپلىق يۈرسەممۇ قەستەن ئۆزەمنى بەختلىك دەيمەن ، ئۇنتۇيالمىغان بولساممۇ ئەمما ئۇنتۇپ كەتتىم دەيمەن ،ھەر كۈنى ئۇنى ئەسلەپ تۇرساممۇ ئەمما يەنىلا ئېتىراپ قىلمايمەن ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ ئەمما قەستەن مەن ئۈچۈن ھەممە يىتەرلىك بولدى دەپ قارايمەن ، دەۋاتقانلىرىمىنىڭ ۋىجدانىمغا خىلاپ ھالدىكى يالغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما قەستەن بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم دەيمەن ،كۆز ياشلىرىم كۆز چاناقلىرىمدا تولۇپ تۇرسىمۇ ئەمما قەددىمنى رۇس تۇتۇپ تۇرىمەن ، ئۆتكەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغىنىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما جاھىللىق بىلەن تۇرىۋالىمەن ،ئۆزۈمنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما سىز ماڭا يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش يۈز بەرمىدى دەيمەن،مۇشۇنداق ساختا قىياپەتتە يۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما يەنىلا ... مەقسىتىم ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىش ، كۆڭلۈپ شۇنچىلىك بىئارام بولسىمۇ ئەمما ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە يۈرىمەن ، پەقەت باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئازارىمنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن ، باشقىلارنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ قېلىشىنى ، ماڭا ھېسداشلىق قىلىشىنى خالىمايمەن ،بەلكى كۆڭۈل تېگىمدە ئۆزۈم جىمجىت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن ، گەرچە كۆڭۈل ئازارىم تېنىمنى ئۆرتىسىمۇ ئەمما خۇشال ھالدا «ماڭا ھېچ ئىش بولغىنى يوق » دەيمەن ئاندىن تىنچ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلىپ قالىمەن ،بۇنداق ساختا قەيسەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى باردۇ ؟خۇددى ئۆزۈم يالغۇز بارلىق ئازاپلارنى كۆتۈرۈپ كېتەلەيدىغاندەك ؟ مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، بەكلا ھېرىپ كەتتىم ... سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟كۆڭلىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ؟ ئەمما ھېچكىمگە گەپ قىلغىڭىز كەلمەيدۇ ،پەقەت جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگىڭىز ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگۈڭىز كېلىدۇ ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ئىچىڭىز تىت بولۇپ نىمىنىلا كۆرسىڭز بىئارام ھېس قىلىسىز ، ئىچىڭىز سىقىلغىنىدىن بىئارام بولۇپ بىرەر ئامال تېپىشنى ئويلايسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر سىزنى چۈشەنمەيدۇ ، ئۇلارغا سىزنىڭ گەپ قىلغۇڭىزمۇ يوق ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى دۇنيا بىلەن سىغىشالمايۋاتقاندەك ،سىز ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان نەرسە بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىپ پۈتۈنلەي باشقە نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىلىپ ھېچنەرسىگە قارىماستىن يۈك – تاقىڭىزنى يۈدۈپ يىراقلارغا چىقىپ كەتسەم دەپ ئويلايسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟باشقىلار سىزگە : سىز ئۆزگىرىپ كېتىپسىز دېگەندە ئاندىن ئۆزىڭىز ھەققىدە تۈرلۈك خىياللارغا چۆمىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ۋاقىتنىڭ سىز ئۈچۈن توختاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىسىز ، بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشالاتتىڭىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزىڭىزنى بىر يەرگە يالغۇز يوشۇرۇپ قويغۇڭىز كېلىدۇ ، بۇنداق بولغاندا باشقىلار سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى بىلەلمەيتتى ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا يىغلىغۇڭىز كەلسىمۇ ئەمما ئازاپلانغىنىڭىزدىن ھەتتا يىغلىيالمايسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ كېچە قاراڭغۇلىقىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ يالغۇزلۇقنىڭ ھەتتا تومۇرلىرىڭىزغىچە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تونۇش كوچىدا كېتىۋېتىپ تونۇش سىمالارنى ئۇچراتقىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىرەيلەننى ئەسكە ئېلىپ قالىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ كۆڭلىڭىزدە نۇرغۇن گەپلەرنى دىمەكچى بولىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ئەمما ئۇنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئىچىڭىزدە ئېيتقۇسىز بىر ئاچچىق بار ، بىرەيلەننى تېپىپ دەردىڭىزنى تۆكمەكچى ، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ روھىي ئازابىڭىزنى يېنىكلەتمەكچى ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيادا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى بىر نەرسە دەپ قارايسىز ،خۇددى دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ گەرچە ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن دوستلىرىڭىز بولسىمۇ ئەمما ئۆزىڭىزنى يەنىلا شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى مۇشۇ بىر قېتىم مەيلىڭىزگە قويۇۋەتكىڭىز كېلىدۇ ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بۇرۇنقى قارارىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئارمانلىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپ ۋە گۈزەل ، ئەمما ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ دائىم قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالىسىز ، زېرىككىنىڭىزدىن نىمە قىلىشىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغاندەك ، ئۆزىڭىزنى تاپالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنى ھەممە ئىشتىن رايى يېنىپ كەتكەندەك ، بەكلا چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ كەلگۈسىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز ، ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن كەلگۈسىڭىز خىرە بولۇپ ، ھېچ نەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدۇ ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ بىر كېچىدىلا ئۆزىڭىزنى چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ بىر كونا ناخشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىر ئادەمنى ئەسلەپ قالىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ ئۆزىڭىزگە كۆيۈنىدىغان ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم تاپقۇڭىز ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشكۈڭىز كېلىدۇ ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ مەقسەتسىزلا ئېيتىلغان سۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىگە قېلىپ ئالاقزادە بولۇپ كېتىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ دائىم بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئېسەنكىرەيسىز ، نۇرغۇن ئۆتمۈشلىرىڭىزنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ بىر مەيدان قىزغىن مۇھەببەتلەشكۈڭىز ، ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ باققۇڭىز كېلىدۇ ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟باشقىلارنىڭ چۈشىنىگە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكۈڭىز ، بىر كىشىلىك ئاددى خۇشاللىقا ئېرىشكۈڭىز كېلىدۇ ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ۋاقىت بارا – بارا ئۆتىۋاتىدۇ ، بىراق سىز بۇنىڭغا ئامالسىز ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟ تونۇش ياكى ناتونۇش بولغان سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولسا دىمەك سىز نائىلاجلىق ئىچىدە بارا – بارا ئۆسۈپ يېتىلمەكتىسىز ، نائىلاجلىق ئىچىدە بارا – بارا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار ، مەنمۇ بار .

ئالاقىلاشقۇچى :  

مەن     يوللانغان ۋاقىت :   2011/8/17

ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى :  

چچ276836931   رايون تۈرى :

   ئۈرۈمچى

دۇكان ئىجارغا بىرلدۇ
جىددى سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىىمز
شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىن ھۆكۈمەت تارمىقىد..
جىددىي ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ھۇكىمەت تارىمقىدا ئشلەپ پۇل تاپىقىڭىز بارمۇ؟؟؟؟
ئورنىمىزغا جىددىي سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىمىز
پەنەركە زاۋۇتىغا جىددى ئەر-ئايال  ئىشچى قوبۇل قىل..
ھۆكۈمەت ئۇرنىفا جىددى ئامانلىق ساقلىفۇچى قۇبۇل ق..
ئاليومىن زاۋۇتىغا جىددى  20 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل ق..
جىددى قوغداش خادىمى قوبۇل قىلىمىز
ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى 20نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ..
ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى 20نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ..
{ ۋاگۇن تازلاش ئورنىغا جىددى ئىشچى قوبۇل قلىمىز}
ھۇكھۇكۈمەت تارمىقىدىكى پاختا زاۋۇتىغا جىددى ئىشچ..
ھۇكۈمەت تارمىقىدىكى پاختا زاۋۇتىغا جىددى ئىشچى ق..

جىددىي ئۆي سىتىلىدۇ
قاراقاش تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلىلىكلەر بىناسى 3- ق..
يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ..
يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ..
دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئىچىدىن ئۆي ئىجارىگە بېرىلى..
ئۈچىنچى دوختۇرخانا يېنىدىكى ئۆي ئىجارىگە بېرىلىد..
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى يېنىدىن بىر ئېغىزلىق ئويلەر جى..
سەنئەت مەكتەپ ئالدىدا تىتو سىئوي 1200 يۇەنگە ئىجارە..
سەنئەت شويەنىنىڭ ئالدىدا يىتوسى 85 پىڭغاڭلىق ئوي ئ..
ئەرزان باھادا جىددى  ئۆي ئىجارە بىرلىدۇ.
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى يېنىدا بىر ئېغىزلىق ئۇيلەر ،قى..
كارخانا ،ئامبار قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان 500،300،2..
ساڭخاڭكو 5-ئەتىرەت ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە 800كۇۋادى..
سەنىئەت شۆيۈەننىڭ ئالدى تەرەپتە 84پىڭفاڭلىق ئۆي 12..
ئەلشىرنىڭ كەينى ئۆي ئىجارە بىرىلىدۇ ....

   تەۋسىيىلىك ئۇچۇرلار  

 

مۇراجەتنامە
پارلاندىن كارخانىچىلارغا خوش خەۋەر!(30- قىتىملىق ل..
دىئابىت(قەنت سىيىش) كېسىلىنى داۋالاشتا مۆجىزە كۆر..
بۇ كىچىك قېرىندىشىمىزنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇۋالاي..
جىددى قەرىز پۇل بېجىرىمىز
‹ئۇچ ئامان›ئايروپىلان بىلەت سېتىش مەركىزى
قۇرۇق مېۋە توپ ساتىمىز
ئۇزۇن يول ھەم شەھەر ئىچى تىلفۇن قىلسىڭىز بىر مودى..
‹ئۇچ ئامان›ئايروپىلان بىلەت سېتىش مەركىزى
   ئاۋات ئۇچۇرلار  

 

جىددىي ئۆي سىتىلىدۇ
دۇكان ئىجارغا بىرلدۇ
جىددى سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىىمز
نىكاھ  چ چ  توپى قۇرۇلدى
شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىن ھۆكۈمەت تارمىقىد..
جىددىي ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
سىمسىز تور
قاراقاش تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلىلىكلەر بىناسى 3- ق..
ھۇكىمەت تارىمقىدا ئشلەپ پۇل تاپىقىڭىز بارمۇ؟؟؟؟
خوتەننىڭ 2025858مۇقىم نۇمۇر سېتىلىدۇ
لايىق تۇنۇشتۇرۇش......
ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق يوكۇڭى ساتىمىز
ماشىنامدا كىرا قىلىمەن
ھەر خىل ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە ھەرخىل چالغۇ قاپلىرى ..
ئورنىمىزغا جىددىي سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىمىز
   ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر  

تېخىمۇ كۆپ ...

روسىيە ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىقىنىڭ ئايال ساقچىل..
ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كەلكۈن ئاپىتى 70ئادەمنىڭ بېش..
مايكول جېكسۇننىڭ دوختۇرى خاتا دورا ئىشلەتكەن دەپ..
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما:«ئىراننى قاتتىق جازالايم..
ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن ھالقىغان مې..
ئاجايىپ سىرلىق شىۋاشىنگىر مۇزېيىنى كۆرۈپ باققانم..
كىنۇ ئارتىسى ئەنجىلىنا جۇلى لېۋىيە خەلقىنى يوقلى..
جۇڭگۇ فىرانسىيەنىڭ سۇنئىي ھەمراسىنى مۇۋەپپىقەتل..
لىۋىيە سۇرىت ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا
ئەنجىلىنا جۇلى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ..
كېلىنتۇن ئەر-خوتۇن ئوباماغا مەدەت تىلىدى
مىسى مۆجىزىلىك رېكورت ياراتتى دەپ تەرىپلەندى
لايدى گاگا سەييارە ئويۇن قويۇشنى 2012-يىلى باشلايدى..
لىۋىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى سۇرتەگە ھۇجۇم قى..
شىۋاشىنگىر يۇقىرى باھادا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى چ..

شىرىنىم تورى ئۇچۇر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10201682